نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما كۆرۈش

ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتۋ.جوبز(Steve Jobs) ئالەمدىن ئۆتتى!

jobs-dead

يىراقنى كۆرەر، ۋۇجۇدى يېڭىلىق يارىتىشقا تولغان بىر تالانت ئىگىسى Apple دىن ئايرىلدى، بىر نەپەر مەشھۇر، قالتىس شەخس بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ ئىجاد قىلغان Mac ،iPad ،iPhone لار ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپتى، بۇ بەلكىم سىتۋ.جوبز(Steve Jobs) نىڭ مۇۋەپىقىيەتىگە بولغان ئەڭ ياخشى قەسىدە بولۇشى مۇمكىن!

جوبز ئامېرىكا ۋاقتى مۇشۇ چارشەنبە كۈنى 56 يېشىدا قازا قىلدى، ئۇنىڭ ۋاپاتى پۈتكۈل پەن-تېخنىكا ساھەسى، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن غايەت زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ!

مەۋجۇتلۇقۇم پەقەت دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن!

سىتۋ.جوبز(Steve Jobs)، ئالما شىركىتىنىڭ ئالدىنقى CEO سى، قۇرغۇچىسى. 1976-يىلى، 21 ياشلىق جوبز دوستى بىلەن بىرگە ئالما كومپيۇتېر شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. جوبزنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ iPhone ،iTunes Store ،iPod ،iPad، Mac قاتارلىق دۇنيانى ئۆزگەرتكەن داڭلىق مەھسۇلاتلار بارلىققا كەلدى. 1985-يىلى، جوبز زۇڭتۇڭ رېگان تەرىپىدىن دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئوردېنىغا ئېرىشكەن؛ 1997-يىلى «دەۋر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇنىڭ سۈرىتى بېسىلغان؛ 2007-يىلى، سىتۋ.جوبز «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ سودىگەر دېگەن باھاغا ئېرىشكەن. 2009-يىلى يەنە «بايلىق ژۇرنىلى» تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 10 CEO نىڭ بىرسى بولۇپ باھالانغان. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، جوبز CEO لىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 56 يېشىدا ۋاپات بولدى.

 

1409687752_4cad73f3b0_z

ئالما شىركىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى پۈتۈنلەي جوبزنىڭ سەۋەبىدىن دېيىشكە بولىدۇ، دەل مۇشۇ كىشى ئالمىنى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقتى ھەمدە ئارقا-ئارقىدىن ئىنقىلاب خاراكتېر مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى. پەقەت جوبزلا ئالمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى چۈشىنىدۇ، قانداق قىلىپ سەنئەت ۋە تېخنىكىنى يۇغۇرۇپ بىر دانە ئۇلۇغ مەھسۇلات قىلىپ لايىھەلەپ چىقىشنى بىلىدۇ. جوبزنىڭ كۈچلۈك خاراكتېر سېھرى كۈچى، يىراقنى كۆرەرلىكىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلىمۇ بولمايدۇ، دۇنيادا يەنە مەڭگۈ ئىككىنچى بىر جوبزنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ئالما شىركىتى تېخى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان iPhone 4S، بەلكىم دەل iPhone for Steve بولۇشى مۇمكىن…

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 19 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 06-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: jobs-dead.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. كۆك كەپتەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەلۋىدا جوبىس!!!

    • تورخۇمار :

      جوبزنىڭ سۆز بويىچە ئېيتقاندا، ھىچكىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈسى يوق، ھەتتاكى جەننەتنى خىيال قىلغان كىشىلەرمۇ ئۇ يەرگە ئۆلۈپ كىرگۈسى يوق. بىراق ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بارار جايى، ھىچكىم قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس.

  2. بىخلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى

  3. پاسىبان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆڭلۈم يېرىم بولدى… :sad:

  4. نەفىسە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جوبىس ئۆلۈپ كېتىپ ھەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ كەتتىيا خۇددى بىر
    تۇققانداشلىقىمىز باردەكلا…..

  5. كۇلكە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياتكان يىرى جەننەتتە بوسۇن!

    • 1987 :

      بۇددا دىنىدا ئىكەن.
      http://en.wikipedia.org/wiki/Steve_Jobs

    • ھەيران :

      دۇئانى قىلىدىغان يەرگە قىلىشنى بىلمەمسىز….
      ھاياتىدا يېڭىلىق يارىتىپتۇ لىكىن ياراتقۇچىنى تۇنۇپتىكەنمۇ،جەننەتتە ياتسۇن دىگىلى؟
      قىززىق ئادەملەت بار جۇما…

  6. باتۇرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەكلا ئىش بولدىغۇ جوبىسنى بۇنداق تىز ئۆلۇپ كىتە دىمىگەنتىم. مەن تىخى ئۇنىڭ ئالمىسىدىن بىرە تالمۇ يەپ باقمىغان تۇرسام.

  7. ئۇسلۇبلار بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا كۆڭلۈم بىك يىرىم بولدى مىنىڭ. تىخى بايا قارلۇقتىكى بىردوستۇمغا خەت يازسام ماڭا گەپ قىلماڭ كۆڭلۈم بەك يىرىم دەيدۇ، Steve Jobs توغىرسىدىما دىسەم ھەئە دەيدۇ، ئالما مەھسۇلاتلىرىغا كۆنۈپ ئىشلىتىۋاتقانلار ئىشلەتمىگەنلەرگە قارىغاندا تىخىمۇ كۆڭلى بەك يىرىم بولىدىكەن، چۈنكى قارلۇقنىڭ بارلىق كومپىيۇتىرى ئالما ئەمەسمۇ

  8. سەزگۈر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بوپتۇ-دە.
    ئەرزىيدۇ. گۈدۈك قاتارلىق تور بەتلەر جوبسنىڭ نەتىجىلىرىگە قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ توربەتنى كۈلرەڭدە ماتەمگە ئۆتكۈزىۋېتىپتۇ.

  9. ئويغۇرلار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ كىشىنىڭ بىر نۇتۇىقىنى ئاڭلىغان ،بەك تەسىر قىلغان. ،بۇ ئادەم كىچىگىدە نۇرغۇنلىغان جاپا تارتىپتىكەن ،كىيىنكى كەسپى ھاياتىدا ئالما شىركىتىگە ھەتتا پۇتۇن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن .بۇگۇن داڭلىق ئالىم دۇنيادىن خوشلاشتى ،پۇتۇن دۇنيا بۇنىڭغا قايغۇرۋاتىدۇ ، …

  10. ئويغۇرلار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ھەپتە بۇرۇن مەن مەزكۇر توربەتتىكى
    «ئادەم ھاياتىدا چوقۇم بىر ئاڭلاپ قويۇشقا تېگىشلىك ئۈچ نۇتۇق» نى كۇرىۋاتقان چاغدا« نۆل ۋە بىر »:Steve Jobsنى ئۆلۇپتۇ دەپ twitterدە تارقىلىپ كىتىپتۇ؟! دەپ پىكىر يېزىپتىكەن مەن
    راس ئوخشايدۇ دەپ GOOGLE دىن ئىزدەپتىكەنمەن ،ئۇنداق خەۋەرنى تاپالمىغان ، بۇگۇن…ھەي

    • سەھرالىق :

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر، باش سۈرىتىڭىزنى تونۇۋالدىم، ئىشقىلىپ بۈگۈن بىر كۈن چىۋىن يەۋالغاندەك ئۆتتى جۇمۇ…
      ھە سىلەرنىڭ ئۆي ئىچى قانداق بوپ كەتتى… بلوگ يازارمىز ئەمدى؟

  11. Jewlaniy : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەلۋىدا جوبىز.
    ئالمىنىڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ چىشلەندى. چىشلىنىپمۇ خېلى چوڭ چىشلەندى

  12. تۇيغۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇ بولمىسا Android مۇ بولمايتى .HTCنى بىز بەلكىم ھازىرغىچە dopod دەپ يۇرگەن بولار ئىدۇق.Sumsungبىللەن Sony Ericsson يەنىلا ئاپىرات بالاسىدا تالىشىپ يۇرگەن بولاتىى.NOKIAبىللەن Microsoft مۇ بىرلەشمىگەن بوللاتى.بىز يەنىلا ئاشۇ Symbian لارغا قۇل بولۇپ يۇرەر ئىدۇق،ئۇ دۇنيانى ئۆزگەرتتى.لېكىن راكنى ئۆزگەرتەلمىدى

  13. ئاغىنىلەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۇغۇلغان ئادەمنىڭ ئۆلمىكى بولىدۇ

  14. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    iphone5 غاساقلاپ iphone4s چىققاندىن كىيىن iphone4 سېتىۋالماقچى بولغان ئىدىم.جوبىزنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ چۇقۇم iphone4s سېتىۋېلىش قارارىغا كەلدىم. بەلكىم iphone4s ئالما يانفۇنلىرىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نۇسقىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

 汗