ھوللىيۋود فىلىملىرىنىڭ سەۋىيەسىدە ئىشلەنگەن قىسقا CG فىلىم: شەپەرەڭ پالۋان – ئاركھامنىڭ پەيدا بولۇشى
ھوللىيۋود تارىخىدا، بىر قىسىم ئويۇندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ۋە ناھايىتى ئۇتۇق قازانغان فىلىملەر بار. مەسىلەن، بىئو-خىمىيەلىك كىرزىس، ماكىس پەين، قەبرىستاندىكى ساھىبجامال دېگەندەك. ئەلۋەتتە، شۇنىڭ ئەكسىچە كۆپ قىسىم مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىنولارنىڭمۇ ئاساسەن ئويۇنلىرى بار. ھالبۇكى، بۇ كىنولاردىن ئۆزگەرتىلگەن ئويۇنلار ئىچىدە، شەپەرەڭ پالۋان ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ۋە ئۇتۇقلۇق چىققان دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
ئىلگىرى ئىككى يۈرۈش شەپەرەڭ پالۋان ئائىلىسىدىكى ئويۇننى تۈزۈپ چىققان Rocksteady خىزمەتخانىسى يېقىندا ئەڭ يېڭى ئەسىرى «شەپەرەڭ پالۋان: ئاركھامنىڭ پەيدا بولۇشى» ناملىق CG فىلىمنى ئېلان قىلدى! يېڭى يۈرۈش شەپەرەڭ پالۋان ئويۇنى مۇشۇ نامنى تۇتقا قىلغان ھېكايە ئاساسىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، شەپەرەڭ پالۋان تۇنجى قېتىم كۈچلۈك دۈشمەنلەرنىڭ بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئارىسىدا DC كومىكلىرىدىكى قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى Deathstroke ۋە DeadShot(بۇ ئىككى پېرسوناژ يېقىندا قويۇلغان چاتما تىياتىر 绿箭侠 دىمۇ چىقىدۇ) مۇ تۇنجى قېتىم «شەپەرەڭ پالۋان: ئاركھام» ئائىلىسىدىكى ئويۇنلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
قوشۇمچە: شەپەرەڭ پالۋان: ئاركھىم شەھىرى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: CG، ئويۇن، قالتىس، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,002 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: batman-arkham-orgins-cg.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئوسكار كىنو شاھلىقىنى بولسا مۇشۇلارغا بەرسە بولغۇدەك! ھايۋاناتلارنىڭ يالغاندىن ئۆلگەن بولۇۋېلىش كۆرۈنۈش توپلىمى
- كېيىنكى يازما > يەنە بىر قېتىم «غەرىبكە ساياھەت» قىلىپ باقايلى[30 يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن «غەرپكە ساياھەت» خاتېرىسى]
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
كۆرۈنۈشىدىنلا ئېسىللىقى چىقىپ تۇرىدۇ جۇمۇ…
ئاۋۇ DC كومىكلىرى دىگەن نىم گەپ ئۇ ؟
تۇنجى كۆۈرۈشۈم ئوخشايدا ما گەپنى ، بىلىدىغانلار دىۋىتىڭلا ھوي
كومىك دېگەن گەپنى تورخۇماردىمۇ جىق ئىشلىتىۋاتىمىز. بۇ خەنزۇچە 漫画، ئېنگلىزچە Comic دەپ ئاتىلىدىغان سۆز. خەنزۇچىدىكى 漫画 دېگەن سۆز يەنە ھەجۋى رەسىملەرگىمۇ ئىشلىتىلگەچ، ئۇقۇمدا خاتالىق چىقماسلىقى ئۈچۈن بىۋاستە ئېنگلىزچىدىن ئەكىرىپ ئىشلىتىۋاتىمىز. DC دېگەن Marvel غا ئوخشاش دەرىجىدىكى دۇنيادىكى يەنە بىر چوڭ كومىك شىركىتىنىڭ نامى، قول ئاستىدا شەپەرەڭ پالۋان، خاسىيەتلىك ئادەم دېگەندەك كومىكلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى بار.
چۈشەندىم بەك رەھمەت ، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇشۇ ھەرخىل پالۋانلارنىڭ ئوبرازىنى مۇشۇ كومىك شىركىتى ياراتقان ، شۇڭا بۇ پالۋان ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ كىنو فىلىم ئىشلىمەكچى بولسا چۇقۇم ما كومىك شىركىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كىرەك ۇ، يەنى ما كومىك شىركىتى ئاۋۇ بىر مۇنچە پالۋانلارنىڭ ئانىسى دىگەن گەپكەندە
ئوبرازنى شۇ شىركەت ياراتقان ئەمەس، نەشىر ھوقۇقى شۇ شىركەتلەردە. كومىك ئوبرازىنى ئادەتتە شۇ كومىكنىڭ ئاپتورى ئۆزى توقۇلما قىلىپ يارىتىدۇ.
يەنە بىر قېتىم رەھمەت ، نىمدا دۆت مەن ھېجەپ تەستە چۈشەندىم .
مەن چۈمۈلە پالۋان دەپ ئاخسا ئوبرازدىن بىژنى ياراتسام ، ما كومىك شىركىتىگە ياراپ قېلىپ مەندىن نەشىر ھۇقۇقىنى بەك جىق پۇلغا سېتىۋالىدۇ ، ئاندىن بۇ چۈمۈلە پالۋاننىڭ كىنوسىنى ئىشلىمەكچى بولغان بالىدىن نەشىر ھۇقۇقى دەپ تېخىمۇ جىق پۇل ئېلىپ چۈمۈلە پالۋان ئوبرازىنى ئالاغا ئىجارە بىرىدۇ دىگەن گەپكەندە ، ما قېتىم بەك چۈشۈنۈپ كەتتىم
چۈمۈلە پالۋان دەپ پالۋان بار، باشقا پالۋان ئىجاد قىلىڭ ئابومجان
كومىك ئۇ ئۆزى شەخسنىڭ ئەسىرى، ئۇنى بىرە شىركەت نەشىر ھوقۇقىنى سېتۋېلىپ باشقىدىن ئەسەر قىلىپ يارىتىپ تارقىتىدۇ.
بىر شىركەتتە ئادەتتە شەخسلەردىن شىركەت سېتىۋالغان بىر نەچچە كومىك بولىدۇ.
………..
مەن چۈشەنگەندەك قىلدىم…
ئۆزىڭىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپسىز ھە ، تورخۇمار كۇلۇبى دەپ چىقتى بېشىدا ئەمما ئېسىلكەن !
ئويلاپ باقسام مۇشۇ شەپەرەڭ پالۋان ،ئۆمۈچۈك پالۋان، تۈمۈر پالۋان ، چاقماق پالۋان ، ئۇچار پالۋان ، يىڭناغۇچ پالۋان ،پالۋان پالۋان دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى ئامرىكىدا چىقىدىكەن ، دۆلىتىمىزنىڭ ھىساپقا چۇشلۇق پالۋىنىمۇ يوقكەن ، بۇ نىمىشقىدۇ ؟ يەنە كىلىپ فانتازىيەلىك كىنو دىگەننى ئەدەمنىڭ ھاقلى يەتمىگىدەك دەرىجىدە تەسەۋۋۇر بىلەن ئىشلەيدۇ ، لىكىن دۆلتىمىزنىڭ ئەدەمنىڭ ئىسىدە قالغىدەك فانتازىيەلىك كىنو ئىشلەپ باققىنى كۈرۈپ باقمىدىم ، مۇشۇنىڭدىكى پەرىق زادى نىمىدۇ ؟ ما ئەمرىكىدىكى خۇماداشلار دەپ ،ھەم ئەمرىكىنى ئازتۇلا بىلىدىغانلار دەپ بېقىڭلا قېنى
ۋاي، ۋۇكۇڭنى تونۇماملا؟
ۋال ئۇ تۈك باش مايمۇننى ھىساپقا ئالمايمىز خەلقىرادا ئابومجان دەپ ئوتكەن پالۋان لاردە تەسىرى بولمىسا يا ئۇ سىغ تۈك مايمۇننىڭ …………..
ۋوجۇن ما باللىنى، كىچىكىڭلىدە مۈشۈككە مىنىۋېلىپ يولۋاس ئۆلتەگەن ۋۇسۇڭ پالۋاننى دورىغىنىڭلا ئېسىڭلىدىن كۆتۈرلۈپ كېتىپتۇدە-ھە!
ۋۇسۇڭ پالۋاننى ۋوللىۋوت ئىشلىگەن بولسا «ژۇمۇلاڭما چوققىسىدا دىنازاۋۇر ئۆلتەگەن پالۋان» دەپ ئەستە قالغۇدەك كىنودىن بىرنى ئىشلەيتى.
قىسقىچە دىئالوگ: – ۋىيەي، جىڭياڭ داۋىنىدا چاشقان ئۆلتەگەن پالۋان كەپتۇ دە، ھى، ھى ھې ھى، بۇلا مېنى ئارزۇلاپ ۋاڭ ئانا دىيشىدۇ…
ئەپتىڭدىن قايلىسام گۆش قاچىلىغان تاغادەك نىمىكەنسە…
يۇقارقى دىئالوگلار ئېسىڭلاردا باغۇ دەيمەن.
پىچەت كىنودىن يەنە بىرى قېتىلدى-دە بۇ يىلقى كۆرۈش تىزىملىكىگە!
ئابومجان، دۆلىتىمىزنىڭ ۋۇسۇڭ، جاڭ فىي…..سۇن مايمۇن،،، جۇ فامىلىلىكلىرى،،،خۇيۈەنجا…..قاتارلىق پۇت-قۇلى ئالامەت تىز، ئاQ غا ئوخشاش ئېغىزى چاققان پەلۋانلىرى خېلى كۆپ …
ماندا دىسىڭىز ئىسىمگە كەلدى ، لى شىياۋلۇڭ دىگەن بالىنىڭ خەلىقئارادا ھەقىقى نامى باكەن ، گۇمپا دىگەن سۆزنىمۇ مۇشۇ بالا چەتئەللىكنىڭ لۇغىتىگە كىرگۈزگەنمىش ، لىكىن ما قاسساپ جاڭفىي ، مايمۇنەك خويۈەجىيا دىگەنلەرنى چەتئەللىكلەر تۇنۇماسلىقى مۇمكىن ، كىچىگىمدە تېلۋىزوردا باشقا نەرسە چىقماي شۇڭا تۇنۇيمەي بۇ تاغ تۇرادىكى قاراقچىلارنى ، ئەمما لىكىن بالامغا قەتئى كۆرسەتمەيمەندە بۇ قاراقچىنىڭ فىلىمىنى ، ما كۈل بۆرە بىلەن پاقلاننىڭ كارتونىنى ئۆيدەچىقمايدىغانلا قىپ قۇيىمەنغۇ ئىشقىلىپ
ما كىنودا جوك چىقمامدۇ نىمە . شەپەرەڭ پالۋان چىققان كىنودا جوك چىقمىسا قىززىمايدىكەن . كارتون فىلىمدىكىدەك بىرۇيىس ۋىئاننىڭ ئەڭ يامان دۈشمىنى يەنىلا جوكتى .
ئاۋۇ ئىسكىلىت نىقاب كىيىۋالغىنى جوك شۇمىدۇ – يا!؟
جوكنىڭ گېپىنى دىسەڭلا جوكىر دەپ بىر كىنو باتى، جوك باش رول ئاغان، شۇ كىنونىڭ تەشۋىقاتىنى كۆرۈپ ئۆزىنى پەقەت كۆرۈپ باقمىدىم، كۆرگەنلە بولسا خەۋىرىنى بېرىپ قويساڭلا.
جوكېر ئوبرازى شەپەرەڭ پالۋان: زۇلمەتتىكى چەۋەنداز فىلىمىدە بىر بۈيۈكلۈكنى ياراتقان. كۆرمىگەنلەر كۆرۈپ قويسا بولىدۇ. ئويۇندىكى سەلبىي پېرسوناژغا كەلسەك، DC نىڭ كومىكلىرىدا نۇرغۇن ئۇتۇغلۇق چىققان سەلبىي پېرسوناژلار بار، ماۋۇ فىلىمدىكى Deathstroke بىلەن DeatShot شۇلارنىڭ بىرى. بەلكىم DC مۇشۇ ئارقىلىق سەلبىي پېرسوناژلىرىنى كىشىلەرگە بىرەر قۇر تونۇتۇشنى ئويلىغان بولسا كېرەك
تورخۇمارنىڭ يېڭىلىنىىشى نېمانچە ئاستا. باللا تېمىلىرىڭلانى توشاق چىقامامسىلەۋا ھى ھى بىر ئاخسالىق قىپقوياي
سادىر پالۋان باغۇ بىزدە
ما ئابومجان كىم بۇتا ؟؟؟تاققۇ – تۇققۇ ،ئوڭغۇل – دوڭغۇل گەپ قىلىپ ئەجەپ توغرا قىلىدىغان بالاڭزىكەن …..
ئەدەمنى ھەجەپ خىجىل قىللا ، ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇنغۇ گىپىمنى 30 قېتىم قۇراشتۇرۇپ ئاران دەيمە بوممىسا ، شۇندا دىققەت قىلساممۇ قىلغان گەپلىرىم توڭكاينىڭ چىشىدەك ئۈدۈر بۈدۈر چىقىۋالىدىكەن . گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ دەپ ، تورخۇماردا لاغايلاپ يۈرگىلى خېلى بوغاچقىمىكى تورخۇماردىكى چوڭامدىن تاتىپ كىچىكىمگىچە گىپىمنى قانداق ئۇقۇشنى بىلىۋاغان چېغى ،گىپىمنىڭ مايماق چىقىپ قاغان يەلىرىنى قۇراشتۇرۇپ ئۇقۇپ كىتىۋىرىدۇ ، يەنىمۇ بەك دىققەت قىلىۋىتەي
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن قىسقا فىلىمكەن، مەن كۆرگەن شەپەرەڭ پالۋاننىڭ كىنولىرىغا قارىغاندا جەلىپ قىلىش كۈچى مانىڭ ژۇقىرىكەن.
بۇ ئويان ھازىر چىقمىغان ئوخشايدۇ ھە باللا.
مەن بايىلام 蝙蝠侠:阿甘疯人院 بۇنى چۇشۇرۇپ قويغان .
مۇشۇنى ئوينىغاش تۇراي ئەمدى. (پاراكتىكا قىلغاش تۇرىلى)
لىكىن ئۇيغۇرچە خەتلىك جىلىپ باشقىچە پەچەت چىقىپتۇ جۇمۇ.
قاچانمۇ مۇشۇنىڭدەك نادىر ئويانلارنىڭ فىلم كۇرنىشلىرىگە بىزنىڭ ئۇيغۇر تىخنىكلىرىمىز ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ ئويۇن بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ بىزدەك ئويۇن خۇمارلانىڭ خۇمارىنى بىسىقتۇرا ھە.
كىم دەيدۇ دۆلىتىمىزنىڭ پالۋىنى يوق دەپ ، ئازاتلىق ئارمىيە پالۋىنى بارغۇ، شۇ پالۋىنى ھىچبىر يەردە يىڭىلگەن ئەمەس، ھەم كىنولار ئىشلىنىپ توختىمىدى. ئامرىكىنىڭ ئۇ بۇ پالۋانلىرىنى ئازاتلىق ئارمىيە پالۋانغا سەپقويسا بىردەمدە يەر چىشلەيدۇ،
كۆرىۋاتىمىزغۇ يىنىقدا ئىشلەنگەن ئانارخان پالۋاننىڭ كىنورىنى ، شۇ كىنونى ھوللىۋوتنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرسا نىمە مۇكاپات ئالار.
ئانارخان پالۋان دەڭ…..
(شەپەرەڭ پالۋان) بولسا DC كارتون شىركىتى بويۇنچە ئەڭ باي پالۋان ھېساپلىنىدۇ.高富帅دەپمۇ ئاتاپ قويۇلىدۇ بەزىدە. مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە (شەپەرەڭ پالۋان) تۇرىدىغان شەھەرنىڭ ئىسمى(تاكامورېك شەھرى)دەپ ئاتېلاتتى.
گازىم شەھىرى دەيدىغاندىمىز. (Gothem City)
نۇرغۇن پالۋانلار كىنوسىنى كۆرۈپتىمەن، پالۋان بولۇش ئۈچۈن ياكى بىرەر ئاھىدە ئىقتىدارى بولۇشى ياكى بولمىسا دەھشەت باي بولۇشى كېرەككەن (تۆمۈر پالۋان بىلەن شەپەرەڭ پالۋانغا ئوخشاش)
PS: ماۋۇ ئويۇننى ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمنى ئىشلىگەن Rocksteady ئىشلىمىگەن. ۋارنېر شىركىتىنىڭ مونتىرىيال خىزمەتخانىسى ئىشلىگەن.