ناۋادا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقىنىڭىزدا، شۇنداق تەمكىن بىر يىلانغا يولۇقۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
يىلان دېگەن بۇ مەخلۇقنىڭ قانچىلىك سۈرى بارلىقىنى دېمىسەممۇ كۆپچىلىككە ئايانغۇ دەيمەن؟ ناۋادا سىز ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقىنىڭىزدا، ئالدى ئەينەكتە بىر تال يىلان تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالسا قانداق قىلىسىز؟! بۇ يىلان تېخى شۇنداق تەمكىن ھالدا ماشىنىڭىزنىڭ ئۈستىدە ئۆمىلەپ يۈرسە، ھەتتا ئانچە مۇنچە ئەينەككە قاراپ ئاقسالىق قىلىپ قويسا، كۈلمىگەندىمۇ يىغلىۋېتىسىزغۇ دەيمەن؟
مەنمۇ يىلانغا ئۇنچە ئامراقمۇ ئەمەس، بىراق قورقىدىغىنىم راست. ماڭا ئوخشاش قورقۇنچاقلار قول كۆتۈرۈڭلار…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىرلىق، قورقۇنچلۇق، ھايۋانات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,319 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: snake-on-the-cars-windscreen.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئېلاننىڭ ھەممىسى كىشىنى بىزار قىلىشى ناتايىن! hyundai نىڭ ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا ئىشلەنگەن ئېلان
- كېيىنكى يازما > ئەلمىساقتىن بۇيانقى ئەڭ ئاقسا تاكسى!! ئەجىبا بۇ شوپۇر ئىلگىرى بەيگە ئاپتوموبېلى ھەيدەيدىغان بولغىيمىتى؟!
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- بىر-بىرىنى قورقىتىپ ئەخمەق قىلىپ توردا داڭق چىقىرىپ كەتكەن بۇرادەرلەر
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- يېڭىچە مودا سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلى: پلاستېر بىلەن يۈزنى ئورىۋېتىپ ئالۋاستىغا ئوخشاپ قېلىش
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- كىشى ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق تەجرىبىلەر
- پۇرچاق دېگەن جىق يەيدىغان نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ ئايغا چىققاندا …
- ھايۋاناتلار ھەققىدە سىز ئاڭلاپ باقمىغان قىزىقارلىق 10 ئىش
- سىرلىق تىك-تاك پىچاق زادى قانداق ئىش؟ تىك-تاك پىچاقچىلار يەنە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟
مەن بىرىنجى بولۇپ قول كۆتۈرەي
ئايال كىشىكەن تېخى ماۋۇ! مەن دەرھال توختاپ كۆزۈمدىن غايىب بولغاندىن كىيىن ئاندىن ماڭىمەن. ژۈرەك پۈتۈنكەن ما خوتۇندا
يىلان بەك ئوماق جىمۇ؟!؟!بولۇپمۇ زەھەرلىكى!!!
ياۋ…مەن تېخى يالغان يىلان بولسا كېرەك دەپتىمەن(تورخۇماردا داۋاملىق مۇشۇنداق تېمىلار يوللىناتتى )
مەن بوسام رولنى تاشلاپ قويۇپ كەينى ئورۇندۇققا چىقىۋالىتىم
ماشىنىنى توختىتىپ ئىشىكنى ئېچىشىغىلا ئۇ يىلان: ئەسسالوم خان، ئەمدى قىسا گەپلىرىنى ھە…. دەپ قالامىكى
سۇ يىلىنى ئەمەستۇ ئۇ ؟!
ياۋپانا!! ما ژىلاننى مانا جىڭ 谈定 دىسە بولغىدەك!
مەن بەك قورقىمەن يىلاندىن. تولۇقسىزدىكى چاغلاردا سىنىپتىكى كەپسىز ئوغۇللار داۋاملىق يىلان تۇتۇپ ئەكىلىپ بىزنى قورقىتاتتى، مەن بىر قېتىم ھوشۇمدىن كەتكىلى تاس قالغان.
ما ئۇسۇل بولدىكەن جۇما! ماشىنىنىڭ ئالدىغا يىلاننى ئەپ قويۇپ ماڭسا مەنزىلگە ئاز دىگەندە يېرىم سائەت بۇرۇن يېتىپ كەلگۈدەك
مەن دەششەت قوقىمەن يىلاندىن
مەن يىلاندىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيمەن، چۈنكى كىىچك ۋاقتىمدا ئۆيۈم دەريا بويىدا ئىدى. ئېزىپ قالغان يىلانلار ئانچە مۇنچە ئۆيىمىزگە كىرىپ پەتىلەپ چىقىپ كېتەتتى. كىچىك بالىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ قالسام مەكتەپكە ئاپىىرپ، ساۋاقداشلىرىمنى قەيسەر، باتۇر بولۇشقا ئۈندەيتىم….