نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > رەقەملىك دۇنيا, كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

iPhone مەستانىلىرى دىققەت – iPhone 2G / 3G / 3GS / 4 نىڭ ئەمەلىي سۈرئەت سېلىشتۇرمىسى

iPhone 2G / 3G / 3GS / 4 نىڭ ئەمەلىي سۈرئەت سېلىشتۇرمىسى

Apple شىركىتى 2007-يىلى 1-ئەۋلاد iPhone نى بازارغا سالغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە جەمئىي iPhone 4، iPhone 3GS، iPhone 3G ۋە iPhone 2G دىن ئىبارەت 4 ئەۋلاد iPhone نى بازارغا سالدى، بىراق كۆپىنچە ھاللاردا Apple شىركىتى بىزگە بۇلار ئارىسىدىكى سۈرئەت پەرقنى ئاشكارىلاپ يۈرمەيدۇ، يېڭىدىن iPhone سېتىۋالغۇچىلار سېتىۋالماقچى بولغان ئىستېمالچىلار ئۈچۈن، يانفونىنىڭ سۈرئەت جەھەتتە زادى قانچىلىك ناچارلىقىنى بىلىپ بېقىشىمۇ بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق ئىش. تۆۋەندىكىسى تورداشلار تۆت ئەۋلاد iPhone نى بىر يەرگە قويۇپ بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق سۈرئەت پەرقىنى ئۆلچىگەندىكى خاتىرىسى…

سىنالغان پروگرامما ۋە مەزمۇنلار تۆۋەندىكىدەك:
Plants versus Zombies – ئۆسۈملۈك ۋە مۇردا ئۇرۇشى(植物大战僵尸)
Google Earth – گۇگېل يەرشارى
Seadragon
Sky News
yahoo.com نى قوزغىتىپ كۆرۈپ بېقىش
يانفوننى تاقاش ۋە ئېچىش

ئەمەلى سىناش ئەھۋالى:



无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 7 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. مەن ئۇيغۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىشلىتىۋاتقانمۇ iphone 3GS سۈرئەت دىمىسىمۇ خىلىلا تىز ،مىنىڭچە 美版 دىن 港版 نۇسخىسىنىڭ سۈرئىتى تىخىمۇ تىزكەن . :mrgreen:

    • پرىستان :

      تۇلۇق پايدىلىنالىدىڭىزمۇ؟ مەن قارىسام iphone بىزلەرگە تاز ماس كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ قالدى… بىر نەرسە قاچىلاش ۋە ئۆچۈرۈش بىر قەدەر كالامپاي ئىكەن.

  2. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنىلا نەۋرىسى يامانكەن بۇ ئوقەتنىڭ، ھەي لېكىنزە شۇ پۇل يوق بۇنى ئالىدىغانغا…..

  3. مەن ئۇيغۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ئۇنى بىر دىمەڭ راستىنى ئىيىتسام مەن iphone نى ئالدىراپ ئىلىۋاپتىمەن ، دەسلەپتە يىڭى ئالغاندا ئانچە پايدىلىنالمىغان لىكىن ھازىر ئىشلىتىشكە خىلىلا ماھىر بوپقالدىم ، مىنىڭچە بولسا iphone تولۇقلىما نۇسخىسىنى ۋاختى ۋاختىدا يىڭىلاپ تۇرۇش لازىمكەن بولمىسا كاشىكا كۆپ چىقىدىكەن .

  4. مەن ئۇيغۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولسا ،تەدبىركار ئەپەمدى، بلوگىڭىزدا مەخسۇس بىر iphone سەھىپىسى تەسىس قىلىنغان بولسا ، iphone ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇر قىرىنداشلارئارا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش بولغان بولسا . :mrgreen:

  5. uyghurbeg : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاكامنىڭ تېلىفونىدا ھەممىسى ئۇيۇن ھە…

  6. بىر كۈن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ دەسلەپتە كۆنەلمىگەنتىم بۇ تېلفۇنغا، ھازىر دىگەن تىتىۋېتىمە جۇمۇ ئايفون دىگەننى…. ھې ھې ھې ھې …. :lol:

 汗