ھايۋاناتلار ھەققىدە سىز ئاڭلاپ باقمىغان قىزىقارلىق 10 ئىش
10. تىمساھنىڭ ئاشقازان قىسمىدا نۇرغۇن تاش بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ سەۋەپسىز ئەمەس. بۇ تاشلار تىمساھنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا ياردەملىشىپ، ئاشقازانغا كىرگەن تاشپاقا، بېلىق، قۇشلار، زىراپە، سۇ كالىسى، مايمۇن، ھەتتا باشقا تىمساھ قاتارلىقلارنى ھەزىم قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇ ئۈزۈشكىمۇ ياردىمى بار، مەسىلەن، سۇ ئاستى كېمىسىدىكى ئېغىرلىق ئاشۇرۇش قۇرۇلمىسىغا ئوخشاش.
9. يېڭى تۇغۇلغان كىت بالىسى ھەرگىز كىچىك بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى ئانىسىنىڭ 1/3 چىلىك كېلىدۇ. كىتنىڭمۇ كۆكسى بولىدىغان بولۇپ، كىت بالىسى ئانىسىنىڭ كۆكسىنى شوراپ تۇرىدۇ، ئانا كىت بولسا، سۈت بېزىنىڭ ئەتراپىنىڭ مۇسكۇللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق سۈتنى سىقىپ چىقىرىدۇ. كىت سۈتىنىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، 50% ئەتراپىدا ماي تەركىبى بولىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر.
8. قۇشلار ئۇزۇن سەپەرگە چىققاندا قۇرۇقلۇقتىكى قويۇۋالغان بەلگىلەر(Landmark) ئارقىلىق يول باشلاپ ماڭىدۇ.
7. قۇندۇز قىشنى قۇيرۇقىغا توپلانغان مايغا تايىنىپ ئۆتكۈزىدۇ.
6. ئافرىقا قارىغۇ چاشقىنى پۈتۈنلەي قارىغۇ دەپ قارىلىدۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز يورۇقلۇقنى سېزەلەيدۇ.
5. ھايۋاناتلار ھەممىسى شەخسىيەتچى بولمايدۇ، يېڭى تۇغۇلغان چۈجىلەر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولىدۇ.
4. نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم چوڭقۇر ئاستىدىكى ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. يەنى، دېڭىزدا جىنسى ھەم ئەركەك ھەم چىشى جانلىقلار نۇرغۇن. بىر قىسىم بېلىقلار كۆپىيىش مەزگىلىدە بەدىنىدىكى ھورمۇنلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ توختىماي جىنس ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، بەزىدە ئەركەك بەزىدە چىشى دېگەندەك.
3. زىراپە ئوزۇقلۇقنىڭ ئايلىنىشى ئارقىلىق ئېگىزلىكىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.
2. پىلنىڭ بېشى ناھايىتى چوڭ، گەرچە ئەقلىي بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما ھېسسىي بۆلۈنمىسى يامان ئەمەس، يەنى تەخمىنەن EQ سى 1.88(ئىنسانلارنىڭ 7.33 تىن 7.69 ئارىلىقىدا) كېلىدۇ، ئورانگۇتاننىڭ 2.45، چوشقىنىڭ 0.27 بولىدۇ. شۇڭا پىلنى دۆت دېگىلى بولمايدۇ.
1. شاتۇتىنىڭ دورىشىنى نۇرغۇن كىشىلەر خاسلا دورامچىلىق دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيانقى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، شاتۇت 4 ~ 6 ياشقىچە بولغان بالىلار بىلەن تەڭ ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايدىكەن. «ئوخشىمايدىغان»، «چوڭ-كىچىك»، «بار يوق» ۋە سان-سىفىر قاتارلىق ئۇچۇرلارنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن. ئالىملار ھازىر شاتۇتنىڭ دوراش ھالىتىدىن پايدىلىنىپ ماشىنا ئادەملەر ئۈچۈن تىل تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: دۇنيا، قىزىقارلىق، ھايۋانات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,859 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 10-interesting-things-about-animals.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تەتقىقاتلارغا ئاساسلاندا، كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ھەر يىلى 5 كۈنى ۋاقىتنى كومپيۇتېرنى قوزغىتىشقا سەرپ قىلىدىكەن
- كېيىنكى يازما > خەلقئارا شاھمات شاھى بىلگەيتېسنى شاھماتتا 79 سكونتتا ياساپ قويۇپتۇ
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن پىل دۇنيادىكى بىردىن-بىر سەكرىيەلمەيدىغان ھايۋان
ئادەم: مەن نىمە دېسەم شۇنى دە.
شاتۇت: مەن نىمە دېسەم شۇنى دە
ئادەم: مەن بەك چىرايلىق
شاتۇت؛: مەن بەك چىرايلىق
ئادەم: مەن پەرۋازـقىلىپ ئۇچالايمەن.
شاتۇت: تولا غىدىغىمنى كەلتۈرمەي غىت قىسقىنا…..
4-سى مېنى چۈچۈتىۋەتتى
ئاۋۇ ئىقتىدارغا قىزىقىۋاتامسىز؟ ( ھې ھې ھې..)
بۇ يازمىنىڭ ئاپتورى يوقكىنا ؟
تىمساھنىڭ قىززىق بىلىندى ماڭا ، سۇ ئاستى كىمىسىنى تىمساھقا تەقلىد قىلىپ ياسىغانمىدا ؟
11.بىزنىڭ ئۆيدىكى قويلا كۈندە ئىككى ۋاخ ھەلەپ ، بىر ۋاخ كۈنجۈر يەپ قۇيىدۇ ، خۇشى تۇتسا تېخى كەينى كەينىدىن قۇزىلاپمۇ قۇيىدۇ ھې ھې
يېقىندىن بۇيان تېمىنىڭ ئاپتورى يوق بولاپ كەتتىيا؟؟
دۇنيادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى بىردىنبىر…
مەسىلەن:
زىراپە بىردىنبىر يۆتىلىيەلمەيدىغان ھايۋان
ياچىۋەك بىردىنبىر ئېرىنى يەۋىتىدىغان ھايۋان