ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئەرلەرگە تۆۋەندىكى ئالتە ئېغىز سۆزنى ئالدىراپ دەپ سالماڭ!
كونىلاردا: « يېمەكلىكنى قالايمىقان يەپ قويسىمۇ، گەپنى قالايمىقان دەپ قويماسلىق كېرەك.» دەيدىغان سۆزلەر بار، ئەگەر يېمەكلىكنى خاتا ياكى قالايمىقان يەپ قويسا ئازراق دورا يېسە ياكى دوختۇرغا بارسا بولىدۇ، لېكىن گەپنى خاتا ياكى قالايمىقان دەپ قويىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس، بەزىدە كاللا كېتىشى، بەزىدە يۈز-ئابروي بىراقلا يەر بىلەن يەكسان بولىشى، ھەتتا بەزىدە ئادەتتىكى بىر ئېغىز گەپ بىلەن باشقىلارغا بىر ئۆمۈرلۈك ئازاب ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
مۇھەببەت ۋە نىكاھنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى پەقەت خانىم-قىزلارغىلا تۈگىمەس قايغۇ ھەسرەت ئېلىپ كەلمەستىن، ئەرلەرگىمۇ ئېغىر دەرد ئەلەم ئېلىپ كېلىدۇ. بەزى خانىم – قىزلار ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىن ئۇلارنىڭ ئازابلانغان، قايغۇرغان ھالىتىنى ئاسانلىقچە بىلەلمەيدۇ. شۇڭا بەزىدە ئەرلەرمۇ « يۈرىكىم يىغلايدۇ » دەپ قويىدۇ. نۇرغۇنلار نىكاھتىن ئاجراشقاندا ياكى مۇھاببەتتە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا ناھايىتى سەت گەپلەرنى قىلىشىدۇ. لېكىن ھەر قانداق گەپنى ئېغىزىمدىن چىقتى دەپ دەۋەرسە بولامدۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن تۆۋەندىكى ئالتە جۈملە گەپنى ھەرگىز ئېغىزىڭىزدىن چىقىرىپ قالماڭ،بولمىسا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەرمۇ سىزگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىشى مۇمكىن.
1-جۈملە : سېنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار ؟
ئادەملەرنىڭ ماددىي نەرسىلەرگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان، مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە بەزى خانىم-قىزلىرىمىز مودا قوغلىشىش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن بەزى ئارتۇقچە ماددىي نەرسىلەرنى ئېزىقتۇرۇشىدىن قۇتۇلالماي قېلىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ماددىي ئېھتىياجى قالدۇرۇلۇشقا ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، ھەمراھىدىن ئاغرىنىپ « سېنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار ؟ باشقىلارغا بىر قاراپ باقساڭچۇ» دەپ سۆزلەپ قويىدىغان ۋاقىتلارمۇ بار. ئەگەر بۇ گەپنى دەپ قويسىڭىز ئۇ سىزگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىشى مۇمكىن، چۈنكى ئەرلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى،غۇرۇرى دەخلى-تەرىزسىزدۇر.
2-جۈملە : سېنى تاللىغىنىم گۈلنى تېزەككە سانجىغاندەك ئىش بوپتۇ
بەلكىم بۇ جۈملە ئەرلەر ئۈچۈن بەك چوڭ ھاقارەت بولۇشى مۇمكىن، سىزنى بىرى سەن بىر پارچە كالا تېزىكى دېسە ئاچچىقىڭىز كېلەمدۇ؟ غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولامسىز؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنى چىرايلىق گۈل دەپ ئويلاپ قارشى تەرەپنى تېزەككە ئوخشىتىپ رەنجىگەن بولسىڭىز خاتالاشقان بولسىڭىز،چۈنكى ھازىر مۇنداق بىر ئېغىز گەپ مودا : « گۈللەرنى تېزەككە سانجىغاندىلا ئاندىن قۇۋۋەت تېپىپ تېخىمۇ چىرايلىق ئېچىلىدۇ »
3-جۈملە : سەن ئەر كىشى ئەمەسكەنسەن
«سەن ئەر كىشى ئەمەس» دېيىش بىلەن « سەن ئايال كىشى ئەمەس» دېيىش تەڭ دەرىجىدە، ھەر ئىككىلىسى ناھايىتى كۈچلۈك مەسخىرىگە تولغان. ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى بەك كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئالدىراپ بۇ گەپنى قىلماسلىق لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەركىشى بولمىسا ئۇنداقتا ئۇ زادى نېمە؟ سىز شۇنداق ئەر كىشى ئەمەس بىر نېمە بىلەن توي قىلغان ياكى ئارىلاشقانما؟ ئەگەر مۇنداق دېگىنىڭىز باشقىلار ئاڭلاپ قالسا ئەركىشى ئەمەس ئۆزىڭىزلا مەسخىرىگە قالىسىز، باشقىلار سىزنى ئەركەكلەردەك ئەرنى تاپالماي، شۇنچىلىك ئادەم تېپىپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
4-جۈملە : ئاپاڭ ياكى ئاتاڭ ئادەم ئەمەسكەن
قېينانا كېلىن مۇناسىۋەتنى ئەر-ئايالنىڭ نىكاھىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرى. ئەگەر سىز قېينانىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئۇنى ياخشى كۈتەلىسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى بولسا كېيىنكى تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەم،ئازادە ئۆتىدۇ. ئەكسىچە بولسا بەلكىم ئۇزاققا بارالمايسىلەر ياكى نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرايسىز. مۇشۇنداق مۇناسىۋەت ياخشى بولمىغان، قېينانا تەرەپتىن خاتالىق ئۆتكەندە، سىز ئالدىراپ ئاچچىقىڭىزغا پايلىماي جۈپتىڭىزنىڭ ئاپىسىنى شۇنداق سەتلەپ سالسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ ئۇقمايلا بىرەر تەستەك ياكى بىرەر مۇش يەپ كېتىسىز، چۈنكى ئاجراشسا يەنە توي قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ.
5-جۈملە : سەن ھېچ نەرسە ئەمەس
سىزنىڭ ھەرقانچە كارامىتىڭىز، ياخشى خىزمىتىڭىز، باي ۋە قولى ئوچۇق ئاتا-ئانىڭىز… بولسىمۇ سىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ئۇ كىشىنى مۇنداق دەپ ھاقارەتلىسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا سىز «ھېچنېمىنىڭ» بىرنېمىسى بولۇپ قالمامسىز. ئەگەر شۇنداق دېسىڭىز بەزى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرى كۈچلۈك ئەرلەر سىزدىن ئۆچ ئېلىشى، سىزنى چەكسىز ئازابلارغا مەھكۇم قىلىشى مۇمكىن.
6-جۈملە : سەن بىلەن بىرگە بولغىنىمنىڭ ئۆزى بىر كۈلكىلىك ئىش
مۇھەببەت ياكى نىكاھنى ئىككىڭلار ئۆز رازىلىقىڭلار بىلەن تاللىغان، ھېچكىم سىلەرنى مەجبۇرلىمىغان بولسا، ئەگەر سىزدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭۈل قالمىغان بولسا،ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىڭىز چىرايلىق ئايرىلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ھەرقانداق مەقسەتتە ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولۇشى ناھايىتى كۈلكىلىك بىر ئىش بوپتۇ دەپلا قويسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق، چۈنكى ئەرلەر مۇنداق چاقچاقنى ھەرگىز كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ خۇددى ئۇنىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانجىغاندەك ئىش. ئۇ سىزنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: مۇھەببەت، ھېسىيات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,731 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 08-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 6-words-can-not-say.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر قىسىم ئۆزگىچە ئايرىلىپ كېتىش سەۋەپلىرى، بەزىلىرىنى كۆرۈپ قان تۈكۈرۈپ سالىسىز!!
- كېيىنكى يازما > ئوخشاش مەنزىرە، ئوخشمايدىغان دەۋر | ئەسلىمىگە تەۋە ئاشۇ بىر يۈرۈش كونا سۈرەتلەر…
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- ئاتىنىڭ كۆچمە قەلئەسى – قىزى ئۈچۈن تۆت يىل ۋاقىت مىليون دوللار خەجلەپ كاتتا ئاپتوموبېل ياساپ چىققان دادا
- نورۋىگىيە كوچىسىدىكى كىچىككىنە مۇھەببەت، سىز بولسىڭىز چاپىنىڭىزنى بېرەلەمتىڭىز؟
- بىر دادىنىڭ ئوغلىغا ئېيتقانلىرى
- بىلىپ ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىۋىنىڭ پاراۋانلىق ئېلانى – دىلرەبا ھايات
- مىكرو فىلىم – بوۋاق
دىۋاندا ئولتۇرۇش نىسىپ بوپتۇ مانا بىزلەرگىمۇ
تەدبىركارغا خوتۇن ئېلەپ بەسەك بولاتتى
يەنە مۇنداق بىر گەپنى قېتىپ قۇيۇشنى تايىن تاپتىم، سىز ئوغۇل دوستىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنى ھەرگىز باشقىلار قىز دوستىغا ياكى ئايالىغا مۇنداق قىلىپ بېرىپتۇ ، ئۇنداق قىلىپ بېرىپتۇ ، سەن ماڭا نېمە قىلىپ بېرەلىدىڭ دەپ سالماڭ ، غورورى ئىتتىك ئەر بۇلۇپ قالسا بىر تەستەك يەپ سالىسىز ، ئېرىڭىز ھەرقانچە بولسمۇ ئۇ ھامان سىزنىڭ ئېرىڭىز ، باششقىلارنىڭ قازىنى ھامان ئۆز ئۇچىقىدا قاينايدۇ .
مەنمۇ ئاز قاپتىكەنمەن دىۋانغا چىقىۋالغىلى … ھەي !!!
ھەي گەپ نەدە ئادەم نەدە ؟ ھازىر خاتالىقنى بىلمەسلىكتىن ئەمەس نوچىلىقنى دەپ قىلىدۇ.
نېمۇمۇ دېگىلى بولسۇن، ھەممىنى ئوغۇللار ئۆزىمىز باشلاپ بېرىپ يەنە ئۇلاردىن نېمىشقا رەنجىيمىز؟
======================================
ئەگەر سىز نى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئوغول (قىزغا نىسبەتەن) قىز(ئوغۇل غا نىسبەتەن) بىر-بىرنى چۈنۈنشى ۋە ئىززەتلىشى ۋە ھۆرمەتلىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ جەمىئيەت تەرەققىياتىغا ماسلاشتم دەپ بىر-بىرنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان ئىشلارنى (گەپلەرنى قىلماسلىقى) كېرەك. ئەگەر ۋەدە قىلىپ ئۆزگىرىش بولسا توغرا چۈنۈشى ياكى بىر-بىرىگە يول قويۇشى كېرەك. ھەرگىزمۇ ئاشۇ قىلغان بىر ئېغىز گەپكە ئسلىۋېلىپ ئۇنى ئۇنداق چامىسى يەتمەيدىغان ئىشلانى قىلىشقا زورلىماسلىقى كېرەك.
مىنىڭ قىز دوستۇم مۇ يۇقىرىدا دىيىلگەن ئىشلاردىن خالى ئەمەس، باشتا بىر يۇرتتىكى ۋاقىتلىرىمىزدا ئىنتايىن ياخشى ئۆتەتتۇق، كېيىن ئۇ ئوقۇشقا كېتىپ مىجىزە ئۆزگىرىشكە باشلىىدى، ‹‹ باشقىلا قىز دوستىغا ئانداق قىلىدىكەن، مۇنداق قىلىدىكەن، سەن ماڭا نىمە قىپ بەدىڭ، نىمە قىپ بېرالايسەن›› … مۇشىنىڭغا ئوخشاش جېدەل ماجىرالار، بىراق ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم، ئۇنىڭغا كۆزىنى يوغان ئېچىپ بېقىشقا، ئىككىمىزنىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا ئوبدان ئويلىنىپ بېقىشقا نەسىھەت قىلدىم، بىراق ئۇ يېڭى سەنىمىگە دەسسەۋەردى، ئاخىرى ئايرىلىپ كەتتىم، ئەگەر ئۇنداق قىلىقلىرىغا چىداپ ئۆتىىۋەرسەم غورورۇمغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم…… (بىراق ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم، ھازىرمۇ ئەسلەپ قويىمەن) ھى ھى ھى جېق سۆزلەپ قويدۇم
ئەقىللىق بالا ئىكەنسىز…
ھازىرقى زاماننىڭ قىزباللىرى ئوبدان بىلىۋالسا بولغىدەك ! !
مىنىڭچە بۇ يەرگە ئاچىلىرىمىز كىرمەيدىغان ئوخشايدۇ. بويتاقلار كۇلۇبى ئىكەندە بۇيەر ئەسلى
بويتاقچىلىقتا كىرىپ قاپتىمىزدە بۇ كۇلۇپقا
بىزمۇ جۆرە تاپساق بولغۇدەك جۇما ،ماۋۇ بويتالار كۇلۇبىغا ئازراق ئايال بويتاقلارنىمۇ يىغىۋالساق ياخشى بولاتى مۇندا تورخۇمارجان..
بۇ ھەقىقەتەن توغرا گەپ بوپتۇ. ھازىرقى ئەر ئاياللار باراۋەرلىكى بىزدىكى ئائىلە ئەندىزىمىزگە نۇرغۇن تەسىرلەرنىڭ ئېلىپ كەلدى. شۇڭا ئۆي دىگەندە ئەرنىڭ ھۆرمىتى بولمىسا ………..
تۆۋە ،قىزلار كىرمىسەك غەيۋەت بولۇپ كېتىپتۇ بۇ يەردە .
مەنمۇ يوللاپ قويمىسام ‘قىز دوستىڭىز بۇ 6 خىل گەپنى ھەرگىز دېمەڭ’دەپ …
قىز دوسىتىڭىزغا دىمەكچىتىم ، ئاۋۇ ئىملا خاتالىقىنى قاراڭ
ئە خەق با يەدە نىمە قىلىدىغاندۇ؟ ما قىزۋالا، نا مەھرەم بولىدۇ ھېلى بىكا
ئۇنداق دىگەن خوتۇننىڭ شۇ دەقىقىدە چىشىنى تۆكۈش كىرەكمۇ قانداق؟
بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان گەپلەركەنغۇ…. خۇدا ساقلىسۇن بىراۋنىڭ غورۇرىغا تىگىپ سېلىشتىن،قىز-ئاياللار ئەرلەردەك كەڭ قورساق ئەمەس -دە،ئاچچىقى كەلگەندە سىلەرنى ئۇرالمىغاندىكىن ئېغىز ئۇرۇشى قىلدىغان گەپ…شۇنىڭ بىلەن يامان ئاقىۋەتلەر كەپ چىقىدۇ شۇ…شۇڭا قىز -ئاياللىرىمىز ئېغىر بۇلۇشنى ئەرلەر بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تۇرماسلىقى مۇقەررەر .ھەدىسلەردىمۇ يۇقارقى گەپلەرنىڭ ھەممىسى گۇناھ ھېساپلىندىغان گەپلەردۇر..مەسلەن ئەگەر بىرەر ئايال بىرىنچى گەپ بىلەنلا ئۇدۇل دوزىخى بولدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن….
بىر ئائىلىدە داۋاملىك ئامراك ئوتۇش تەس لىكىن جورىڭىزنى چۇشىنىۋالسىڭىز ئەرلەردەك كويۈمچان ،مىھرىبان،كىشى يوق.ئۇلار خۇددى كىچىك بالا،بەزىدە شۇنچە كەپسىز لىكىن ياخشې سوز تاشىنى يارىدۇ.بۇ سوزلەرنى ئاڭلىغان ھەراقانداق ئەرنىڭ فەزىبى كىلىدۇ.شۇڭا ئاياللار سەۋرىچان بولايلى .ئەرلەرنىڭمۇ ئوزىنى ئايىشىنى توۋەنلىك بىلەن ئوتۇنەيلى،ئەمىلىيەتتە ئەرلەرنىڭ بافرى بەك يۇمشاق.كوپ ۋاقىتتا ئايالىنىڭ مۇلايىم ،سەۋرىچان بولىشىنى ئومۇت قىلىدۇ شۇ!……….
بۇرۇنراق كورمىگەن بولسام بىر تەستەك يەيدىكەنمەن.
مەنلا قاپـتىمەنغۇ كورمىگەن ، بىلۋالدىم رەخمەت.