[سان-سىفىر گرافىگى] سىز كۆرۈۋاتقان Apple شىركىتى زادى قانچىلىك قالتىس؟
تېخى يېقىندا، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى پەسىلدىكى مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %117.6 ئېشىپ، ساپ پايدا 13 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالما شىركىتىنىڭ iPhone ۋە iPad قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، iPhone نىڭ پۈتكۈل يەرشارىدىكى ئېھتىياجى ھېلىھەم ئىنتايىن زور ئىكەن. ئۇنداقتا ئالما شىركىتى بۇ قىسقىنە بەش يىلدا قانچىلىك بېيىپ كەتكەندۇ؟ تۆۋەندە بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق كۆرۈپ باقايلى…
400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بازار قىممىتىگە ئىگە
ناۋادا بۇ پۇل بىلەن يول ياتقۇزۇشقا توغرا كەلسە، ئامېرىكىنىڭ %42 زېمىنىغا يول ياتقۇزغىلى بولىدۇ؛ ناۋادا بۇ پۇلنى ئالما شىركىتى خىزمەتچىلىرىگە بۆلۈپ بەرسە، ئۇنداقتا ھەر بىر ئادەمگە ئالتە مىليون 620 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن تېگىدۇ. بۇ پۇل نۆۋەتتە يەرشارىدىكى 105 دۆلەتنىڭ GDP سىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. بۇ سان ئامازون شىركىتىنىڭ بەش ھەسسىسىگە، eBay نىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
97 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نەق پۇل
ناۋادا ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلسە، ئۇنداقتا سەككىز دۆلەتنىڭ قەرزىنى ياندۇرغىلى بولىدۇ. ئوخشاشلا بۇ پۇل بىلەن، DELL، Yahoo، موتورولا كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، Activision Blizzard(دۇنياغا داڭلىق ئويۇن ئىشلەش شىركىتى)، Best Buy(دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى پارچە ساتىدىغان شىركەت) قاتارلىقلارنى بىرلا ۋاقىتتا سېتىۋالالايدۇ.
13 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىم
بۇ سان گۇگېل، مىكروسوفت، Yahoo ۋە Intel قاتارلىق گىگانت كارخانىلارنىڭ ئوخشاش پەسىلدىكى پايدىسىنىڭ يىغىنىدىسىغا تەڭ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPhone، ئىقتىساد، پۇل، قالتىس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,953 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-big-apple.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سەپەردە كېتىۋېتىپ ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدە ئويۇن ئويناش؟؟ بۇ ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس!!
- كېيىنكى يازما > 腾讯 شىركىتىنىڭ CEO سى 马化腾 نىڭ 50 مىليونلۇق ھەشىمەتلىك داچىسىنىڭ سىرى!
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- پۇل خەجلەپمۇ ھۆرمەت تاپالمايدىغان 12 ئىش
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
دىۋاننى قۇيۇپ تۇراي ، ماۋۇ ئالما مىكروسوفتتىن كۆپ ئېشىپ كىتىپتۇ.
ئاشماي قالامتىكى ، جوڭگوغا ھەقىقى ئالما تىلفون كىرگەن بولسا نىمە ئىش بولاتتى ، ھەي ……قىزلار ئالمىنىڭ ھەقىقى تىلفونى با بولسا تىگىمەن دىيىشتىن يانمايتتى …
ئالمقنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى بۇنچىۋالا يامانمىكىن دەپ قەتتىلا ئويلىماپتىكەنمەن . ھەقىقەتەن قول قويدۇم !!!!!!
بۇ گەپ راسمىدۇ؟
بەك تىز ئىلگىرلىدى بۇ شىركەت.2012-يىلى بىرىنچى پەسىلدە 520تۇمەن تېلفۇننى جوڭگوغا سېتىپتۇ…نىمە دىگەن چوڭ سان بۇ..
ھەممىسى رەھمەتلىك جوبز ئەپەندىنىڭ تۆھپىسى.
رھمەتلىك دىگەن سۆزنى ئاياپراق ئىشلىتەسىز، ئۇندا ئەرزان قىلىۋەتمەي…
جوڭگوغا كىرگىنى ھەقىقى ئالما ئەمەسما؟
رھمەتلىك دىگەن سۆزنى ئاياپراق ئىشلىتەسىز، ئۇندا ئەرزان قىلىۋەتمەي…
ئسسىغىنى يەپسىز ھەققى بولمىسا نىمىسىنى ئازىلايمىز مىنمۇ تىخى يىقىندا 4-ئەۋلات تىلفۇنىنى سىتىۋالغان ئاندىروئىدتتىن نەچچە ھەسسە ياخشىكەن .لىكىن ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ 500 يۈەنلىك كومپىيوتىرغا يەتمەيدۇ ،لىكىن ئۇ مەھسۇلات سىزنى خىلى جەلەپكار قىپ قويامدۇ قانداق كىملا كۆرسە بىر قولىغا ئىلىۋالغۇسى كىلىپ .ھە راس بۇرۇن -ئەۋلات تىلفۇنىنى ئىشلەتكەن ،سىتىۋەتكۈم بار ئالىدىغانلار بارمۇ %95يىڭى شۇنداق ئاسراپ ئىشلەتكەنتىم تىلفۇن نۇمۇمۇرۇم 13279814893 چچ 1737813738ئاق رەڭلىك 8جىلىقى
مىنىڭ گەپ قىلغۇم كەلمىدى …
نىسپىي سېلىشتۇرۇش، خارەكتىرى ئوخشاش بولمىغان سانلارنى سېلىشتۇرۇش، ئۇقۇم خاتالىقى سەل ئېغىر ئىكەن.
مۇشۇ ئوقەتكە خەجلىگەن پۇلۇمغا مەن بەك رازى …..
مەنمۇ بۇ ئالمىغا كۈندىن كۈنگە كۈنۈپ قالدىم .كۈندە بىر چىشلىمىسەم تۇرممايمەن
لىكىن ، جوبىز تۈگەپ كىتىپ ياخشى بولمىدى .
باھاسىنىڭ قىممەت بولغىنىغا يارىشا شۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدى ئىكەن…
1دوللار 1يۈەنگە چۈشسە بىزمۇ 200-300يۈەنگە سېتىۋالالىساق، قايسىسى چىقسا شۇنى ئېلىپ مودا قوغلىىشىپ باقساق