قايسى خىل پروگرامما تىلىنىڭ پروگراممېرىنىڭ ئەڭ جىق سەت گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ھەرقانداق بىر پروگراممېر سىزگە شۇنى دېيىشى مۇمكىن، پروگرامما يېزىۋاتقان بەزى چاغلاردا، سىز غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ئاللىقانداقتۇر بىر كىملەرنى ياكى بىر نېمىلەرنى ئاتاپ تۇرۇپ تىللاپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما سىز ++C پروگراممىلىرىنىڭ php ياكى Python پروگراممېرىغا قارىغاندا سىزنى تېخىمۇ ئاسان تېرىكتۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيسىزغۇ دەيمەن؟
Andrew Vos ئىسىملىك بىر پروگراممېر خادىم ئىشتىن سىرتقى مەلۇم بىر تۈرنى ئىشلەۋاتقاندا، تۇيۇقسىز غەلىتە بىر خىيال كاللىسىغا كەلگەن، ئۇ GitHub تىن بىر مىليون دانە پروگرامما ئىزاھات سۆزى(注释) ۋە باھا ئۇچۇرىنى تۇتۇپ ئېلىپ، بۇ ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئىچىدە زادى قانچىلىك سەت گەپلەرنىڭ بارلىقىنى ئايرىپ چىققان. ئۇ Gerge Carlin ئېيتقان يەتتە دانە سەت گەپنى ئايرىپ چىقىپ، پروگرامما تىلى تۈرى بويىچە ئۇلارغا نىسبەتەن سىتاتسىكا ئېلىپ بارغان. پروگرامما تىلىنىڭ مودىلىق دەرىجىسىنىڭ سىتاتسىكا نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، Vos يەنە ھەر بىر تىلدىكى ئوخشاش مىقداردىكى پروگرامما ئىزاھات سۆزىنى تۇتۇپ چىققان.
++C شەرەپ بىلەن شاھلىق ئورنىغا ئولتۇرغان، ئەمما ئۈستۈنلىكى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئەمەس. Ruby ۋە javaScript مۇ بىر-بىرىدىن قېلىشمىغان، پەقەت ++C نىڭ كەينىگىلا تىزىلغان. ئۇنىڭدىن قالسا C تىلى، Java ۋە #C تىزىلغان، ئۇلار ئوتتۇرا قاتلامغا تەۋە بولۇپ، ئەمما سۆزلۈك مىقدارى ئالدىنقىسىدىن خېلىلا دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. Python ۋە PHP پروگراممېرلىرى قارىماققا بۇ تىلغا نىسبەتەن خېلى رازى بولسا كېرەك، ئىنتايىن ئالىيجاناپ، ئەدەپ-قائىدىلىك ھالدا پروگرامما يازغان. ئەلۋەتتە، بۇ دېگەنلىك ئۇلار پروگرامما ئىزاھات قۇرى ياكى باھا ئۇچۇرلىرىدا قەتئىي سەت گەپ ئىشلەتمىگەن دېگەنلىك ئەمەس. Vos نىڭ بىر دانە يازمىسىدا ئېيتىلغاندەك، «مەن Python دا پروگرامما يازىمەن، بىراق مېنىڭ ھەممە ئۆچۈم IE دا»
سىز زادى قانچىلىك پروگراممېرنىڭ ھەر قېتىم پروگرامما يازغاندا، مەلۇم چىگىش مەسىلە ئۈستىگە كېلىپ بېشى قاتقاندا، ئېكرانغا قاراپ ھومىيىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز، ناۋادا سىز بىر دانە مۇۋاپىق ۋە سىزنى ئازراق سەت گەپ قىلدۇرىغان پروگرامما تىلىنى تاللاشقا مۇھتاج بولسىڭىز، ئۇنداقتا PHP ۋە Python بىر قەدەر مۇۋاپىق تاللاش بولۇشى مۇمكىن.
ھالبۇكى، بۇ چاغدا شۇنى بايقىشىڭىز مۇمكىن، ئاشۇ پروگرامما ئىزاھات قۇرلىرىنى ئوقۇش، بۇلارنى سىتاتسىكا قىلغانغا قارىغاندا تېخىمۇ قىزىقارلىق، سىز Vos نىڭ GitHub دىكى ھېساباتىغا قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ.
مەن ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېيتسام، Web پروگرامما تىللىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان ۋاقتىم سەل ئۇزۇن. گەرچە ئادەتتە ئاغزىمنى بۇزۇپ بىرەرسىنى تىللاپ كەتمىسەممۇ، بىراق مېنى ئەڭ تېرىكتۈرىدىغىنى يەنىلا مۇشۇ ئۆلمىگۈر IE.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [پروگرامما تۈزەش,چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: java، php، پروگرامما تۈزەش، پروگراممېر، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,943 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: what-most-programmers-swearing.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دېزىنفىكسىيە؟! مەخپىي تارتىلغان تاماقخانىلاردىكى قاچا-قۇچىلارنى دېزىنفىكسىيەلەش جەريانى!!!
- كېيىنكى يازما > IT خادىملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى يەتتە مەخپىيەت! بىر پروگراممېرنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تەجرىبىلىرى…
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
مەن پروگىراممىنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن ، لېكىن يېقىندىن بۇيان ئۆز بلوگۇمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن html دىن باشلاپ قاتتىق ئۈگىنىۋاتىمەن … مۇشۇ بىر ئايدىن بېرىقى بلوگ تەتقىقاتىمدا كۈدە دىگۈدەك شۇنداق بىر گەپنى دىمەي قالمايمەن …. ‹ھارام تاماق IE6 ›
ئاشۇ IE6 بىزنى html ۋە css نى ئۆلچەملىك يىزىشقا ئۈندەيدۇ ، ئۇنچىلىك تىللاپمۇ كەتمەڭلار ، نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئۇ بىزگە نەچچە يىل خىزمەت قىلغان ئەمەسمۇ …
بىچارە IE6 گە ئىچىم ئاغرىپ كەتتا… IE6 نىڭ پەقەت مەكتەپتە تۇلۇق ئوقىمىغان يېرىلا بار.
ھا..ھا.. بەزى ئىنكاسلار كۈلكىلىك، ئۆلچەملىك يازسىڭىز ئۆلچەملىك تور كۆرگۈلەردە نورمال كۆرۈنىدۇ. ئۆلچەملىكنى ئۆلچەمسىز قىلىپ چىقىرىۋاتقان تور كۆرگۈنى يەنە ئۆلچەملىك دەيدۇيا.. ئەمىسە مايكروسوفىتنىڭ كاللىسى ئىششىپ قاپتۇ، ئۆلچەملىك كود يېزىشقا ئۈندەيدىغان نەرسىنى يوقىتىمىز دەپ ھە..
ھارماس ، بۇ ئىنكاسنى سەل كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن ، سىز css يىزىشنى بىلەمسىز ؟ ئۇنداق قارىغۇلارچە گەپ قىلماڭ ، IE6 پەقەت يىڭى html 5 نى قوللىمايدۇ خالاس ، بۇ يەردە ئىيتىلىۋاتقان ئۆلچەملىك بولسا css نىڭ نىگىزلىك يىزىلىش قىسمىنى كۆرسىتىدۇ …ئاۋۋال ئۆزىڭىز مۇستەقىل css يىزىپ بىقىپ ئاندىن كۈچىسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز …
مەن ئۇنەرسىلەرگە قىززىق مايمەن
مەنمۇ پىروگىراممېرمۇ ئەمەس ھەم ئۇنداق ئاغزى يامانلاردىنمۇ ئەمەس ، لېكىن كومپىيۇتېرىم قېتىۋىلىپ قالسا ئۆزۈممۇ بىلمەيلا « ۋۇ ئىتنىڭ بالىسى » دەپ سالىمەن ….
#C دا پىروگرامما يازغاندا try نى ئىشلەتسەك ئۇنچىلىك جىق سەت گەپمۇ يوق… شۇ بەزىدە net.aspx تۈزگەندە sh…بىلەن باشلانغان سەت گەپلەرنى كۆپرەك دەپ قويىدىكەنمەن…….
ممممممممممممممممممممممممممم
مەن مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە بىكەتنىڭ css ھۆججىتىدىن IE6 دىگەن چوشقا ئۈچۈن دەپ يىزىلغان ئىزاھاتلارنى كۆرگەن..لىكىن مەن ئادەتتە ئۇنداق سەت گەپلەرنى دىمەيدىكەنمەن..
ماگەپ قىزىق كەن
ھەجەپ خىجىل قىلدىڭىزغا ، ئاشۇنى دەل مەن يازغان ئىدىم
خىجىل بولغۇدەكمۇ ئىش ئەمەسقۇ ئۇ…
مەن مۇشۇ كومپىيۇتېر ساھەسىدە «تىل» قارىغۇسى. شۇنداق بولسىمۇ سىلى «ئۆلمىگۈر IE» غا ئۆچ بولسىلا مەن «ئۆلگۈر IE» غا ئۆچ. چۈنكى ھازىرقى ئۇسلۇبتا IE دا سەل مەسىلە بار .
IE
ئا…نى دەپ قالىدىغان بىرگۇي بار، ھاي ھاي دەپ تۇرىمەن، دەپ تۇرمىسام ئىش چاتاق…
ئەڭ ئېغىر بىرقېتىمى كۇنۇپكا تاختىسى ئالماشتۇرغىنىم.