30 يىلدىن كېيىنكى دۇنيادا iPhone نىڭ قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
Apple شىركىتى iPhone دىن ئىبارەت بۇ دەۋر بۆلگۈچ مەھسۇلاتنى تارقاتقاندىن بېرى، iPhone ۋە Apple شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مەزكۇر سىن بولسا تورداشلار iPhone دىكى ھەر خىل قوللىنىشچان پروگراممىلارنىڭ ياردىمىدە ئىشلەپ چىققان خىيالى دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كەلگۈسىدىكى «iPhone دۇنياسى» بولۇپ، ئىجادىيلىق پۇرىقى خېلى كۈچلۈك. جاھان مۇشۇ بويىچە تەرەققى قىلسا، كەلگۈسىدە iPad تە تۇخۇم پىشۇرۇپ يېيىشمۇ ئومۇملىشىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا,كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPad، iPhone
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,333 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iworld-arriving-soon.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاشۇ چاغلاردىكى دەرس خوشياقمىغاندا رەسىم سىزىپ ئولتۇرغان ۋاقىتلار ھېلىھەم ئېسىڭىزدىمۇ؟
- كېيىنكى يازما > Google نىڭ Lady Gaga نى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئېلانى، Google = تەسەۋۋۇر+يېڭىلىق
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
ۋاي ۋاي ۋاي “`دىۋان!دىۋان
بۇلارنىڭ iPhone دىن ھەممە نەرسە چىقامدۇ نىمە ، بىرنى سېتىۋىلىپ ساقلاپ قويسام بولغۇدەك …
ئىچىمنى قىززىتىپ ماۋۇ Iphone دېگەن نەرسە…ئولتۇرسام، قوپسام، ماڭسام، ياتسام مۇشۇنىڭلا گېپى. خەپ بىرنى ئالمايدىغان بولسام!
قارىغاندا بۇ iPhone دىن خوتۇن ئالغىلىمۇ بولامدۇ نىمە ؟
مانداق ئىنكاس يازىدىغانلارغا يۇقۇدىغان ۋىرۇس يوقمۇ؟
بىرىنجى ئەۋلادiPhoneنى ئېلىپ ئۈچ كۈن ئېشلىتىپ 300يۈەن زىيىنىغا سىتىۋەتكىلى تىخى ئۇزۇن بولمىدى…بۇنداق ئېلانلارنى كۆرسەملا …لىكن 4-ئەۋلادiPhone بوپقويىدۇ…يەنىلا 8 مىلېيون پىكسىللىق ئاندىروئېد X10 ئەڭ ياخشىكەن.
بۇ ئىلاننى تۈنۈگۈن يوۋكۇ دا كۆرگەندىم…يەنە كۆرۇشكە ئەرزىيدۇ.
ھەممىسى ئايفۇندا بار ئىختىدارلار ئىكەنغۇ ، مەن ھەجەپ بىلمەيدىكەنمەن دىسە ، كەچتە كوچىغا چىقىپ بىرسىنى بۇلاپ باقايچۇ قېنى قانداق بولىدىكىن …….
خەقنى بۇلاپ بولغۇچە،سىزنىڭ تېلىفونىڭىزنى بۇلىۋالمىسۇن جۇما!
يېڭىلىق يوق، بەكلا تايىنى يوق ئىشلەپتۇ، ئەتراپتىكى مۇھىت، كىيگەن كىيىملەر ھازىرقىدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىكەن. 30 يىل كېيىنكى ئايفوننىڭ شەكلىدىمۇ قىلچە يېڭىلىق يوق، ئۇ چاغدىكى تېلېفونلارنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىز تەسەۋۋۇر قىلالمىساممۇ لېكىن ھېچبولمىغاندا قەغەزگە ئوخشاش پۈرلەپ يانچۇققا سېلىپ قويغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
بۇ ئادەم كەلگۈسى دۇنياغا بېرىپ قالدىمۇ نېمە ؟
بەك قورقۇنۇچلۇق ئىكەن، تېڭشۈن ئىمپىرىيىسىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن مەن…
بەك لاۋزا ئىشلەپتۇ. تەسەۋۋۇر دىگەن نەرسىنى يەنىلا چەتئەللىكلە مونوپۇل قىلۋالدىمۇ نىمە.جىق يەر چېنىپ قاپتۇ.چاقماق ياققان،تاماك ئالغان يېرى تىگىدىن ئالغانلىقى
قەلەندە ئىشەك تاپسا چىقمىغان دۆڭ قالماپتۇ دىگەن مۇشۇدە.