نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما كۆرۈش

ئىنتايىن ئۇماق لايىھەلەنگەن Flash ئويۇن – ئۈچ قوزىچاقنىڭ ئۆيىگە قايتىشى

ئىنتايىن ئۇماق لايىھەلەنگەن Flash ئويۇن - ئۈچ قوزىچاقنىڭ ئۆيىگە قايتىشى

ئالدىنقى قېتىم تاشقى پلانېت كىشىلىرىگە ياردەملىشىپ يەرشارىدىن كالا ئوغرىلىغان ئىدۇق، ئەمما تاشقى پلانېت كىشىلىرى قايتقاندا قوتاننىڭ ئىشىگىنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ بىلمىدۇق، ئۈچ قوزىچاق ئۆيىدىن چىقىپ ئېزىپ قېلىپ تا ھازىرغىچە قايتىپ كېلەلمەيۋېتىپتۇ. گەرچە قوزا ئىزدەش ئېلانى چىقىرىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۈچ قوزىچاق تېخى يەسلى يېشىغا توشمىغان بولغاچ، تېخىچە ئۇلانبايدا ئېزىپ يۈرگەن ئوخشايدۇ، قېنى تورخۇمار دوستلار بىرلىكتە غەيرەتكە كېلىپ بۇ ئۈچ قوزىنى ئۆيىگە ئامان ئېسەن ياندۇرۇپ كەلمەمدۇق؟

ھا ھا ھا! ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆرۈپ نېمە دەيدىغاندۇ دەپ قالماڭلار، بۇ پەقەت تەدبىركارنىڭ مەزكۇر ئويۇن ئۈچۈن تەييارلىغان ئازراق كىرىش نۇتىقى خالاس، ئەلۋەتتە تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلار كەينىدە، قانالنى يۆتكىمەڭ، ئېلاندىن كېيىنكى مەزمۇنلار تېخىمۇ ئېسىل!

بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قالغاچ، كۆپچىلىكنىڭ بىر ھەپتىلىك خىزمەت ۋە ئوقۇش ھاردۇقىنى چىقىرىش مەقسىدىدە، بۇ كىچىك، توردىلا ئويناشقا بولىدىغان Flash ئويۇننى كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلدىم. ئويۇننىڭ سىزىلىش ئۇسلۇبى ئىنتايىن ئۆزگىچە، ھەمدە ئەقلىي-ئىدىراك، فىزىكا ئىلمى، تەۋەككۈلچىلىك قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدىغان ئېلىمېنتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەشغۇلات ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى!

ئويۇندىكى باش پېرسوناژىمىز بولسا، ئورۇق سېمىزلىكى، بەدەن سۈپىتى، ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدىغان ئۈچ دانە قوي بولۇپ، چوڭىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئېغىر-بېسىق ۋە كۈچلۈك، بىر قاراشقىلا قارا ئەمگەككە يارايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئوتتۇرانجىسىنىڭ ئالاھىدىكى، ئەپچىل ۋە چەبدەس بولۇپ، سەل شوخراق، كىچىكى بولسا زېرەك ۋە ئەقىللىق، بولۇپمۇ يەر ئاستى يولدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈپ ئاكىلىرىغا يول ئېچىپ بېرىشتە رولى ئالاھىدە چوڭ.

ئويۇن كۆپچىلىكتىن ئۈچ قوينىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئەپچىللىك بىلەن كاللا ئىشلىتىپ ئۇلارنى ئامان – ئېسەن ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ جەرياندا سىز ئويۇنغا قاتتىق بېرىلىپ كېتىشىڭىز، ھەتتا تاماق ۋاقتىنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن!

ئويناش ئۇسۇلى:

ئايرىم ئايرىم ھالدا 1، 2، 3 كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۈچ دانە قوينى تاللايمىز، ئەلۋەتتە مائۇس ئارقىلىقمۇ تاللاشقا بولىدۇ. ↓→↑← قاتارلىق يۆنىلىش كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق قوينىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىمىز. بىرىنچى ئۆتكەلنىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئاۋال تىك تۇرغان كۆتەكنى ياتقۇزۇپ كۆۋرۈك ياساڭ، ئاندىن ئۈچ قوزىچاقنى بىر بىرلەپ ئۆتكۈزۈڭ، بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز سەكرەيدۇ.


无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 17 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆھۈ ئۆھۈ، بۈگۈن مۇشۇ كەچكىچە ھېچكىم پەتىگە كەلمىدىما ؟! … :grin:

  2. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق قىززىق ئويۇنلارنى قويماي ئويناۋاتىمەن…ھې ھې، :mrgreen:

  3. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ پەتىلەپ قوياي،يۈكسەلباي نەدە مارىلاپ يۈردىكىن :arrow:

  4. خالىد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەرقانچە قىلىپمۇ 13- مەيداندىن ئۆتەلمىدىم ……… :cry:

  5. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇرۇق – تۇغقانلار تورخۇمار سول تەرەپتە تەۋسىيە قىلغان، سىمسىز كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن چاشقىنەك ھەقىقەتەن بەلەنكەن جۇما. شۇ تاپتا ، يوتقان ئىچىدە ئولتۇرۇپ تورغا چىقىۋاتىمەن. :oops:

    • مىھمان :

      سىمسىز ئۈسكىنە قولايلىق بولىغىنى بىلەن رادىئاتسىيسى كۈچلۈك كىلىدۇ ، سالامەتلىكلىرىنى ئاسرىغايلا … :smile:

  6. ئەرك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا ھېي، ھەممىڭلا ئالدىنقى رەتنى تالاشقىلى ئاران تۇرىدىكەنسىلە :twisted:

  7. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئاخىرىغا چىقىپ بولدۇم :mrgreen:

  8. ھەۋەسكار 218 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇن ناھايتى قىزىقارلىق زېھىن تەلەپ قىلىدىغان ئويۇنكەن

    چۈشىرىش ئادرىسى بولسا يوللاپ قويسىڭىز.كو،پىيۇتېرىمدا ساقلىۋالاي دىگەن ئىدىم

  9. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەزىرىتىم چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يوللاپ قويمامسىز؟

  10. ئاكاش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشىكەن!!!!

  11. ھولمىس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاران 15 مەيدانما؟ لىكىن خېلى قىززىق ئويۇن ئىكەن،رەخمەت.

    • تورخۇمار :

      زېرىكسىڭىز يەنە بار، بلوگدىكى باشقا ئويۇنلارنىمۇ ئويناپ بېقىڭ. ئالدىمىزدا يەنە ياخشى ئويۇنلار ئېلان قىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

  12. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قوينىڭ مەرىشى دىگەن كارتون فىلىمنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم بۇ ئويۇندىكى پىرسوناژلارنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايدۇ، مەن ھەر كۈنى ئويناۋاتىمەن، لىكىن قىلچە زىرىكىش ھىس قىلمىدىم… ئاشۇ كارتوننىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى،-ھە…

  13. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 15 چىقىپتىمەن …شۇنىڭدىن ئاشامىدىم دىسە….

  14. ozhan : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 13 دىن ئۆتەلمىدىم، باشقىسى تۈگىدى، 13 قانداق ئۆتتۈڭلا؟

    • سەھرالىق :

      سىمىز قوزا بىلەن ساندۇقچىنىڭ بىرسىنى ئىتتىرىپ ئوڭ تەرەپكە يۆتكىدىم، ئاندىن ئورۇق قوزىچاق بىلەن ئەڭ كىچىك شۇمتەكنى بىر-بىرنىڭ ئۈستىگە مىندۈرۈپ يۈرۈپ، كىچىك قوزىنى ئۈستىدىكى كىچىك كاماردىن كىرگۈزدۈم، ئاندىن كىيىن، سىمىز قوزىنىڭ ئالدىغا كىچىك ساندۇقچىنى ئىتتىرىپ چۈشۈردۈم، سىمىز قوزا ئۆتتى بولدى، ئورۇق قوزا بىلەن شۇمتەكنى بىر-بىرىگە مىندۈرۈپ ئورۇق قوزىنى خادا ياغاچنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقاردىم،ئاندىن بىر سەكرىتىپلا ئۆتكۈزىۋەتتىم، شۇمتەك قوزا يەنىلا ئۈستىدىكى كاماردىن ئۆتۈپ كەتتى، تۈگىدى… :mrgreen:

 汗