نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

سىياقداش(stuntman) ئارتېستلارنىڭ كۈنىمۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسكەن جۇما؟!!

سىياقداش(替身) ئارتىستلارنىڭ كۈنىمۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسكەن جۇما؟!!

ئادەتتە ھەرىكەتلىك فىلىملەر بولسۇن، ۋە ياكى فانتازىيەلىك فىلىملەر بولسۇن، رېژىسور فىلىم ئېھتىياجى تۈپەيلى بىر قىسىم خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بىراق بۇ ھەرىكەتلەرنى مەيلى قانچىلىك داڭلىق بولسۇن، ھەممىلا ئارتىستنىڭ ئورۇنداپ كېتەلىشى ناتايىن. شۇ سەۋەپتىن بىر قىسىم ئارتېستلار پۇل بېرىپ، خەلق ئارىسىدىن ئۆزىگە چىرايى ۋە بەدەن شەكلى جەھەتتىن ئوخشىشىدىغان ، ئۆزى ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدىغان سىياقداش ئارتېستلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى يازمىمىزدىكى بۇ سىياقداش ئارتېست باشقا چولپانلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنداقتا بۇ سىياقداش ئارتېست بىلەن بىردەم ھال-مۇڭ بولايلى…

بۇ چەتئەللىك تورداشلار ياساپ چىققان بىر تور بېكەت بولۇپ، ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن بىر نەپەر سىياقداش ئارتېست سىزگە سەپلەپ بېرىلىدۇ، بۇ ئارتېستنىڭ چىرايى گەرچە سىزگە ئانچە ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كارامىتىگە سەل قارىماڭ، سىز مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق بۇ ئارتېستنى ھەرخىل ئورۇنداش قىيىن بولغان ھەرىكەتلەرنى ئورۇندىغۇزالايسىز؛ ئۇ سىز ئۈچۈن تامغا ئۈسۈشكە، ماشىنا ئۈستىگە يىقىلىشقا، دېرىزە ئەينىكىنى چېقىپ كىرىشكە، ھەتتا سىز ئۈچۈن جېنىنى سەپ بېرىشكە رازى!!! ئىشەنمىسىڭىز بوشلۇق(Space) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كۆرۈڭ….

تور بېكەت مەنزىلى | مەنبەسى: torhumar.com



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,265 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 16-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: the-stuntman.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. uyghurbeg 2010.08.17 , 21:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چاتاق ئىشكەن جۇمۇ بۇ…چېڭلۇڭنىڭ كىنوسىغا قۇشۇمچە رول بولۇپ قالسا مانا كۆرۈڭ،تاياقنى ئۆلگۈچە يەپ…

  2. ئىيىق 2010.09.11 , 11:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەيزىكەنغۇ؟

  3. ئاتەش 2011.03.19 , 02:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشەنمىسىڭىز بوشلۇق(Space) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كۆرۈڭ….
    مگن سخنفپ باقاي دىگەن لىكن ھېچ بولمايدىغۇ قانداق سىنايمىز ، :lol::mrgreen::wink:، مەن سىناپ باقاي دىگەن لكىن پەقەت بولمىدى …

  4. تاماشىبىن 2011.07.17 , 21:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن سىناپ باقاي دېگەن، لېكىن بىر ھازا قاراپمۇ تور بېكەت ئادرىسىنى تاپالمىدىم.

  5. مەلىكە 2011.07.23 , 15:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن پەقەت تاپالمىدىمغۇ؟

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量