ئاشۇ چاغلاردىكى دەرس خوشياقمىغاندا رەسىم سىزىپ ئولتۇرغان ۋاقىتلار ھېلىھەم ئېسىڭىزدىمۇ؟
دەرس ۋاقتىدا بەك زېرىكىپ كەتكەندە، قۇرۇق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇش، كونسىپىكنىڭ بىكار ۋاراقلىرىغا ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرىنى سىزىپ چىقىپ چاقناتقانغا يەتمەيدۇ. ornana films دىكى ساۋاقداشلار، بىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمىزدىكى ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بۇ ئەسلىمىلەرنى «بىئولوگىيە دەرس خاتىرىسى» نامىدا قاتۇرما شەكىللىك كارتون قىلىپ ئىشلەپ چىققان. بۇ توغرىلىق سۆزلىسەك يەنە شۇ مەكتەپتىكى چاغلار ئېسىمىزگە كېلىپ قالىدىكەن…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەسەۋۋۇر,خىيال,دەرس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: notes-on-biology.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مۇسابىقە باشلىنىپ 4 سكونت ئىچىدە توپ كىرگۈزۈش، قانداق تېپىش بولۇپ كەتتى بۇ ئەمدى؟
- كېيىنكى يازما > تاكتىكىلىق Flash ئويۇن: قەغەز ئۈستىدىكى خېيىم-خەتەر(Paper Venture)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
ئەينى چاغلاردا مەن رەسىم سىزمايدىغان، قىزلارغا خەت يازىدىغان. ئۆزەمدىن ئېشىنسام ئاغىنىلەرگە خەت يېزىپ بېرەتتىم …
ھەي ياشلىق ھەي ياشلىق…
ئېسىمدە قېلىشچە ئۆزەم سىنىپتا خىيالىم يەرشارىنى بىر ئايلىنىپ چىققەتتى ، بوپمۇ تارىخ دەرسىدە
بۇنداق ۋاقىت ھەممىمىزدە ئوتكەن…ھې ھې ھې…
مىنىڭ يۈكسەل ئەپەندى بىلەن ئوخشۇشۇپ قالىدىكەن….لېكىن باشقىلارغا يېزىپ بەرميتتىم….
مېنىڭ كىتابلىرىمنىڭ ئاق يېرى قالمايتى زادى ! رەسىم سىزىشقىمۇ ئالاھېدە ئىشتىياقىم باتتى زادى !
تەدبىركار ئەپەندى مىنى يوللاپ قۇيۇپتىغۇ؟ مەن تۇلۇقسىزدا كىتاپنىڭ بەت سېلىنغان تەرپىگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۇتاش رەسىملەرنى سىزىپ سۇنۋۇكۇڭنى موللاق ئاتقۇزۇپ ئولتۇرىدىغان!!!
بەك پەچەتكەن.
مەنمۇ مۇشۇنداق ،دەپتەرگە رەسىم سىزىپ تىكتاك توپتا دىڭياپىڭنى يەڭگەن…
ھەيرانمەن!!!ئامرىكىدىمۇ بىزگە ئوخشاش بالىىلىق چاغلىرى بولدىكەن ھە!!!؟
مەن ھازىرمۇ ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويىمەن، لىكىنزە مۇشۇ كىتاپ-دەپتەرنى رەتلىك تۇتمىغان ئادەم تازا ياخشى ئادەم ئەمەس( مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)
رازىۋىتچىك ئەپەندىم خەنزۇمۇ كۈلەمدۇ؟دىگەندەك گەپ قىلدىڭىزغۇ؟
ئوقۇش پۈتتۈرۇشكە ئاز قالدى…مەكتەپ ھاياتىدىن ئايرىلىش بىلەن تۇنجى مۇھەببەتتىن ئايرىلىشنى سىلىشتۇرۇشقا ئامالسىزمەن!؟
ھا ھا …. دەرىس ۋاقتىدا تولــىـــــــــسى قىزلارغا چاقچاق قىلىپ مۇئەللىمدىن گــــەپ ئاڭـلاپـلا ئـۆتـۇپـتىـكەنمـەن جـــــۇمــــا