جوبزنىڭ رىۋايەتلەردىكىدەك سېھرى كۈچى! ئۇ بۈگۈنكى ئالمىنى زادى قانداق قىلىپ قۇدرەت تاپقۇزغان؟
14 يىلنىڭ ئالدىدا، ئالما شىركىتى تېخى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان مەزگىللەردە ئىدى، ئالازەل بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بىر شىركەتكە ئايلاندى. ئالما شىركىتىنى ئۆلۈم گىرداۋىدىن قۇتۇلدۇرۇپ كېلىش ۋە يەنە ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئىگە قىلىشتا، جوبز كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئالاھىدە رولنى ئوينىدى دېيىشكە بولىدۇ. ھالبۇكى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، جوبز قانداق قىلىپ مۇشۇنداق قىلالىدى؟ تۆۋەندە بىر قىسىم نۇقتىلار ئارقىلىق بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
1. رىقابەتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش
پېپسى كولا بىلەن كوكا كولانىڭ ھەمكارلاشقانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرەلەمسىز؟ ئەلۋەتتە كەلتۈرەلمەيسىز. ھالبۇكى، Apple ۋە Microsoft تىن ئىبارەت بۇ كونا رەقىبلەر 1997-يىلى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، بۇ ئىش ھەقىقەتەن كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ.
ئالما شىركىتى 12 يىللىق تىجارەت زىيىنىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، جوبز ناھايىتى تېزلا ئالما شىركىتىگە يېڭىدىن مەبلەغ توپلاشقا مۇھتاج بولغان. شۇ سەۋەپتىن، ئۇ بىلگەيتىسنى ئىزدەپ ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئىستىگەن، گەيتىس ئاخىرىدا ئالمىغا بىر مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشقا قوشۇلغان.
2. ئەڭ چىرايلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش
بىر ئۇلۇغ مال ساتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جوبز مەھسۇلاتنىڭ تاشقى لايىھەسىنىڭ گۈزەل بولۇشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىدۇ، ئۇ شۇ چاغلاردا ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ قارىماققا ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلغان. 1998-يىلى ئالمىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا ئۇ مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا ئىزچىل ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى بىلەمسىلەر؟ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئىنتايىن كۆرۈمسىز، ھېچقانداق بىر سەنئەت ئامىلىنى تاپقىلى بولمايدۇ.» بۈگۈنكى كۈندە، ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سەنئەتنىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەك كېلىپ تۇرىدۇ.
3. ئەسلىدىكى سودا پلانىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىچە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تۈزۈپ چىقىش
ئالما ئەڭ دەسلىۋىدە بىر دانە كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت ئىدى، جوبز ناۋادا شىركەت ھەقىقىي مۇۋاپىقىيەتنى قولغا كەلتۈرىمەن دەيدىكەن، چوقۇم بىر قىسىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك دەپ قارىغان. كېيىن، ئالما شىركىتى iPad ،iPhone ،MP3 قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە غايەت زور دەرىجىدە مۇۋاپىقىيەت قازانغان. جوبزمۇ 2007-يىلى شىركەتنىڭ ئىسمىنى Apple Computer Inc دىن Apple Inc غا ئۆزگەرتكەن، بۇمۇ شىركەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات كېڭەيتمە لايىھەسىگە سموۋول قىلىنغان.
4. يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق قارىماققا مۇمكىن بولمايدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش
ئىلگىرىكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، نۇرغۇن سودا كارخانىلىرى ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا تازا دىققەت-ئېتىبارىنى بەرمىگەن. جوبز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلغاندۇ؟ ئۇ ئالمىنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى قۇرۇپ چىققان. ھازىر ئالمىنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى پۈتكۈل يەرشارىنى قاپلاپ، بۇ ساھەدىكى مەشھۇرلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
5. ئاكتىپ ھالدا ئىستېمالچىلارغا ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىش
جوبزنىڭ ئىزچىل قوللىنىۋاتقان ئۇسۇلى، ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى بىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش. ئالمىنىڭ ئىستېمالچىلارغا ئۇلار ئىلگىرى ھاجەتسىز دەپ قارىغان نەرسىلەرنى ساتالايدىغان قۇدرىتى بار. iPad بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
6. مەھسۇلاتلارنى بىر-بىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە باغلىۋېتىش
ئالما ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار يېڭىلىققا باي بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلار بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە باغلىنىش بار. iPod بىلەن iTunes مۇكەممەل ھالدا بىرىككەن، iPad بىلەن iPhone ئوتتۇرىسىدىكى ئەپلەر دۇكىنىمۇ ئۆز-ئارا ماسلاشقان. جوبز ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «يېڭىلىق يارىتىش دېگەنلىك، ئوخشىمىغان نەرسىلەرنى بىرىكتۈرۈپ بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ چىقىش.»
7. خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۆلچىمى ھەرگىز ھەممە ئادەمگە ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك
پەقەت ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ستۇدېنتلارلا شىركەت ماڭدۇرالىشى ناتايىن. جوبز ئىلگىرى شۇنداق ئېيتقان: «ئالما ئىلگىرى ئىشلەپچىقارغان Macintosh كومپيۇتېرىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدىكى سەۋەپ، بۇ كومپيۇتېرنى لايىھەلەشكە قاتناشقانلار كۆپ قاتلاملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن تەركىب تاپقان، مۇزىكانت، شائىر، تارىخشۇناس ھەممىسى بار، ئۇلار ھەممىسى ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كومپيۇتېر لايىھەلىگۈچىلىرىگە ئايلاندى.»
8. باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش
ئالما 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى مەزگىلىدە "Think Different" تېمىسىدىكى بىر ئېلان لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ھەمدە غايەت زور دەرىجىدە مۇۋاپىقىيەت قازانغان، بۇ مۇسابىقە كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى قوزغاتقان، ھەمدە بۈگۈنكى ئالمىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
9. مەھسۇلاتنى ئاددىيلاشتۇرۇش
ئاددىي بولغان ئىشلەتكۈچى تەسىراتىلا ھەقىقى كوزۇردۇر. ئالمىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى Jonathan Ives ئىلگىرى شۇنداق ئېيتقان: «مەيلى بىز قانداقلا مەھسۇلات لايىھەلەيلى، بىز مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز، چۈنكى كىشىلەر ئەزەلدىن ئاددىي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ كەلگەن.»
10. سېتىش غايىسى پەقەت مەھسۇلات بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس
جوبز ھەمىشە كىشىلەرگە مۇنداق بىر خىل تۇيغۇ بېرىدۇ، ئىستېمالچىنىڭ سېتىۋالغىنى ئالمىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى مەھسۇلاتنىڭ سموۋللىق مەنىسى. ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا ئۆزى، شۇڭا مەھسۇلات بىلەن ئىستېمالچىنى باغلاپ تۇرۇش كېرەك، بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ كىشىگە بەرگەن ئەھمىيىتىمۇ ئوخشىمايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، Jobs، تەرەققىيات، شىركەت، كارخانا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,896 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: how-did-jobs-made-apple-successful.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالدامچىلار بىكار تۇرماپتۇ! QQ دىكى يېڭى ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ!
- كېيىنكى يازما > دۇنيادىكى ئەڭ ناچار مەخپى نومۇرئىچىدە سىزنىڭ يوقتۇ؟ جۇڭگوچە 10 چوڭ ناچار مەخپى نومۇر باھالاپ چىقىلدى
- Steve Jobs نىڭ جۇڭگودا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالماسلىقىدىكى 6 چوڭ سەۋەپ
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- «جوبىسنىڭ ھاياتى» دېگەن كىنودىن تەسىرات
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- 13 يىلدىن بېرى، Apple تۇنجى قېتىم كوكا-كولادىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماركىغا ئايلاندى
- ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
دىۋان دىۋان دىۋان
ئۇنىڭدىكى تەپەككۇرغا قايىل بولۇپ، ئۇنى ئەمدى تونىغان ۋاقتىمىزدا ئۇ ۋاپات بولدى.
ھەي.. ئۇلۇغ كارخانىچىدە نېمىلا دېمىگەن بىلەن، تەپەككۈرىمۇ باشقا كارخانىچىلارغا ئوخشىمايدىكەن.
بىل گەيتىسنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى مەقسىدى مونۇپۇل بۇلۇپ قالماسلىقى ئۇچۇن شۇنداق قىلغان دەيدىغان قاراشمۇ كۇچلۇك ئۇرۇننى ئىگەلەيدۇ..
بىل گەيتىس ئەينى چاغدا شۇ پۇلنى مەبلەغ سالغاندا، مىكروسوفتتا ئالمىنىڭ خېلى كۆپ قىسىم پايچېكى باركەنتۇق. كېيىن گەيتىس بۇنداق شىركەت ھامان ۋەيران بولىدۇ، ھېچقانداق ئىستىقبالى يوق دەپ قاراپ پايچېكىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېتىپتىكەن. ئەگەر ھازىرغىچە ساقلاپ قويغان بولسا، ئۇنىڭغا يەنە قانچىلىك پايدا قالاتتىكىن تاڭ.
ئىشقىلىپ بۇ ئادەمنىڭ نادىر سۆزلىرى بەكلا كۆپ. ئۆتكەندە گۇاڭجۇدىكى بىر بىناغا جوبسنىڭ «ئەگەر سەن قۇياشنى قولدىن بېرىپ قويغان بولساڭ، ئاينى بولسىمۇ چىڭ تۇتقىن» دېگەن سۆزىنى يېزىپ قويۇپتىكەن.
ئاڭلىسام جوبز توغرىلىق يېڭى فىلىم ئىشلەۋېتىپتۇدەك، ھازىر جىددى ئارتېست تاللاۋاتقان ئوخشايدۇ.
مەن ئۇ كىنونى كۈرگەن ئسمى..硅谷传奇 كۈرۈپ بىقىڭلار.
ھېلىمۇ iPhone دەك دۇنيانى ئۆزگەرتكەن مەھسۇلاتلارنى بىزگە تاشلاپ بېرىشكە ئۈلگۈردى. يەنە ئازراق ئۆمرىنى بەرگەن بولسا، بەلكىم تېخىمۇ جىق نەرسىلەرنى كۆرەر بولغۇيتۇق.
ئىشقىلىپ يامان ئادەمكەن. مەن يېقىندا بۇ كىشى توغرىلىق يېزىلغان بىر كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن، بەزى تەپسىلاتلارنى ئاڭلىسا، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەي قالىدىكەن.
بۇرۇن نامىنى ىاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.ھازىر نەگىلا قارىسا جوبىزنىڭ گېپى.بەلكىم iPhone دىن بىرنى ىالغان بولسام تونار بولغۇيتتۇم.