ئەسلىدە مۇنداقكەندە؟! ھوللىيۋود كىنو ئېلان-تەشۋىقات رەسىملىرىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سىرلار

the-secret-behind-hollywood-movie-posters

ھوللىيۋود فىلىملىرىنى ياخشى كۆرىدىغان تورداشلىرىمىز ئادەتتە ھەرۋاقىت ئۆزگىچە رەڭدار لايىھەلەنگەن ھوللىيۋودچە فىلىم تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، ناۋادا سىز تەپسىلىي ئەسلەپ باقسىڭىز، ھەر قېتىم يېڭى بىر فىلىم چىقماقچى بولغاندا، سىزدە بۇ تەشۋىقات رەسىمى ئىلگىرى بىر يەردە كۆرگەندەك خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ خاتا تۇيغۇ ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئوخشاش تۈردىكى فىلىملەرنىڭ تەشۋىقات رەسىمىنى ئىشلىگەن چاغدا، قارىماققا ئاساسەن ئوخشاش دېگۈدەك بىر خىل لوگىكىلىق پىكىر يۆنىلىشىدە لايىھەلەپ چىقىدۇ.

فىرانسىيەدىكى Christophe Courtois ئىسىملىك بىر بلوگ نۇرغۇن ھوللىيۋود فىلىملىرىنىڭ تەشۋىقات رەسىملىرىنى يىغقان ۋە تۈرلەر بويىچە سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ئوخشاش تۈردىكى لايىھەلەرنى بىر-بىرىگە چاپلاپ چىقىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ تەشۋىقات رەسىمىنى دائىم ئۇچرايدىغان 14 خىل لايىھە يۆنىلىشى بويىچە رەتلەپ چىققان. مەسىلەن تەبىئەت ۋە ھايۋانات تەسۋىرلەنگەن فىلىملەرنىڭ تەشۋىقات رەسىمى كۆك رەسىمنى ئاساس قىلسا، مۇھەببەت فىلىملىرى ئاساسەن پېرسوناژلار بىر-بىرىگە دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرغان ھالىتىدە لايىھەلەنگەن، شۈبھىلىك فىلىملەر بولسا كۆز قارىچۇقىنى چوڭايتقان ھالەتتە لايىھەلەنگەن.

posters0

posters1

posters2

posters3

posters4

posters7

posters8

posters9

posters10

posters11

posters12

posters13

posters14



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. جامباز 2011.12.07 , 21:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان…:oops:

  2. جامباز 2011.12.07 , 21:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن دىۋان تالىشىدىغانلار يوق ئوىشىمامدۇ؟؟

  3. ئاقتۇرۇك 2011.12.07 , 23:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قېلىپقا سېلىپ لاھىلەيدىكەندە بۇلارمۇ :mrgreen:

  4. estami 2011.12.07 , 23:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ فىرانسيلىكە قول قويدۇم .

  5. ۋىروس 2011.12.08 , 11:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس شۇنداقكەن ھە ،،،، مەن بايقىماپتىكەنمەن .

  6. كۇلكە 2011.12.08 , 14:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلىدە مۇنداقكەندە…………

  7. ئاغىنىلەر 2011.12.09 , 17:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئەمدى بىلدىم بۇ ئىشلارنى

  8. سەرگەردان 2011.12.09 , 22:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئامىرىكىلقلارمۇ بىر خالتىنىڭ ئىچىدە سەكرەيدىكەن ئەسلىدە!

  9. ajrim 2011.12.19 , 15:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەنگىلىيەدە ئوقۇيدىغان فىرخان ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان بالا ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت تەتقىق قىلىش،ئىزدىنىش ئارقىلىق ھوللىۋود دۇنياسىنىڭ ئارقا-كۆرنۈشىنى پۈتۈنلەي ئېچىپ تاشلىغان ۋە 8 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە پىرامىدا،بىر كۆز،ئادەم يۈزىنىڭ يېرىم قىسىمى،rain,مۈڭگۈز قاتارلىق بەلگە،سۈرەت،ئىسىملەرنىڭ نۇرغۇنلىغان ھوللىۋود فىلىملىرىگە ئۇستىلىق بىلەن ىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى،فىلىملەرنى،ئېلان تەشۋىقاتلارنى كۆرگەن 50% كۆپ كىشىدە چۈشكۈنلۈك،ھورۇنلۇق،جىنسى ئويغىنىش،زەھەر،رەپ قاتارلىق پىسخىكا ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى تىببى،پىسخىكا قاتارلىق كەسپى ساھەلەر بويىچە ئىسپاتلاپ چىققان.بۇ تېمىدىكى نۇرغۇنلىغان لاھىيەلەر ئەمىلىيەتتە ئۇستىلىق بىلەن شۇ خىل پىسخىكا روھىي ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن لاھىيلەنگەن.زوراۋانلىق،جىنسىي تەرغىپ،تۇمان،كۆز قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغانىكەن،كۆرۈپ شۇ فىلىملەر ئىسىمگە كەپ قالدى.

    • تورخۇمار 2011.12.19 , 17:28

      ئۇنداق بولسا بۇنى ئالدىراپ بىرسىگە كۆرسەتمىگۈلۈككەن.

    • ئەنسار 2012.03.09 , 18:01

      ئاشۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى بىزمۇ كۆرۈپ باقمايلىكمۇ بۇرادەر،مۇمكىن بولسا ئادرىسىنى يوللاپ قويۇڭە.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量