نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

21 كىلومېتىر يۈگۈرۈپ ھاسىل قىلىنغان ئالما شىركىتى Logo سى ئارقىلىق جوبزغا مەدھىيە بىلدۈرۈش

ran-21km-apple-logo

ئاخبارات خادىمى ۋە مارافونچە يۈگۈرۈش ماھىرى Joseph Tame توكيو شەھەر مەركىزىدىن، ئالما شىركىتىنىڭ Logo سى شەكلىدە 21 كىلومېتىر يۈگۈرگەن، ئۇ iPhone نىڭ GPS ئىقتىدارى ۋە يەنە چېنىقىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەپ(App) ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۈگۈرۈش لىنىيەسىنى خاتىرىلىۋالغان.

image

image

ئۇنىڭ بلوگىدىدىكى «يۈگۈرۈش سەنئىتى» ناملىق يازمىدا، ئۇ يۈگۈرۈش ئارقىلىق چوڭ تىپتىكى شەكىل ۋە ئەندىزىلەرنى چىقىرىشقا ماھىر ئىكەنلىكىنى، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ۋە تور مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئىزىنى خاتىرىلەپ قويسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، ئۇ ئالمىنىڭ مەستانىسىغا ئايلانغان، چۈنكى ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇ يەنە باشقا شەكىللەرگە، مەسىلەن، Hello Kitty ۋە Twitter دىكى قۇشنىڭ شەكلىدە يۈگۈرۈپ باققانلىقىنى ئېيتقان.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پرېستان 2011.10.07 , 23:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    iphone ئالغاندا بىزمۇ سىناپ باقامىز….

  2. تاماشىبىن 2011.10.08 , 16:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ يۈگرۈش ئۇسۇلى بولىدىكەن، قۇرۇق يۈگرەشنىمۇ مەنىگە ئىگە قىلىپتۇ. لېكىن دائىرىسى بەك چوڭ ئىكەن.بىر قېتىمدا 21 كېلومىتىر. مەن دائىم يۈگرەپ چېنىقىۋاتقاندا بەك مەنىسىز تۇيۇلىدۇ. ئەمدى ئۆزۈم تۇرىۋاتقان يەرنىڭ خەرىتىسىنى تېپىپ قاراپ باقايچۇ بىرە شەكىل چىقارغىدەك يوللار بارمىكىن :oops:

  3. ئۇيغۇربەگ 2011.10.08 , 23:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راست قالتىس يۈگۈرەپتۇ ما ئاداش…

  4. ئىزتىل 2011.10.09 , 18:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە يۈگۈرەپ ئۆز بوشلۇقۇمنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ باقمىسام ، خەپ !:grin:

  5. ئۆزقان 2011.10.12 , 02:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئۇنداق كۆپ يۈگۈرسەم ھېرىپ قالىمەن، شۇڭا موتوسكېلىت بىلەن سىزىپ چىقىمەن

  6. سەھرالىق 2011.10.13 , 15:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىززىق گۇيكەن ماۋۇ…

  7. ئەركە 2011.10.19 , 15:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماشىنا ھەيدەپ شەكىل چىقارساقمۇ بولغۇدەك، ئايفوندا خاتىرلەپ ماڭساق…:lol:

  8. ياۋايى 2011.10.20 , 21:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي بۇنداق بولسا كۇنلە مەنىلىك بولدا…مەن نىمنىڭكىنى چىقاسام بولا …

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量