كلاسسىك 3D مۇشتلىشىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى – Tekken
Tekken – خەنچە نامى 铁拳 دەپ ئاتىلىدىغان ئويۇن بەلكىم 80 -يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ھېچقايسىغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك؟ باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا مۇشۇ ئويۇننى ئويناپلا چىقىپتىكەنمەن، بۈگۈن دېسكا سومكامنى رەتلەۋېتىپ، ئەينى چاغدا 10 سومغا سېتىۋالغان 600MB سىغىمدىكى تۆمۈر مۇشت ئويۇنىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى بۇنى Windows 98 دىن باشقا سېستىمىدا ئوينىغىلى بولمايتى، تور ئارىلاش ئارقىلىق ئەسلى ئويۇننىڭ بىر قىسىم ئارتۇق كۆرۈنۈشلەر چىقىرىۋېتىلگەن 20MB لىق نۇسخىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، بۇ يەردە بىر نۇسخا قالدۇرۇپ قوياي…
كىچىك چاغلىرىمدا مۇشۇ ئويۇننى ئوينايمەن دەپ ئويۇنچۇقخانىغا كۈندە بېرىۋالاتتىم، پەقەت ئىككىلا ئويۇنچۇقتا بۇ ئويۇن ئورنىتىقلىق ئىدى، ئويناش ئۈچۈن سائەتلەپ ئۆچىرەت تۇراتتۇق، ماڭا ئەمدىلا نۆۋەت كەلگەندە بولسا، دادام كېلىپ قۇلىقىمدىن تۇتۇپلا ئەچىقىپ كېتەتتى، كېيىن ئويۇنچۇقخانىنىڭ خوجايىنىمۇ دادامنى تونۇپ كېتىپ، دادامنىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقىنىنى كۆرسىلا، خەيزى، نى لاۋبا لەيلې، كۇەي پاۋلا دەيتى، بەدەر قاچاتتىم، تەلىيمگە ئارقا ئىشى بوپ قالغىنى…
ئويلاپ باقسام بۇ ئويۇنغا تا ھازىرغىچە مېھرىم بار ئىكەن، شۇ چاغدىكى ئويناش تۇيغۇم ۋە قولۇم تا ھازىرغىچە شۇنداق ياخشى كېلىدىكەن(بىر قىسىم گۇمپلارنى چىقىرىشنى ئۇنتۇپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا). ئۆزۈمگە تەمەننا قويغىنىم ئەمەس، ئەگەر ھەقىقى ئاشۇ ئويۇنچۇقخانىدىكى شارائىت ۋە مەن تونۇش شۇ كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرىلىشى ھازىر قىلىنسا، خېلى خېلى ئادەمنى يېڭىۋېتىشىم بار. پو ئېتىۋاتىسىز؟ ھا ھا، پۇرسەت بولسا كۇنۇپكا تاختىسىدا بولسىمۇ تۇتۇشۇپ باقارمىز، قېنى ئەمىسە ئىشتەي ساقلاپ تۇرغانلار مەرھەمەت.
ئەسكەرتىش: چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگىنى Tekken ئۈچىنچى ئەۋلاد، توردا يەنە 2-ئەۋلادنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ، بىراق بۇ يەردە تەمىنلەپ يۈرمىدىم. بۇ كومپيۇتېردا ئوينايدىغان نەشىرى بولۇپ، سىغىمى ئارانلا 20 نەچچە MB كېلىدۇ.
ئويناش ئۇسۇلى: بۇ ئەسلىدىنلا PC نەشىرىدىكى ئويۇن بولمىغاچقا، بۇنىڭغا بىردانە تەقلىدى مۇھىت قوشۇۋېتىلگەن، بۇ مۇھىتنى قوزغىتىپ تۇرۇپ، 文件 تىزىملىكىدىن 运行ISO نى تاللاپ، ئاندىن roms نى قوش چېكىپ ئېچىپ، 铁拳3精简版 نى قوش چېكىۋەتسەكلا بولدى، 15 سكونت ئەتراپىدا ساقلىغاندىن كېيىن نورمال ئويناشقا بولىدۇ، باشقا تەڭشەش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكى ئاشۇ ئادرېستا بار، بىرمۇ-بىرمۇ تەرجىمە قىلىپ يۈرمىدىم، چۈشەنمىگەن جايلار بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
Tekken ئويۇنىنى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com | تەقلىدكۈچنى تەڭشەش | زاپاس چۈشۈرۈش مەنزىلى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,933 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: tekken3-for-pc.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ۋە كۆرۈنمە يۈزى پۇزۇر لايىھەلەنگەن ئويۇن – Shatter
- كېيىنكى يازما > كونا بولسىمۇ بىر ئويناپ تۈگىتىشكە ئەرزىگۈدەك ئويۇن – Resident Evil4
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- [ئويۇن] مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى
- مارىيو ئويۇنىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تۈگىتىش رېكورتى يەنە يېڭىلىنىپتۇ
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
ۋاقتىڭىز بولسا، ئاۋۇ 97 دا بىر تۇتۇشۇپ باقساق…
پۇرسەت بولسا چوقۇم تۇتىشىمىز~
كېيىنكى كۈنلەردە تۇتىشىپ باقساق بولغۇدەك .
تەدبىركار 97 نى ياخشى بىلمەيدۇ..ئەمما يازمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئويۇندا پەيزى بار.
دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ!
تۈمۈر مۇشىت ئۇيۇنىدا تۇتۇشدىغانلار بولسا…
بۇنىڭ مەندە PC دا ئوينايدىغان 700M ئەتىراپىدىكى نۇسخىسى بار ،شۇ ۋاقىتتا قىزىل بايراقتىن ئاتايىتەن ئىزدەپ تاپالماي مەنمۇ قوشنا ياتاقتىكى قىرىنداش مىلەتتىن 50 سومغا سىتىۋالغان ئىدىم .تىخى قىزىل بايراقتىن ئاتايەن USB غا چاتىدىغان باشقۇرغۇچ قولدىن ئىككىنىمۇ ئەكىلىپ دەرسكىمۇ چىقماي ھەپتە ھەپتىلەپ ئويناپ كەتكەنلىرىمىز .ساراڭدەك ئوينايتتۇقدە .ئەڭ يامان يىرى دائىرىلىك تور بولسۇن ياكى ئىتېرنىت تورى بولسۇن تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولماييتتى
يۇقارقى نەشىرىنى تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدۇ دېيىلىپتۇ ۋە قالدۇرغان مەنزىلدە تەڭشەش ئۇسۇلى بار ئىكەن، سىناقتىن ئۆتۈپ قالسا ھەممەيلەن بىرەر قېتىمدىن تۇتىشىپ باقارمىز
مەن ھازىرمۇ دوستۇم بىلەن Tekken2 نى ئويناپ تۇرىمەن.
دائىم يېڭىۋېلىپ جىلە قىلىمەن ئۇنى، ھا ھا ھا…
نېمىشقىكىن مۇشۇ ئىككىنچى ئەۋلاد نۇسقىسىغا ئامراق.
3-نۇسقىسىنى ئانچە ياخشى كۆرمىدىم. (شەخسىي كۆز قاراش)
مۇشۇ ئوياننى راس بى ئە كىشىنىڭ ئويۇنىدەك ئويان دېگىلى بولىدۇ جۇما، بىرگە بىر سېلىشىمز، ئا باشقىلىرىدەك قوشۇن باشلاپ چىقىدىغان، قىيا چىيا ئاۋازى يوق، رېئاللىققا خېلى يېقىن، قالايمىقان، رېئاللىقتا يوق گۇمپىلار بىلەن بېزەلمىگەن، ئادەملىرىمۇ خېلى دانلىق چىقىدۇ، باشقا ئويۇنلاردەك قۇرۇت قوڭغۇز، ئىت مۈشۈكلەر بىلەن مۇشلىشىپ يۈرمەيمىز،
ئاندا بوسا مەن قادىخاندىن ھە قاسىلىرىغا جەڭنامە كەتتى، ئەكەكلەر ئۆزىنى ئەكەك چاغلىغان توخۇمارلار شاش تۇرۇشالا جۇما… ھا.ھا…
مانا،تور خۇمارلار دۇنيا ئۇرۇشىغا تەييارلىق ھازىرلاندى!…
كەمىنە فەقىرمۇ بوش ئەمەس، ئالدىنقى قېتىم ئويۇنچۇقخانىغا بارغاندا ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇتقانلارغا مۇكاپات بىرىلىدۇ ..دەپ يىزىقلىقكەن، بىر قېتىم ئۇتۇپ قويسام، كىيىن كەلگەندە بەش قېتىمغا ئۆزگەرتىپ قويۇشۇپتۇ چىدىماسلار…
زادى ئويۇننىڭ نوچىسى جىما … مۇش شاھى (拳皇(دېگەندەك ئويۇنلارنىمۇ ئويناپ باققان ، يەنە بۇنىڭغا يەتمەيدۇ . بۇنىڭ 5-سى چىقىپتۇ دەۋاتقان ، قانداق بولدىكىن … كىنوسىمۇ ئىشلىنىپتۇ بۇنىڭ
بىزمۇ خېلى ئويناپ قوياتتۇق بۇ ئويۇننى ھى ھى ھى
بۇ تىمىنى كىم يۇللىغان مەن چۇشۇردۇم ئەمما ئوينىيالمىدىم!!!ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار QQ+516040366
مەن قاچىلىغان ئىدىم ئەمما قوزىغىتالمىدىم
مەن بۇ ئۇيۇنى قاچىلغان ئىدىم بىراق زادىلا قوزغۇتالمىدىم ياردەم قىلساڭلار چچ 1791664737
مەنمۇ نۇرغۇن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ باشلانغۇچتا باللار بىلەن دەرىسكە كىرمەي ئويناپ كىتەتتۇق دىشا قويۋەتتى دەپ . ئەسلىتىپ قويدىڭىز..
3D,ئويۇن
كىنو كۆرگەندە چوقۇم يۈرەك كىسلى بار كشلەر ئامال قىلپ 3Dكىنو كۆرمەسلكى كىرەك،مەنمۇ سەندى كىنو كۆردىغان كۆزئەينەك ئالغانتىم تۇنجى قىتم قورقۇنۇشلۇق فىلىم كۆرۈپ ئۈزۈممۇ قورقۇپ كەتتىم ،شۇڭا دىققەت قىلشڭلارنى ئۈمۈت قىلمەن دەپ پىكر قاتناشتۇرغۇچى: ئاقتۇتورى(شەيتان)
رەھمەت مەنمۇ چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم ئەمىسە
مەن قاچىلىغان ئىدىم ئەمما قوزىغىتالمىدىم
مەن قاچىلىغان ئىدىم ئەمما قوزىغىتالمىدىم
چ چ نومۇرۇم 125347489 ياردم قىلساڭلار!
مەن تېخىچە بىرەر جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىمغۇ؟
مەن چۈشۈرۈپ ئوينىغان 38مىگابايىت سىغىمدىكى بىرسى بار ئويناپ باقساڭلار بۇلىدۇ . تور ئادرىسىنى يوللاپ بىرەي http://www.okemu.com/6/3294.html
Cadillacs and Dinosaurs مۇ پەيزىتى،ھېلىقى 恐龙快打 دېگەن ئويۇن.
tekken بۇئويۇننى android تىلفۇنلاردا ئوينىغىلى بولىدو