«كارب دېڭىز قاراقچىلىرى» فىلىمىنىڭ ئاساسى ناخشىسىنىڭ مۇنداقمۇ ۋارىيانتلىرى بار ئىكەن…
ئارىمىزدا «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى» ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرۈپ باقمىغانلار يوق دېيەرلىكقۇ دەيمەن. مەزكۇر فىلىمنىڭ 4-بۆلۈمى «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى: ناتونۇش دولقۇن»مۇ ھازىر دەل پۈتۈن دۇنيادىكى كىنوخانىلاردا بەس-بەستە قويۇلىۋاتىدۇ. مەزكۇر فىلىم توغرىلىق گەپ بولسا، يەنە بىر نەرسە تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى» فىلىمىنىڭ ئاساسى مۇزىكىسى: He’s a Pirate
فىلىمنىڭ ئاساسى مۇزىكىسىنىڭ نامى He’s a Pirate بولۇپ، Hans Zimmer ئىسىملىك مۇزىكانتنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ دۇنياغا داڭلىق مۇزىكىنىڭ بىر قانچە خىل ۋارىيانتلىرى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى.
كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىدا ئورۇنلانغان نۇسخىسى، يۇمشاق دېتالنىڭ نامى Synthesia Piano
پىئانىنو نۇسخىسى
كلاسسىك گىتتار نۇسخىسى
گېرمانىيەلىك داڭلىق ئىسكىرىپكا ئۇستىسى David Garrett نىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئىسكىرىپكا نۇسخىسى
ئەلۋەتتە، يۇقارقىدەك ئەنئەنىۋى سازلاردىن سىرت، بىزنىڭ تەڭداشسىز قەھرىمانىمىز iPhone مۇ قاتاردىن قالمىغۇسى. iPhone نەشىرى!
ئاخىرىدا ئۆلچەملىك MP3 نۇسخىسىدىن بىرنى قالدۇرۇپ قوياي. تورداشلارنىڭ يەنە باشقا ۋارىيانتلىرى بولسا باھا ئارقىلىق تولۇقلاپ مېڭىشىنى قارشى ئالىمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [مــۇڭ كـۈيــلــەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: MP3، كىنو، ماھارەت، ناخشا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 38,110 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 31-كۈنى
- يازما مەنزىلى: pirates-of-the-caribbean-song.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۇيغۇر يىگىتنىڭ iPhone دىكى چاتما دۇمباق ماھارىتىنىمۇ كۆرۈپ باقايلى…
- كېيىنكى يازما > ئاشۇ بىر قېتىم ئاڭلىغاندىلا ئادەمنىڭ قەلب تارىنى تۇتىۋالىدىغان ئۇدارلار…
- سەتەڭ قىزلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى See You Again
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
مەن ھەممىنى چۈشۈرۈپ بولغان، كاساپەتنىڭ سىغىمى بەك چوڭكەن تېخى كىنوسىنىڭ ئۆزىمىكىن دەپتىمەن
مەن قەتتى كورەپ باقماپتىمەن بۇ كىنونى؟
ئوھھۇ ،كىنوسىنى قۇتياردىكىلەر ۋاي ئۇنداقكەن ۋاي بۇنداقكەن دەۋېرىپ تېخى تۈنۈگۈن كۆرۈپ كەلگەن .ئاۋۇ سۇ پەرىلىرىنىڭ ھۈنىرى بەك يارىدى . ئۇندىن باشقا ئامراق پېنىلوپىرىم بۇ كىنودا باركەن (يائاللا قېرىسىمۇ شۇنداق چىرايلىق قېرىيدىكا ) . ماۋۇ ناخشىلارنىڭ ھەممىسى چۈشمەكتە .
ھە راست بۇ يىللىق لاس-ۋىگاستا ئۆتكۈزگەن Billboard nusic Award 2011مۇ ئبدانلا قىززىپتۇ . جاستىن، ئەمىنەم، رېھانناخان ، ھېلىقى كالىفورنىيەلىك قىزچاق دىگەننى ئېيتقان خاننى ئۇنتۇپ قالدىم ، ئېكون…دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى چىقىدىكەن ، مودا مۇزىكىغا قىزىكىدىغانلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدىكەن جۇمۇ
يەنە بىزنىڭ نەفىسە گاگاخانمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماپتۇ
ئەجەب تېمىغ مۇناسىۋەتسىز گەپتىن بىرنى قىپتىمەنا ، تەدبىركار قوغلىۋەتمىگىيدى
ئەتتىگەندە بىر مۇنچە ئىملا خاتالىقى يەنە . خەپ 12 ديۇملۇق ئىكراننى ئىشلىتىپ كۆزنى بۇزغاننىڭ كاساپىتى .
شۇنداق قىلىپ، سىز كىم بولۇپ كەتتىڭىز؟
ئايپاتەم
400 سىلتسېيە گىرادۇسنى تاقاپ ئوڭشىغۇلۇق
مەن كۆرۈپ باقماپتىمەن بۇ كىنونى ، لېكىن نامىنى جىق ئاڭلىغان ئىدىم . چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسا تەمىنلىگەن بولساڭلار قۇرۇق رەھمەت ئېيتىپ كۆڭلۈمنى ئىپادىلەيتىم ئىرۇر
http://www.piaohua.com بۇ توربىكەتتىن ئىزدەڭ.
مەن ئىزدەپ تاپالمىغان (توردىن)، بىلىدىغانلا بولسا توردا كۆرۈش ئادرىسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلا، ھەممە قىسمىنى قالدۇرماي كۆرىۋاتقان بۇ كىنونىڭ ….. (قارا مەرۋايىتنىڭ كاپىتاننى جېكىس پېرو)
4- بۆلۈمىنى كۆرەي دەپ ئەجەپ تاپالماي كەتتىم، قالغانلىرىنى كۆرۈپ بولغان ئىدىم…..
چەت ئەللەردىكى كىنىوخانىلاردا ئەمدى قويۇلىۋاتىپتۇ، ئالدىرمىغايسىز، كۆرۇپمۇ تۇگىتىسىز. ( تورخۇماردا قىزدىن بىرى پەيدا بولۇپتۇ.)
4- بۆلۈمى ئەمدى چىقسا ما قىز تاپالامىدىم دەيدا… سەۋىر قىلىڭ ، چىقىپمۇ قالا، ئالدىراپ كەتسىڭىز، ئوغرى نۇسخىسى (تۇتۇق، كىنوخانىدىن تارتقىنى)بار ،شۇياكلارغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرارسىز
سۈزۈك نۇسقىسى تېخى چىقمىدى ،سۈرئەت ۋە ھېسيات فىلىمىنىمۇ تۆت كۆزۈم بىلەن ساقلاۋاتىمەن
كۆزلىرىڭىز 16 بولۇپ كەتمىسۇن ئەڭ ياخشىسى كىنوخانىغا بېرىپلا كۆرۈڭ…. مەنمۇ شۇنداق ئويلاشتىم…..
بىلەتنى ئەپ بەسىڭىز مەن بىرىنچى بولاپ بارمە جۇما … بىللە باسىڭىز ئۆزەم ئەپ بىرمە ھى ھى ھى
بولدى كىلىشتۇق، ئېلىپلا بېرىڭا بىلەتنى ……….
خاررىي پوتتېر فىلىمىنىڭ مۇزىكىسىنىڭ( باشلىنىشىدا ۋە ھېلىقى پويىز ماڭغاندا كۆپرەك چىقىدىغان مۇزىكا) ئىسمنى بىلىدىغانلار قالدۇرۇپ قويساڭلار … كۆپلەپ تەشەككۈر
مەن قايسى كۇنى 4-بۇلۇمنى كۇرۇپ كەلدىم.بۇرۇنقى قىسىملىرىنى كورمەپتىكەنمەن.ماڭا يارىدى.
مەن بۇ فىلىمنى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن
بىزنىڭ شىنجاڭدا ئەمدە كىنوخانىلاردا قويۇلۇپ بولدى …1 ئاي ئىچىدە كىنوخانىدا ئوغۇرلۇقچە ئىلىنغان نۇسخىسى كىيىن ھەقىقى نۇسخىسى چىقىشى مۇمكىن … مەن سىنا تورىدا ئوغۇرلۇقچە ئىلىىنغان نۇسخىسىنى كۆرگەنتىم ئاۋاز دىگەن نەرسىلەر بەك قوتا …كەينىدە تىخى شۇنىڭ بىلەن كۆرمىدىم . سۇزۇك نۇسخىسى چىققاندا گازىردىن 10 كىلو ئەكىلىپ چىقىپ كۆرەمەن دەپ …گازىرلىرىم سىسىپ قالمىسىلا بولغىيتى …
سېسىپ كەتمەيدۇ ، چىقىشىپ بېرىمىز…….
ئۇيغۇربەگ ئەپەندى …تىمىنىڭ بىشىدا چىقىدىغان ئىلان بەكلا قاملاشماي قالدىمۇ قانداق ..يا باشقا ئىلان يوقمىكەن . جىق يەدە شۇنداق ئىلان
بۇ ئۇيغۇربەگنىڭ بلوگى ئەمەستۇ؟ تەدبىركار سېتىۋەتتىمۇ يا؟
چاۋىمىزنى چىتقا يايايلى دەۋاتىسىز ھە
ئەگەر سىزنىڭ كومپىيوتىرڭىزدا‹ ipv6 كىلشىمى› نورمال ئشلىسە،‹كارىب دېڭىز قاراقچىسى›فىلىمنىڭ بارلىق سۈزۈك ئاۋاز ھۆججىتىنى چۇشۇرلايسىز http://bt.shu6.edu.cn/details.php?tid=84833
مەنمۇ بىر چېلىپ قويسام بۇلامدۇ نىمە ؟
باش سۈرەتنى چىقىرىشنى ئۆگىتىپ قويساڭلار بوپتىكەن رەخمەت
gravatar.com ماۋۇنىڭغا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ
ۋاي ئەنقەر ، رىتا1028 دەپ تۇرمامدۇ ، مەن شۇ رىتا1028 . تۆۋە قىلدىم .
بىر چىرايلىق باش سۈرىتىم بار بولمىسا
ئاۋۇ تىكىنجان بىر قانچە بىلوگنى تەڭ ئېچىۋالغان گەپ ئۇيغۇربەگ نەتكە ئىنكاس يازدىم دەپ تورخۇمارغا كېتىپ قاپتۇ بۇ ئىنكاس
بەگ ئۇكام ئېلان قويغىلى ئۇستا بوپ كەتتى كۈندە كىرىمەن يېڭى تېما يوق ،يېڭى ئېلان بار
مېنى سېسىتمارە!
ئەتىگەندە دىۋاندا ئولتۇرۇپ باقاي دەپ كەلسە نەدىن كەلدى ئاۋۇ سەرالىق، يەنىلا تۆر قاپتۇدەيمەن .
كېچىلەپ دىۋان ساقلايدىغان نامى بار دېسە ئىشەنمەپتىكەنمەن .
تېكىنجان دەپتىمەن . ياۋايىكەنغۇ .
ئۇنداق بىرەر يۈز بىلوگنى تەڭ ئېچىۋالماي بىردىن بىردىن ئاچقۇلۇق ماقما ؟
ماڭا مۇشۇ كىنونىڭ 1.3بولىمىگىچە ئەۋەتىپ بەسەڭلا بىزمۇ كورەپ باقىلى قاندا بولاكىن
خى خى
چالدىكەن
تۈنۈگۈن چىقىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ھاياجىنىمنى باسالماي كۆرۈپ ساپتىمەن ئەممازە تازا ئۇچۇق ئەمەس،كىنوخانىدا كۆرگەنگە يەتمىسىمۇ خېلى بوپ قالىدىكەن ،http://movie.era.ph/detail/?1766.html
پىئانىنونىڭ پەچەت چىقىپتۇ. ئوركېستىر بىلەن ئورۇنلىغىنى بەكلا ھەيۋەتكەن. ئايفون ھەقىقەتەن ئۇنىۋېرسال نەرسىدە …
بۈگۈن كەچتە ئاخىرى بۇ كىنونى كۆرىدىغان بولدۇم -دە ….
كىملەر سىزنى تەكلىپ قىلدى ..كىنو كۆرۈشكە .سەھرالىق ئەمەستۇ….
فەقىر ھازىر سەھراغا يول ئالدى، مەن كەلگۈچە غەيۋىتىمنى قىلىشماي تۇرىشالا
سەھرالىق ھازىر نەفىسە دېگەن گەپنى ئاڭلىسا سەھراغا قاچىدىغان بولىۋالدى ئەمەسما!! ئامالسىز ئۆزەم يالغۇز بېرىپ كىلەي دەيمەن بىرەرىڭلار بارساڭلار ئېلىۋىلاي بولمىسا، كوللىكتىپ كۆرسەك ئەرزان
سۇزۇك نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى چىققاندا بىراقلا كۆرەي مەن.. شۇ چاغدىلا خۇماردىن چىققىلى بولىدۇ
مۇنداق دەپ قويۇڭ!
بۇ كىنونى ئاخىرى كۆردۈم…... ئۇسساپ كېتىپ دەرياغا بېرىپ سۇ ئېچىپ تۇزلۇق سۇ ئىچىۋالغاندەك بولۇپ قالدىما بۇ كىنونى كۆرۈپ…. قىززىماپتۇ…..
بۇ كىنونى بىر قېتىم كۈرۈپ بولغان بولساممۇ، ھاياجىنىمنى باسالماي ھەممىنى بىر رەت ئاڭلىۋەتتىم
مەندەن ئۆمەرجان ئالىم بىلەن خالمۇرات ئۆمەر بىرلىكتە ئورۇندىغان دۇتار تەمبۇر نۇسخىسى بارتى،ۋاقىت چىققاندا يوللاپ قوياي
مەنمۇ بۇ كىنونى سىترولۇق دەپ ئاتايىن كۆرگۈنۈمگە رازى بولمىدىم. نەدە ئۇنىڭدىكى سىترولۇق ئۈنۈم، چوڭ بىر ئۆيگە سولاپ قويغاندەكلا! ئۇنىڭدىن Rio بىلەن Kongfu Panda خېلى نوچىكەن! كۆرۈنۈشلىرى ئادەمنى ھاياجانغا سالالايدۇ!
مەن ئايفون نۇسخىسى بىلەن پىيانېنو نۇسخىسىنى ياقتۇردۇم…..پەيزىكەن،،.،،
مانا ماۋۇ تۆۋەندىكىسى 7-8خىل تىزلەتمە، ئوتتۇرا ھال، ئەڭ تۆۋەن ئاۋازلىق مۇزىكىلىرى، ھەمىمىسى ئاساسەن دى جى تۈرىگە تەۋە ئىكەنhttp://music.baidu.com/search?key=%E5%8A%A0%E5%8B%92%E6%AF%94%E6%B5%B7%E7%9B%97dj