ئەتراپىمىزدىكى گۈزەل دەقىقىلەرنى بەلكىم پەقەت ۋاقىت ئىزىدا توختىغان چاغدىلا ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن
دىققەت قىلىدىغان بولساق، نادىر ئېلانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئادەتتە تاكى ئېلان تۈگىمىگۈچە مەھسۇلات ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر چىقمايدۇ، ھەتتا بەزى ئېلانلاردا ئەسلى مەھسۇلات ھەققىدە ھېچقانداق ئاشكارە ئۇچۇرمۇ يوق. بۇ خىلدىكى ئېلانلار دەل بىز ئىزدەپ تېپىپ كۆرىدىغان ئېلانلاردۇر.
شاۋقۇن-سۈرەن باسقان كوچا ئېغىزى، كىشىلەر ئالدىراش قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتقاندا، قۇياش نۇرى ئاستىدىكى بىر يانچۇق سائىتى يېنىكلا سىلكىنگەن شۇ دەقىقىدە، ۋاقىتنىڭ جايىدا توختاپ قالىدىغانلىقىغا ھېچكىم دىققەت قىلمىغان ئىدى. بىر سېھرىگەر كىشىلەر ئارىسىدىن مېڭىپ ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ قىياپىتىنى ۋە ھەرىكىتىنى توغرىلاۋاتاتتى، ئارىمىزدىكى يوقالغان، بىز سەل قارىغان مېھرىبانلىقنى قايتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى…
يەرشارى توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ۋاقىتمۇ ئوقتەك ئۆتۈۋېرىدۇ، ھالبۇكى بىزنىڭ ھەر كۈنلۈك تۇرمۇشىمىز ئالدىراشچانلىق ئىچىدە غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەركۈنى ئالدىراش خىزمەت، يول مېڭىش، تاماق يېشىش، تېلىفون ئۇرۇش…ئالدىراشلىق تۈپەيلى، نۇرغۇن نەرسىلەرگە سەل قاراۋاتىمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ۋاقىت توختىغان ۋاقىتتىلا بەلكىم، تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنىڭ بىزدىن ئانچە يىراقتا ئەمەسلىگىنى بايقىيالىشىمىز مۇمكىن.
Nescafe نىڭ بۇ ئېلانىدىكى توختىغان ۋاقىت ئەمەلىيەتتە، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىش جەريانىدىكى ۋاقىتنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆزىمىزنى ئازراق ئارام ئېلىشقا، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچكەن ئۆزىمىزنى يېنىكلىتىپ، ئەتراپىمىزدىكى گۈزەل دەقىقىلەردىن ھوزۇر ئېلىشقا ئۈندەيدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىچىملىك، ئېلان، تۇرمۇش، ۋاقىت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,029 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: despierta-a-la-vida.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پىچاق ئوينىتىدىغان بۇ سولتەكنىڭ ماھارىتى ئاللىقاچان بىر دەرىجىگە يېتىپتۇ، سۈرئەت دېگەن باركەن ئەمەسمۇ؟!
- كېيىنكى يازما > [ئۇيغۇرچە خەتلىك] كىشىنى ئويغا سالىدىغان قىسقا فىلىم – نۆلنىڭ ھاياتى(Zero)
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
پەچەتكەنغۇ بىراق ،،
مەن بەك ھىس قىلالمىدىممۇ نىمە…دۆتمۇ يا مەن
سازكەن
مەنمۇ كۆرەلمىدىممۇ نىمە
قىسقا ئەمما مەزمۇنلۇق ئېلانكەن… ئېسىل…
ھەقىقەتەن ياخشى ئېلان ئىكەن ! بىردىمۇ مۇشۇنداق مەزمۇنلۇق ، گۈزەللىككە تۇيۇنغان ئېلانلار كۆپرەك بولسا ئىدى ، مەيلىتى كىنونىڭ ئارىسىغا پات-پات مۇشۇنداق ئېلانلارنى قىستۇرۇپ قويسا.
تايلانتنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئېلانلىرى بەك كۆپ
راستىنلا بولىدىكەن لىكىن ئابومجان يوق سەل قىززىمىدى ئادىش بامۇ يا سىلە
نەۋقىرانجون چىژلىقما ! بىرقانچە كۈن يولدا بوپ قېلىپ تازا چىقاممىدىم ، تورخۇمارنى سەت سېغىندىم ئەمما … ھېجەپ بى مەبىتىڭلىنى سېغىنغاندەك سېغىنىپ كىتىپسىلە مىنى ، ھې ھې ، خۇش بولدۇم
تېلفۇندىلا كۈرۈۋەتتىم ما سىننى 1-چىسلا ئەمەسمۇ ئېقىم دىگەن تۇشاق، سائەتنىڭ ئېلانى ئوخشايدا دەپتىمە باشتا ، نەچچە كۈن بۇرۇن كۆسەم بوپتىكە ما سىننى ئەسلى
شۇندا قىپ ئەدەمنى نەس باسسىسمۇ ئاجايىپ باسىدىكەن ، ئېۋۇ بىر يازمىدا تىلغا ئاغان ۋېلسىپىتىم باتى ئەمەسمۇ ، كىتىشتىن بۇرۇن دوستۇمغا قالدۇرۇپ كىتەي دىگەن ، تۇيۇقسىز غايىپ بولدى ، قۇلۇپ ساممىساممۇ يۈتمەيدۇ دەپ ئاتقان پولىرىم
بىچارە كومپىيۇتېرىم قېرىپ قاغان ئوخشايدۇ ، بۇ ئاداشمۇ كىلىشتۈرۈپ كۆك ئىكران بۇلۇپ قايلاپ ئولتادى ، قاچىلاي دىسەم دىسكا يوق
كىنو كۈرۈپ ئولتاسام تېلفۇنۇم لاپلا قىپ يۇرۇپ قويدى ، قارىسام قېتىۋاپتۇ ، قايتا قوزغاتقىنىمنى بىلىمنى ، شۇنىڭ بىلەن بەدەر ئېچىلمىدى ، كومپىيۇتېرغا چېتىپ باقتىم . توك قاچىلاپ باقتىم ، مىتمۇ قىپ قويمىدى ، ئوڭشاتقىلى ئاپاسام تېلفۇنىڭنىڭ ئاساسى تاقتىسى كۈيۈپتا دەپ قىزىل ماۋجۇشىدىن ئۈچنى ئالدى ، تېخى ئۈرۈمچىگە باغاندا بىرە كۈن چۆگلەمە دەپ يىغقان پۇلۇمتى بۇ
بالا كەسە قوش كەپتۇ دەپ ، تېلفۇن ئوڭشاتقلى ماڭغان ئەتتىگەندە ، قارىسام جۈمەكتىن ئازراق سۇ ئېقىپ قاپتۇ ، ئىتىۋىتەي دەپ شۇندا قول ئۇزاتقىنىمنى بىلمە ، كىم بىلسۇن قاسلى قىغان ئاۋاز بىلەن ماتۇڭنىڭ (ھېلىقى ئولتۇرىدىغان بىرسى باغۇ )يېرىمى سۇنۇپ كەتتى ، ۋاي توۋا قىلدىم ، ما ئۆينى ساغىلى كامىدا 10 يىل بوغاندا ، ماتۇڭنى سۇندۇرغان مەن تۇنجىسى چۇقۇم
دوستۇم سىرىتتىن ئىجارە ئالغان ئۆيتى ، كەچتە خىزمەتتىن كىلىپ بەك سۆزلەپمۇ كەتمىدى ، لىكىن خىجىل بوپ ئۆلەي دىدىم ، شۇنداق قىپ بۇ ئىشلانىڭ ھەممىسى ئاساسەن بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە يۈز بەردى ، ئويلىسام كۈلۈپمۇ كېتىمە بەزىدە .
ھەي شۈكرى دەي
يو باكەنمىز ھە ئابومجون بىزمۇ سالامەت ھاجايىپ ئىشلار بوپتىغۇ ئۇلىشىپلا زىيانچىلىقلار خىزمەتكە چىقىۋالدىم دەڭ توي ئىشى چۇ پولۇيىگۈمىزكەپكەتتى دەيمەن
بىي ئىش قىلغاندا « بىسمىللا…» دەپ باشلايدىغان ئابومجان، بوممىسا ئايىندا پالاكەتتىن نېرى بولمايلا ….
نەس قەھۋە سىنىڭ ئىلانىكەنغۇ؟؟
مەن تېلىفۇندا چىققانتىم. سىزنىڭ بىلوگڭىزدىكى سىن لارمىنىڭكىدە چىقمايدىغۇ. بولمىسا باشقا كىنو قاناللىرىدىكى كىنو چىقىدۇ. پەقەت بۇ يەردىلا چىقمايدۇ. ياكى سىز يوللىغان كىنونىڭ ئايرىم قويغۇچى بارمۇ؟