نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

«مەكس ۋە سېھىرلىك قەلەم» – ئىنتايىن قالتىس لايىھەلەنگەن چەتئەلچە ماي قەلەم ئويۇنى!

«مەكس ۋە سېھىرلىك قەلەم» - ئىنتايىن قالتىس لايىھەلەنگەن چەتئەل ئويۇنى!

«مەكس ۋە سېھىرلىك قەلەم» بولسا بىر خىل فىزىكىلىق ئېلىمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2D ئۆلچەمدىكى ئۆتكەل ئاتلاپ ئوينايدىغان ئويۇن، ئوينىغۇچىلار ئادەتتە ئويۇندىكى باش پېرسوناژ مەكس ۋە ئۇنىڭ سېھىرلىك قەلىمىنى كونترول قىلىدۇ. سىز بۇ سېھىرلىك قەلەم بىلەن مەكس يولۇققان ھەر خىل قىيىن ھالقىلاردا ئۇنىڭغا لازىملىق مەنزىرىنى سىزىپ بېرىسىز، بۇ ئارقىلىق مەكسنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ھەمدەم بولىسىز، ھەر بىر ئۆتكەلدە بىر نەچچە خىل ئىگىلەش قىيىن بولغان يوشۇرۇن ئامىللار يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئوينىغانسىرى ئوينىغىسىنى كەلتۈرىدىغان ئويۇننىڭ بىرى.

تۆۋەندىكىسى ئويۇننىڭ دەسلەپكى مەيدان كۆرۈنۈشلىرى:




دىققەت: بۇ ئويۇننىڭ قاچىلاش ھۆججىتىگە IE تەڭشىكىنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىۋېدىغان لۈكچەك ئۇسۇللار قوشۇۋېتىلگەن، بىراق تېخنىكىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، تۆۋەندىكىسى قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. ئاستىدىكى چۈشۈرۈش ئورنىدىن ھۆججەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن پرىستىن يېشىڭ.
2. ئىچىدىكى #7za# ۋە setup.bat ھۆججىتىنى ئۆچۈرىۋېتىمىز، ئىككىلەنمەي ئۆچۈرىۋېرىڭ، ئالدىنقىسىنىڭ ھېچقانداق رولى يوق، كېيىنكىسىنىڭ بولسا بىۋاستە زىيىنى بار، ئىجرا قىلىشتىن ساقلىنىڭ!
3. #RAS# ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى قولدا data.7z غا ئۆزگەرتىڭ، ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىغا دىققەت قىلىڭ، 7z بولسا 7Zip پرىسلاش قورالىدا پرىسلانغان كۆڭۈلدىكى ھۆججەت كېڭەيتىلگەن نامى بولۇپ، Winrar مۇ يېشەلەيدۇ.
4. data.7z ھۆججىتىنى پرىستېن يېشىڭ.
5. ئىجرا بولىدىغان ھۆججەتتىن MAX.exe ۋە MAX_data ناملىق ھۆججەت قىسقۇچنى ساقلاپ قېلىپ قالغان بارلىق ھۆججەتنى ئۆچۈرىۋېتىڭ، ھەممىسى ئەخلەت!
6. MAX.EXE ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ ئويۇننى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

تەۋسىيە دەرىجىلىك يەنە بىر ئېسىل ئويۇن: «ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى»

«مەكس ۋە سېھىرلىك قەلەم» نى چۈشۈرۈش (چاقماقتا چۈشۈرۈڭ) | مەنبەسى: torhumar.com



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. يۇنۇس 2010.07.19 , 10:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەيزى ئويۇنكەن جۇمۇ، زادى بىر ئويناپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك

  2. ۋەتەن 2011.01.10 , 21:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇرۇن بىرى بولىدىغان بىر ئالمىنى يۆتكەپ ئوينايدىغان شۇنىڭ بىر ۋارىيانتىمۇ نېمە؟
    قىنى چۈشۈرۈپ كۆرەي .

  3. ئۇيغۇربەگ 2011.01.10 , 22:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لېكىن بۇ ئويۇن پەيزىكەن

  4. تورداش 2011.01.13 , 21:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خېلى پەيزىكەن جۇمۇ ! رەھمەت تەدبىركار ئەپەندى :mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量