نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ئېلاننىڭ ھەممىسى كىشىنى بىزار قىلىشى ناتايىن! hyundai نىڭ ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا ئىشلەنگەن ئېلان

hyundai-visa-card-video

تۆۋەندىكىسى، hyundai شىركىتىنىڭ ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا ئىشلەنگەن قاتۇرما كارتون شەكىللىك ئېلان بولۇپ، ئېلانغا iPad ،iphone لاردىكى سەزمە ئېكران تېخنىكىسىنىڭ ئېلىمېنتلىرى يۇغۇرۇلغان، شۇ ئارقىلىق بۇ خىلدىكى كارتىنىڭ ھەرقانداق جايدا ناھايىتى ياخشى ئەسقاتىدىغانلىقى كۈچلۈك يورۇتۇپ بېرىلگەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. باتۇرخان 2011.10.12 , 21:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېلان دېگەن ماندا بولمامدا، تېلۋىزۇردىكى ئېلانلارنى كۆرسەم قۇسقۇم كىلدۇ.

  2. ئو.تۇرپان 2011.10.12 , 21:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىس.

  3. كۇلكە 2011.10.13 , 00:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېلاندەك ئېلانكەن بۇ!

  4. سەھرالىق 2011.10.13 , 14:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاز قالدى تورخۇمارنىڭ ئېلانىنى ئىشلەيدىغانغا:mrgreen:

  5. تاتلىق 2011.10.14 , 00:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېلان بولۇشنىڭمۇ شەرتى بار… ئېلان دىگەن ئىستىمالچىلارنى قىزىقتۇرالايدىغان، ئىستىمالچىلار ئىزدەپ سوراپ كۆرىدىغان، شۇ مەھسۇلاتنى ئىستىمالچىلار قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرالايدىغان بولۇشى كىرەك. مۇشۇ شەرىتلەرنى ھازىرلىغان ئېلان ھەقىقى ئېلان بولىدۇ. بىر كارخانا تەرەققىيات جەريانىدا ھەقىقى ئېلاندىن بىر ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىجاد قىلالىشى مۇمكىن…. باشقا ئېلانلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولغان ئېلانلار، شىنجاڭدىكى ئېلانلارنىڭ ھەممىسى چەتئەلنىڭكىنى دورىغان ياكى مەغلۇب بولغان ئېلانلار….

    • مىسكىن 2011.10.14 , 15:22

      نەق گەپنى قىپسىز. شىنجاڭدىلا ئەمەس، پۈتۈن جۇڭگونىڭمۇ ئادەمنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ئېلانلىرى بەك ئاز. شۇڭا ئېسىدە قالمىسۇن دەپ بىر ئېلاننى ئارقا-ئارقىدىن قويىۋېتىدىغان ماز يېرى بار.

  6. زۇليار 2011.10.14 , 15:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداق قاتۇرما شەكىلدە فىلىم ئىشلەش سەل سەۋرچانراق بولسا، بەك تەس ئىشمۇ ئەمەسمىكىن دەيمەن. شۇنچە جىق نادىر ئېلانلارنى كۆردۇق، بىزدىنمۇ بىر ھېچ بىرەر يېڭىلىق چىقاي دېمىدى. خەقنىڭكىنى كۆرۈپلا ئۆتۈپ كېتەرمىزمۇ دەيمەن

  7. ئاغىنىلەر 2011.10.17 , 23:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداق ئىلانلارنى كۆرسەم باشقىچە ھەۋەس قىلىپ قالمەن :???:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量