تاكتىكىلىق Flash ئويۇن: قەغەز ئۈستىدىكى خېيىم-خەتەر(Paper Venture)
قەغەز يۈزىنى تەگلىك قىلىپ ئىشلەنگەن ئويۇنلار، كىشىگە ئىزچىل بىر خىل يېنىك ۋە ئازادە تۇيغۇ بېغىشلاپ كېلىۋاتىدۇ، ئوينىغاندىمۇ ئۆزىمىزنى شۇنداق ئەركىن ھېس قىلىمىز. Paper Venture ناملىق مەزكۇر ئويۇنمۇ شۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە…
ئويۇننى ئويناش قائىدىسى ئىنتايىن ئاددى. يەنى بىر كىچىك ئادەم توختىماستىن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ ۋە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، بىز مائۇس ئارقىلىق چاسا جىسىمنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بۇ كىچىك ئادەمنىڭ ئالدىدىكى مۈشكۈلاتلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋېلىشىغا ياردەملىشىمىز. ئويۇن جەمئىي 30 ئۆتكەلدىن تەركىب تاپقان، كىچىك ئادەمگە زەخمە يەتكۈزەلەيدىغىنى پەقەت چىشلىق چاق ۋە سىزنىڭ قولىڭىزدىكى چاسا جىسىم، شۇڭا بەك ئاسانكەن دەپ بىپەرۋالىق قىلىپ سالماڭ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: paper-venture.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان نادىر ئويۇن – ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى(Machinarium)
- كېيىنكى يازما > NFS ئائىلىسىدىن يەنە بىر يېڭى ئەۋلاد ئويۇن : Need For Speed: Shift 2 Unleashed
- مازلىقىدىن ئادەمنى بوغۇلدۇرۇپ قويىدىغان Flash ئويۇن – Psychout
- كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان Flash ئويۇن – ئارغامچا يېشىش! كېلىڭ، كاللىڭىز ئىشلەمدۇ يوق بىر سىناپ باقايلى
- چوڭ تىپتىكى ئويۇنلاردىن قېلىشمىغۇدەك جاسۇسلۇق تىپىدىكى نادىر Flash ئويۇن: Ultimate Assassin 2
- مۇھەببەت، ئازاپ ۋە تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن ئۆزگىچە چىققان بىر دانە نادىر Flash ئويۇن
- ئىچ پۇشۇقى چىقىرىدىغان يەنە بىر كۆڭۈللۈك Flash ئويۇن – ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ كەيىپچىلىكتە شەھەر ئايلىنىشى
- ئۆي تىزىش ئويۇنىنى كۆپ ئوينىغان، بىراق دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟!
- كۇڭمىڭ قۇلۇپى interlocked : كىشىنى رازى قىلىدىغان كىچىك 3D ئويۇن
- ئاڭلاشلارغا قارىغاندا %99 كىشى ئاران 30 سكونت بەرداشلىق بېرەلەپتۇ، سىناپ بېقىشقا جۈرئىتىڭىز بارمۇ؟
- ئىنتايىن ئۇماق لايىھەلەنگەن Flash ئويۇن – ئۈچ قوزىچاقنىڭ ئۆيىگە قايتىشى
- ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان Flash ئويۇن : تاشقى پلانېت كالا ئوغرىلىرى(Alien Thief)
بولىدىغان ئوقەتكەن. چارچىغاندە مېڭىنىڭ ھاردۇقىنى ئالىدىغان.
ئۇف ئاخىرى ئويناپ تۈگەتتىم ، ئېسىل ئويۇنكەن بۇ ، راستىنلا ھاردۇق چىقىرىدىكەن جۇمۇ …
ماۋۇ ماۋۇسنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولىش كىرەك ئىكەن بۇ ئويۇنغا،،،
قانداق چۈشۈرسېم بولار؟ تورخۇمارنى بىر ئارىلاپ باقاي….چۇشۈرۈش ئۇسسۇلى بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس….بەلەن ئويۇنكەن….مۇزىكىسىمۇ ناھايتى ماسلىشىپتۇ…
بەتنىڭ ئەسلىي كودىنى ئېچىپ swf دە ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز. بۇ ئۇيۇننىڭ ئادرېسى:
http://s6.4399.com:8080/4399swf/upload_swf/ftp/20101119wen/42.swf
تورخۇمار ئەپەندى مۇشۇنداق ئۇيۇنلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز،ئۆيدىكى تورسىز كومپىيوتېرلاردىمۇ ئويناپ كەتسەك…خۇتۇنلار سۆزلەپ كەتسە…
يېرىم سائەت كېتىپتۇ ھەممە مەيدانلىرىنى تۈگۈتۈشكە ، يامان ئىكەنمەن جۇمۇ ….
تورخۇمار ئەپەندىم يەنە مۇشۇنداق ئويۇنلار بولسا يوللاپ تۇرارسىز ، ئادەمنىڭ چارچاپ كەتكەن ۋاقىتلىرىدا خېلى خوشياقىدىكەن
راسلا ئىسىل ئويۇنكەن..
ئاران 30 مەيدانما
ھىم…ياخشى ئويۇنغا مەن كېچىكىپ قاپتىمەن
ئامىراق بوپقالدىم بۇ ئويۇنغا ، ئېككىنچى قېتىم ئويناپ 8 مىنۇتتا تۈگەتتىم ….
ئاچچىقى يامان چۆجەچاق تۈگەي دەپ قاپتى …دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئۇيغۇربەگدىمۇ شۇنداق ئويۇن بار خەقلەر!
تولۇق تۇگىتىپ ئوينىۋەتتى، 15 مىنۇتلا كەتتىغۇ دەيمەن ، بولىدىغان ئويۇنكەن ، رەخمەت سىزگە!~~