خېلى كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان يەنە بىر ئويۇن – شەپەرەڭ پالۋان: ئاركھىم شەھىرى
شەپەرەڭ پالۋاننى ئارىمىزدا كۆرمىگەنلەر يوققۇ دەيمەن؟ ھېچ بولمىسا ئۇزاقى يىلى 8.9 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن IMDB دا 1-ئورۇنغا چىققان ”蝙蝠侠前传2:黑暗骑士“ نى كۆرگەن تورداشلار چوقۇم بار. مەزكۇر ئويۇن بولسا دەل مۇشۇ تىپتىكى ھېكايىلەرنىڭ باش قەھرىمانى شەپەرەڭ پالۋاننى تۇتقا قىلغان ئاساستا ئالدىنقى ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلىپ ئىشلەنگەن بۇ يىلقى يەنە بىر نادىر ئويۇن «شەپەرەڭ پالۋان: ئاركھىم شەھىرى» دۇر.
ئويۇن ۋەقەلىكىنى ئاشكارىلاشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىم ئۈچۈن بىۋاستە ئويۇن ھەۋەسكارلىرىغا نەپ تېگىدىغان يەرلىرىدىن چۈشۈپ كېتەي.
قاچىلاش باسقۇچلىرى:
XP ئىشلىتىۋاتقانلار ئاۋال NET Framework 3.5 sp1 نى قاچىلىشى زۆرۈر، ھەمدە كومپيۇتېردا ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Games For Windows Live ئورنىتىلغان بولۇشى كېرەك(بولمىسا ئويۇننى ساقلاپ قويۇپ داۋامىدىن ئوينىغىلى بولمايدۇ)
1. پرېستىن يېشىپ پۈتۈنلەي ئېنگلىزچە ھەرپتىن تۈزۈلگەن مەنزىلگە يېشىپ بېرىمىز
2. setup.bat نى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
3. يېشىش يامىقىنى ئورنىتىمىز
4. بۇ ئەڭ مۇھىم بىر باسقۇچ: ئويۇن قاچىلانغان مۇندەرىجىگە كىرىپ Binaries نىڭ ئىچىدىكى Win32 نىڭ ئىچىگە كىرىپ paul.dll ھۆججىتىنى ئۆچۈرىۋېتىمىز
5. تۈگىدى، ئويناشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ
ئەسكەرتىش: ئويۇننى قاچىلاش سەل مۇرەككەپتەك تۇيۇلسىمۇ بىراق تەپسىلاتلارنى ياخشى ئوقۇسىڭىز ۋە تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىز چاتاق چىقمايدۇ. خەنچىلەشتۈرۈش يامىقىنى ئورناتقاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا بۇ يەردە يېزىپ يۈرمىدىم، ناۋادا لازىم بولسا Google دىن ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
«شەپەرەڭ پالۋان: ئاركھىم شەھىرى» نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | يېشىش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D,ACT,ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: batman-arkham-city.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفت FireFox نىڭ يېڭى نەشىرىگە نىسبەتەن ئەمدى قايتا تەبرىك تورتى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ
- كېيىنكى يازما > بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى بېكەتلەرنىڭ يوچۇقى تۈپەيلى، ئالتە مىليونغا يېقىن ئابونتنىڭ مەخپىي شىفىرى ئاشكارىلاندى
يەنە بىر دىۋان ھە !!!
دىۋان !!!
قۇرۇق دىۋاندىن نېمە چىقار ئەزىز ۋەتەنداش، قېرىنداش، دىنداش… لىرىم… موللا ئىماملارغۇ تۆردىن ئورۇن ئالساق، پولۇنىڭ گۆشلۈك يېرىگە ئېغىز تېگەمىزمىكىن دەپ تۆر دىۋان تالىشاتتىكەنتۇق… ئۇنداقلار بارا-بارا ئەلنىڭ نەزىرىدى چۈشۈپ كېتەتتى… دىۋانغا ئولتۇرغانلىق سىزنىڭ مۇشۇ تېمىغا بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يازغانلىقىڭىز خالاس. ھېچقانداق مەرتىۋە ئىناۋەتنىڭ شاھىدى ئەمەس. تورخۇمارنىڭ ساندانىنى ئانداق قۇرۇق دىۋان تالىشىپ ئىسراپ قىلمايلى……
ۋاھ ، باشقىلار تالاشسا گەپ يوق ، بىرە قېتىم چىش يېرىپ دىۋان تالىشىپ قويسام ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ ئەمدى ….. مەن تور ئويناپ يۇرگەن ۋاقىتتا سىز نەدىتىڭىز . تازىمۇ بىر گەپ بولدىدە بو ………
دىۋان دىگەن قانداق ئېسىل جايدۇ
بىرىگە سۆزلەپ مىڭغا ئىبرەت قىلىش دېگەننى بىلمەمسىز؟؟ مەن بۇنى نوقۇل ھالدا سىزگىلا قارىتىپ دېمىدىم… بارلىق دىۋان تالاشقۇچىلارغا ئورتاق دەۋاتىمەن. ئالايلۇق، يۇرتلىرىمىزدا بولىدىغان توي-تۆكۈن، نەزىر-نىيازلاردا تۆر-دىۋان تالىشىدىغان موللا ئىماملارغا جامائەت قانداق نەزەردە قارايدۇ؟ ئېنىقلا جامائەتنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدىغان گەپ. تېمىغا بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يېزىش شۇنچىۋالا كۆپۈپ سۆزلىگۈدەك ئىشما؟ ئاستىڭىزغا بىرەسى شاھى ئەتلەس قويۇپ بېرەمتى يا؟ خەق بىر ئوبدان تېما تەييارلاپ بىزگە سۇنسا، تېما توغۇرلۇق گەپ يوق، كەچكىچە دىۋاننىڭ گېپى. تەدبىركاركامغا بوشلۇقنى بىرەسى بىكاغا بەمىگەندۇ؟ بولدى توختاپ قالاي… يەنە سۆزلىسەم يەنە شۇ. (مەن بۇنى نوقۇل سىزگە قارىتىپ دېمىدىم. بارلىق دىۋان غېمىدا يۈرگەنلەرگە ئورتاق دەۋاتىمەن. ئىزاھات)
دىققەت قىلدىكىزمىكىن ، باشقا تور بەتلىگە قارىغاندا مۇشۇ دىۋان تالىشىدىغان ئىش پەقەت مۇشۇ تورخۇماردىلا بار ،مىنىڭچە بۇمۇ بىر مۇشۇ تور خۇمارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خاسلىقىدۇر . سىز بۇنىڭغا باشقىچە بىر نەزەردە قارىشىڭىز كېرەك .تورخۇمارغا دىۋاننى دەپ كىرىدىغانلارمۇ ناھايتى جىق ، بۇمۇ تورخۇمارنىڭ ئاۋاتلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىق ھىسابلىنىدۇ ،ئەجەبا دىگىنىم خاتاما ……
دىۋان تالىشامتۇ -تالاشمامتۇ
مىنىڭ- سىزنىڭ نىمە كارىمىز
بۇ دىگەن بىر كۆڭۈل خوشى خالاس
دىۋان تدلىشىپ بىرەرسىدىن نەپ كىلەمتىكى بىرەر نەرسە بىرەمتىكى دەيدىغان گەپ يوق
تىمىغا مۇناسىۋەتلىك گەپ قىلىپ قوياي
مەن بۇ ئويۇننى ئوينىيالمىغۇدەكمە
بۇنىڭ كىنوسىمۇ بەك پەيزى زادى. كارتون فىلىمىمۇ بەك بەلەن، ئەمدى ئۇيۇنى قانداقتۇ بىر ئويناپ باقسام بولغۇدەك جۇمۇ
بۇ مەن ئەڭ ياخش كۆرىدىغان ئويۇننىڭ بىرى.
كۆرۈنۈشلىرى ھەقىقەتەن پەيزى، مۇشتلىشىشلىرى ئاندىن!!!
بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن چۇقۇم ۋىندوۋىس7 قاچلاش كىرەكما.