نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

淘宝Tmall سودا شەھەرچىسىدىكى ماللار بىر كۈن يېرىم باھادا سېتىلىدىكەن! پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭلار!!!

1111

بۈگۈن 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، توردا تولا داۋراڭ قىلىپ كەتكەن «ئاتالمىش» يۈز يىلدا بىر كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بويتاقلار بايرىمى ئىكەن! 淘宝Tmall سودا شەھەرچىسى ھەر يىلى بىر قېتىم چوڭ كۆلەمدە ئېتىبار باھادا سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا، بارلىق ماللار %50 يېرىم باھادا چۈشۈرۈپ سېتىلىدىكەن! ناۋادا يېقىندىن بۇيان بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئويىڭىز بولسا، قاراپ تۇرماي دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ! چۈنكى بۇ ئاسانلىقچە قولغا كەلمەيدىغان پۇرسەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ!

كۆپچىلىكنىڭ 支付宝 غا كۆپرەك پۇل قاچىلاپ ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، بۇنچە كۆپ ئەرزان باھالىق ھەم ئىشەنچىلىك ماللارنىڭ سىزگە نىسبەتەن قىززىقتۇرۇش كۈچى چوقۇم يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىڭىز ياكى ئوغۇل-قىز دوستىڭىزغا سوۋغات ئېلىپ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش ھەر كىمگە كېلىۋېرىدىغان پۇرسەت ئەمەستە؟! ھاھاھا

پائالىيەت مەنزىلى: بۇ يەرنى بېسىپ ئەرزان ماللار بازىرىغا ئۆزىڭىزنى ئېتىڭ      |      مەنبە: تورخۇمار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. باتۇرخان 2011.11.11 , 14:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزۇمنى ئاتتىم، بىراق پۇل يوق ئايلىنىپ يىنىپ چىقتىم.:arrow:

    • تورخۇمار 2011.11.11 , 15:06

      ھاھا، ئەلۋەتتە، ئەتراپىڭىزدىكى توردىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا ھېرىسمەن كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى پۇرسەت چەكلىكتە

  2. ئۇيغۇربەگ 2011.11.11 , 16:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن كىيىم ئىزدەپ باقاي

  3. بۇغرا 2011.11.11 , 17:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستما؟

  4. ۋىروس 2011.11.11 , 18:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئەتتىگەن قارىسان نى پىچەت نەرسىلەرنىڭ باھاسى ئالاھېدە تۆۋەن تۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئېرىنمەي بېرىپ كارتامنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزۇپ كەلدىم ….

  5. قادى 2011.11.12 , 00:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن قارىسام تورخۇماردا يالىڭاچ خوتۇنلارنىڭ ئېلانلىرى توشۇپ قاپتۇ

  6. دىلخۇش 2011.11.13 , 11:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئىشەنچىلىك بازارمۇ يا ؟ تاۋباۋ ئەمەسكەن ، ئىشەنچ قىلاممايۋاتىمەن ، بولمىسا مەنمۇ بىرەر توچەي بىر نەرسە سىتىۋالاي دىگەن …

    • فورمات 2011.11.13 , 15:02

      بۇ تاۋدىنمۇ ئىزەنچىلىك بازار ، تاۋباۋدىكى چاربازا چىلار بۇ يەردە يوق ، ھەممىسى شىركەتلەشكەن دۇكاندارلار

  7. خانزادە 2011.11.15 , 22:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاپلا… مەن ۋاقتىدا كۆرمەي قاپتىمەن ئەمەسمۇ بۇ تىمىنى…:shock:

  8. پەچچەت 2011.11.16 , 22:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مال ساتامدىكەن ياكى ئادەممۇ ؟ قارسام ھەممىسى ئادەمكەنغۇ؟

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量