نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ھېسسىي دۇنيا > يازما مەزمۇنى

مەڭگۈ نامرات ئۆتۈشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بايانلارغىمۇ نەزەر سېلىپ بېقىڭ…

مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇڭ، مەيلى باي ياكى گاداي بولۇڭ، مۇۋاپىقىيەت قازىنىش، قانداق ئادەم بولۇش ئۈچۈن چوقۇم رەھىمسىز رېئاللىققا يۈزلىنىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە تۆۋەندىكى «20 تۈرلۈك مىزان»غا ئەمەل قىلالىسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزدا بەلكىم ئويلىمىغان ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن!

1. بۇ بىر رېئال جەمئىيەت، ھېسىياتقا قوساق تويغۇزغىلى بولمايدۇ، ئىقتىساد بولمىسا ئۆينىمۇ ئوڭشاپ تۇتقىلى بولمايدۇ. كىنو-فىلىملەردىكى ۋەقەلىكلەرگە ئىشىنىپ قالماڭ، ئۇ دېگەن بىر تۈركۈم ناتونۇش ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى داۋراڭ قىلىدىغان سورۇنى، پەقەت رېئاللىققا يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرلا ئاسان ئىشىنىپ قالىدۇ.

2. ئۆزىڭىزگە نىشان بېكىتىڭ. بىر يىل، ئىككى يىل، بەش يىل، بەلكىم سىز تۇغۇلىشىڭىزدىنلا باشقىلارغا ئوخشاش ياخشى شارائىتلاردىن بەھرىمان بولالاشىڭىز ناتايىن، تىرىشىش ئارقىلىق، ھامان %70 تىن ئارتۇق تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئەمدى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ دېسىڭىز، پەقەت بوزەك بولىسىز.

3. دوستىڭىز مېھمان قىلسا، ھەرگىزمۇ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، بولمىسا نام-شۆھرىتىڭىز تېزلا تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ.

4. دوستلىرىڭىز ئىچىدىن، چوقۇم بىر دانە سىرداش دوست تېپىپ چىقىڭ، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر، ھەممىلا جايدا تونۇشلىرىم بار دەپ ئويلىماڭ، ئەڭ ئاخىرىدا سىزگە ھەقىقى كۆيىدىغىنى پەقەت بىرلا، سۆزۈمگە ئىشىنىڭ.

5. پال ئاچىدىغان، يۇلتۇز تۈركۈمىگە قاراپ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان نەرسىلەرگە ئىشىنىپ يۈرمەڭ، ئۇ كىچىك بالىلارنى ئالدايدىغان بىر ۋاستە خالاس. ھەممە ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى دەيدىغان گەپ بار، ئۆيدە ئولتۇرۇپ داچىنى، ماشىنىنى خىيال قىلغاندىن، ياستۇقنى قىرلاپ راۋۇرۇس بىر قېنىپ ئۇخلىغان ياخشى.

6. ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئادەملەر بىلەن ئاز ئارىلىشىڭ، ئەمما قارشى تەرەپ ئادەملىك سىياقىدىن چىقىپ كەتمىگەن بولسىلا، كەينىدىن غەيۋەت قىلماڭ. ئېغىز يۈگۈرىكى باشقا دەيدىغان گەپ بار.

7. ئاز ئويۇن ئويناڭ، بۇ كورىيە ئەمەس، ئويۇن ئويناپ يا ئۆي سالالمايسىز، يا خوتۇن ئالالمايسىز. ئويۇن ئويناش ھەۋىسىنىڭ بولغىنى ياخشى، ئەمما چەك-دائىرىنى كونترول قىلىش كېرەك، نەدىكى ئاقماس خەقنىڭ كۆكتاتلىرىنى ئوغۇرلايدىغان، ئالا-بۇلىماچ رەسىمگە قاراپ خىيال سۈرىدىغان ئىشنى ئاز قىلىڭ، بەلكىم سىزنىڭ شۇ پائالىيەت سورۇنىدا ئىناۋىتىڭىز، دەرىجىڭىز خېلى يۇقىرىدۇ، بىراق بۇ سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەكسىچە بۇ سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىۋالغان بولىدۇ.

8. ئادەملا بولىدىكەن، ھەممىسىدە ھورۇنلۇق، لايغەزەللىك بولىدۇ، بۇ ئىنساننىڭ تۇغۇلىشىدىنلا بولىدىغان بىر خىل خاراكتېر. بىراق بۇلارنى كېيىن ئۆزگەرتىۋېلىشقا بولىدۇ ھەم شۇنداق پۇرسەت بار. چۈنكى ئارىمىزدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. مەلۇم نەرسىگە ياكى سودىغا نىسبەتەن، باشقىلار ئىشنى باشلاپ بولغاندا ئاندىن يادىڭىزغا يەتمىسۇن، باشقىلار پۇلنى تېپىپ بولغاندا، ئاندىن بېرىپ مەنمۇ تاپسام بولغۇدەك دېگەن خىيالنى قىلماڭ. ھېچكىمنىڭ ئىشەنچىسى يوق نەرسە بازار ۋە پۇرسەت سانىلىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئىشەنچىسى بار بازارنى پاخاللاشتى دەيمىز.

9. ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىگىنى جەزملەشتۈرىۋېلىڭ، جىمجىت كېچىدە، ئۆزىڭىزدىن كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىگىنى سوراپ تۇرۇڭ ھەمدە ئاشۇ يۆنىلىش بويىچە ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىغا مېڭىڭ. ئەمما ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرۇپ قالىدىغان ياكى مەززىسى يوق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشنى قىلماڭ.

10. توختىماي مېڭىۋەرسىڭىز، بىر يەردىن چىقىدىغان يول ئېچىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق قىيىنچىلىققا باش ئەگسىڭىز، مۈشكۈلات سىزنى ئۆيىڭىزدىلا كۆمۈپ قويىدۇ. «جەمئىيەت تەكشۈرۈش دوكلاتى» ماقالىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بۇ توغرىلىق ئىسپات جىق.

11. ناۋادا ئايال كىشى بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ مۇشۇ پېتى قېرىيمەن دېگەن خىيالدا بولماڭ، كەسىپ ۋە خىزمەتنى ئۆزىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، تاماق ئېتىپ، بالا بېقىپ، كىر يۇيۇپ ئۆتىمەن دېگۈچى بولماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز بەكلا خاتالاشقان بولىسىز.

12. ياخشى ئادەم بولاي دېسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىزغا كۆيۈنۈڭ، ھۆرمەتلەڭ، بالىلارنى ياخشى، ئەخلاقلىق تەربىيىلەڭ، ئائىلىدە مېھرىبان، كۆيۈمچان بولۇڭ. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېغىزدا دېگەن بىلەن قىلىش ئۇنچە ئوڭايمۇ ئەمەس. ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى، بۇنداق قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق ۋە بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلەتتى، بىراق ھازىرقى زاماندا بولسا، راۋۇرۇس ئىقتىساد بولسىلا جىق ئىشنى بېجىرىپ كەتكىلى بولىدۇ، ئەقىللىق ئادەم بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئوڭايلا چۈشىنەلەيدۇ.

13. بىكار ۋاقتىڭىزنى دائىم تورغا چىقىش ياكى بىر قىسىم ئەھمىيەتسىز ئويۇنلارنى ئويناشقا ئىسراپ قىلماڭ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇڭ، تىجارەت جەريانى، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى، دائىملىق قانۇنىي ساۋاتلار قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئۆگىنىڭ. بۇ سىزنى كېيىن ھەر قانداق ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنىدا سۆز قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە قىلالايدۇ.

14. ھەر تەرەپتىن تارقالغان نەچچە مىڭلىغان ئۇچۇرنى خاتا ھالدا بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇكى، مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر قانداق بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىشكە بولمايدۇ. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، كېيىن پۇشايمان ساتىدىغان دورىخانا ئىزدەپ يۈرمەيسىز.

15. بىر ئىشنى قىلغاندا، مۇۋەپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن، بۇ ئىشنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن سىز دەپ يۈرمىسىڭىزمۇ ھەممەيلەن تەبىئىيلا خەۋەر تاپىدۇ. بۇ دەل ئۇچۇر دەۋرىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى.

16. چاچ-ساقاللارنى، تىرناقلارنى ۋە ئۈستىبېشىڭىزنى رەتلىك، پاكىزە تۇتۇڭ. جەمئىيەت دېگەن يەكلەش، چەتكە قېقىش مودا بىر سورۇن. شۇنداقلا، بۇ دۇنيانىڭ گۈزەل-سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بولغان تويۇنۇش دائىرىسىمۇ چەكلىك، گەرچە سىز ئۇزۇن چاچ قويسىڭىز بىر ئاز كېلىشكەن كۆرۈنسىڭىزمۇ، بىراق يەنىلا باشقىلارغا پاكىز، ئازادە تەسىر بېرىش مۇھىم.

17. ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئەر كىشى بولغاچقا، كۈتۈنۈشنىڭ، ئاسراشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىماڭ. ھېچ بولمىغاندا يېمەك-ئىچمەك تەرەپتىن سەل قارىماڭ، پەمىدۇر، كۈدە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، بانان ھەممىسى ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەردۇر. ناۋادا پايدىسىنى ھېس قىلالمىسىڭىز، بېرىپ دوختۇردىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ. ھېچ بولمىسا كېسەل كۆرسىتىشكە كەتكەن پۇلنى تېجەپ، قىز دوستىڭىزغا ياكى ئايالىڭىزغا گىرىم بۇيۇمى ئېلىپ بېرەلەيسىز.

18. ئالغا ئىنتىلىدىغان ئادەم، ھەرگىزمۇ دائىم كىملەرگىدۇر تايىنىپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ كېتىشنى ئويلىماڭ. ئادەم دېگەن شەخسىيەتچى كېلىدۇ، ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى تايانچ بولالايسىز!

19. مەغلۇبىيەتكە نىسبەتەن، بەك ئەستايىدىل ھېسابلىشىپ كەتمەڭ. ئەمما مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى، مەغلۇب بولۇشنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ھەمدە شۇ ئارقىلىق تەجرىبە ساۋاق يەكۈنلەپ قايتا خاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ. 20 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا، ئۇ ئىنتايىن نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ؛ 30 يېشىڭىزدا يېنىڭىزدا تۈزۈك بولمىسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىڭىزنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىگىنى، تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەكلىگىنى بىلدۈرىدۇ؛ ناۋادا 40 يېشىڭىزدىمۇ يەنىلا تۈزۈك پۇلىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا سەۋەپنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ. نامرات ئادەمنىڭ بايغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بار، يەنە كېلىپ خېلى يۇقىرى. نامراتلار يەنە بىر ئۆمۈر نامرات ئۆتۈپ كەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ، بۇ ئەزەلدىن بار ئىش. بىراق شۇنداق نەتىجىگە خاس سەۋەپ بولۇشى ياكى مۇناسىپ تاللاش ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك.

20. ھەممە ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش پۇرسىتى بولىدۇ، گەپ ئۆزىڭىزگە شۇنداق بىر پۇرسەتنى بېرىش بەرمەسلىكىڭىزدە!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پرېستان 2011.03.13 , 00:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق گەپلار تەسىر قىلماس بولۇپ قالدى ماڭا،،،،:mrgreen: تەسىر قىلسىمۇ ۋاقىتلىق تەسىر قىلىدۇ.:roll:

  2. بودەك 2011.03.13 , 01:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭىمۇ شۇ ، ۋاقىتلىق تەسىر قىلىدۇ، مەن دەل 20ياشتا، ئوقۇمايمەن، 30غا كىرگەندە ھازىرقىدەك بولغاندا ھىچ قانداق قىلماي قۇلۇمدا ئازراق بار بولغۇدەك ، يەنىلا شۇ جاپاكەش دادام ئاپامنىڭ ، تىرىشسام بولغۇدەك :arrow:

  3. مېستر01 2011.03.13 , 11:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن خىلى ئويلىنپ قالدىم ،ئالى مەكتەپتە يەنلا دادام بىچارىنى قىيناپ ئۇقۇۋاتىمەن .بىراق مەن دادامغا يەنلا يۈز كىلەلىگۈدەكمەن…:oops::oops:

  4. zaphar 2011.03.13 , 12:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    « ئاز ئويۇن ئويناڭ» دەپسىز ئەمما سىز كۈندە دىگىدەك بىزگە ئويۇن تونۇشتۇرىۋاتسىڭىز قانداقمۇ ، ئويۇن ئوينىماي تۇرالايمىز . ھې..ھې ..

    • ۋىروس 2011.03.13 , 12:11

      موللامنىڭ دىگىنىنى قىل قىلغىنىنى قىلما دەپتىكەن ! :shock:

  5. ۋەسلى 2011.03.13 , 15:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    13 -سى بولىدىغان پىكىركەن . رەخمەت يىزىپ بولغۇچە قولىڭىز تازا تالغاندۇ.:arrow:

  6. تورچى 2011.03.13 , 23:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ ھەممىسى ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن !~ چوقۇم تىرىشىپ ئۆزىمىزنىڭ تەقىدىرىمىزنى تولۇق بىكىتۋىلشىمىز كىرەككەندە!

  7. شاھزادە 2011.03.14 , 00:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى گەپلەركەن….

  8. تورباجىن 2011.03.16 , 22:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ئوقۇشلۇق ئىكەن.

  9. نۆل & بىر 2011.03.17 , 14:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ‹تورخۇمار›نىڭ مۇشۇنداق ئۇنۋىرساللىقىدىن بەكلا سۆيىنىمەن…
    ھەقىقەتەن دۇنيا قارشى ئۆزەىچە شەخىستە؟!…

  10. ئەلشىر 2011.05.08 , 20:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆيدە ئاتا-ئانىغا، سىرتتا دوست بۇرادەرلەرگە تايىنىش دەيدىغان بىر ئۆزەشتۇرمە ماقال بار. بەزى ئىشلاردە زادى باشقىلارغا تايانمىسا بولمايدۇ.

  11. موللەك 2011.05.29 , 19:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشىي كەن رەخمەت

  12. مەنگۈنۇر 2011.08.20 , 00:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەلسەپە..كىنولاردىكىگە ھەقىقەتەن ئىشنىش تەس بىراق ھەممە ئادەم تۇرمۇشتا ئوخشىمىغان روللارغا چىقىپ نەق كىنولاردىكىدەك ۋەقەلىككە ئۇچراپ تۇرىدۇ…مەن نەق شۇنداق كىنولاردىكىدەك ۋەقەلەرگە دائىملا ئۇچراپ قالىمەن دىسە تازىمۇ بىر:arrow:
    مەن بۇ تورخۇمارغا كىرگۈزگەن ناخشىلارغا بەكلا ئامراق دىسە ،بىرنىمۇ قالدۇرماي چۈشۈرۋالىمەن :mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量