دۇنيادىكى ئەڭ ناچار مەخپى نومۇرئىچىدە سىزنىڭ يوقتۇ؟ جۇڭگوچە 10 چوڭ ناچار مەخپى نومۇر باھالاپ چىقىلدى
يېقىندا ئامېرىكىلىقلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان، ئەڭ ناچار مەخپى نومۇرلارنى باھالاپ چىقتى، ئۇنداقتا جۇڭگولۇقلار كۆپ ئىشلىتىدىغان ناچار مەخپى نومۇرلار قانداقتۇ؟ «ياڭزى كەچلىك گېزىتى» كوچىلاردا كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە توردا تەكشۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگوچە 10ناچار مەخپى نومۇرنى باھالاپ چىقتى.
1. ئەڭ ئاددى 123456 دىن ئىبارەت تەرتىب سانلاردىن تۈزۈلگەن مەخپىي نومۇر
2. ئۈستىكى مەخپىي نومۇرنىڭ ئۆرۈپ قويۇلغان نۇسخىسى 654321
3.تېلېفۇن نومۇرى
4.تۇغۇلغان كۈن(ئۆزىنىڭ ياكى ئۆيدىكىلەرنىڭ)
5. ئالتە تال ئالتە 666666
6. ئالتە تال سەككىز 888888
7.كىملىك نومۇرى
8.abc123
9.ئىسىم
10.توي قىلغان خاتىرە كۈن
مەخپى نومۇر باشقۇرۇش مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى SplashData201 دۇنيادىكى)2011-يىللىق(ئەڭ ناچار مەخپى نومۇرنىڭ باھالاپ چىققان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە password يەنى ئىنگىلىزچە مەخپى نومۇر دېگەن سۆز1-ئورۇندا، 123456بولسا 2-ئورۇندا تۇرغان، بۇ يەردىكى ناچار مەخپى نومۇر دېگىنىمىز باشقىلار تەرىپىدىن ئاسان بايقىلىپ قالىدىغان،ئاسان ئوغۇرلىندىغان ياكى خاككىرلار تەرىپىدىن ئاسان يىشىۋېتىلدىغان مەلۇم قانۇنىيەتكە ئېگە مەخپى نومۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقارقىدىن باشقا 12345678 بولسا 3-ئورۇندا، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى قوشنا ھەرپلەردىن تەركىب تاپقان Qwerty بولسا 4-ئورۇندا، كونۇپكا تاختىسىدىكى قانۇنىيەت بويۇنچە قويۇلغان Qazwsx بولسا 23-ئورۇندا تۇرغان. چاتاق يېرى نۇرغۇن تور بېكەتلەر تىزىملاتقانلارغا مەخپى نومۇرىڭىز سان ۋە ھەرپتىن تەركىپ تاپسۇن دەپ تەلەپ قويغاچقا، abc123 دېگەن مەخپى نومۇر 5-ئورۇندا تۇرغان. password سۆزىدىكى oھەرىپىنى 0 گە ئۆزگەرتىپ مەخپى نومۇر قىلىپ قوللىندىغانلارمۇ بار بولۇپ، بۇ خىل مەخپى نومۇر 18-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا دائىم ئىشلىتىدىغان ناچار مەخپى نومۇرلار 111111 ، 1234567 ، 654321 ، 123123 قاتارلىق دائىم ئىشلىتىدىغان سانلار ۋە ياكى ashley ، michael قاتارلىق ئىسىملار بار ئىكەن.
بۇ شىركەت خاككىلارنىڭ نەچچە مىليونلىغان پاروللارنى يىشىۋەتكەنلىكىنى تەھلىل قىلىپ ،مۇشۇ تىزىملىكنى چىقارغان ھەمدە مەخپى نومۇرى مۇشۇ تىزىملىكتە بار شەخىس ۋە ئورۇنلارنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: بىخەتەرلىك، پارول، تور
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,356 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-worst-10-chinese-password.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > جوبزنىڭ رىۋايەتلەردىكىدەك سېھرى كۈچى! ئۇ بۈگۈنكى ئالمىنى زادى قانداق قىلىپ قۇدرەت تاپقۇزغان؟
- كېيىنكى يازما > كۈچلۈك ئەنزە تەھلىلى!! بىر بۇلاڭچىلار گۇرۇھىنىڭ بانكا بۇلىشى كەينىگە يوشۇرۇنغان ھېكمەتلەر
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- [پارول] توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى مۇشۇنداقلا تۈگىدى دىگەنما؟ قىززىق ئىش ئەمدى بولماقچى!
- ئاۋىئاتسىيە ھادىسىىدىكى مۇھىم شاھىد – « قارا قۇتا» ھەققىدە
- يۇمۇرلۇق ھەم ئازراق تەنە تۈسىنى ئالغان ئۆزگىچە كارتون فىلىم – Roadkill Redemption
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- تىك-تاك توپنى مۇتلەق خاتا ئويناش ئۇسۇلى: تىك-تاك پىچاق
- شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟(2)
- شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟
مىنىڭ دۇنيداىكى ئەڭ تەس مەىپى نۇمۇر بۇلۇممۇ كوت كوتنىڭ مەخپى نۇمۇرۇم
سانمۇ با ھەرىپمۇ با ماۋۇ *يۇلتۇز كونوپكىسىمۇ با ئىشقىلىپ بەكتەس
ablah147896325mux ماۋۇ مېنىڭ ئىلگىرىكى چ چ رىمنىڭ مەخپى نۇمۇرى ئىدى ….
ئاۋۇ سانلارنىڭ كونۇپكا تاختىسىدىكى ئورنىغا قاراڭ
مەن بۇرۇنقى كىيۇ كىيۇ رىمنىڭ شىپىرىنى مۇرەككەپ قىپ قويۇپ ، تور ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئاچالمىدىم . ئىگىسىز نۇمۇرۇم ھازىر غىچە گۆشىيىپ تۇرۇدۇ .
قايتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ ئەرىز قىلىپ~
مىنىڭكىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرىۋالمىسا يىشەلمەسمىكى جۇما…
مىنىڭكى ئاجايىپ ئىسىل بىر جۈملە سۆز…!
مەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار مەخپى شىفىرلەرنىڭ تېزىملىكىنى يوللىغان :http://weten.me/?p=955
بىز بۇرۇن كومپىيۇتېرغا شىفىر سالغاندا ساپلا « بىلمەيمەن » ، « ئۇقمايمەن » دىگەندەك گەپلەرنى يېزىپ قوياتتۇق
ماڭا ئوخشاش ھەرىپتىن بىرنى توك كىدە يىزىپ قويىدىغانلار يوق ئوخشايدۇ دە …
بۇ خاككىر دىگەنگە گەپ توغرا كەممەيدۇ جۇما،بىخەتەرلىك ئشكاپنىڭ قۇلۇپىنى كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئېچىۋىتەمدىكىن دەيمە …
مىنىڭ مەخپىي نومۇرۇممۇ ناھايىتى ئاددىي ،،،
ئەھۋالدىن قارىغاندا مېنىڭمۇ كېرىپ قالامدۇ نېمە؟ مېنىڭ بارلىق مەخپى نومۇرلىرىم ئوخشايدۇ، ئالدىغا تېلېفۇن نومۇرۇم، كەينىگە يەنە باشقا نەرسىلەر بار
بۇلدى مەن گەپ قىلماي
ئۇلىنىۋاتىدۇ
مەخپىي نومۇرۇم شۇ،نومۇرنى كىم بىلىدۇ
ماۋۇ مەخپى نۇمۇرى ئاددىيلار دىققەت قىلىڭلار جۇما! 小黑客 دىگەن مەن شۇ……..
مىنڭ ئۈچىنجىسىگە چۈشىدىكەن …