Google خادىملىرىنىڭ «چىرىكلەشكەن» تۇرمۇشى
دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، Google شىركىتىنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى ئاللىقاچان 500 مىليارت فونستىرلىڭدىن ئېشىپ كەتتى.تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك بولغاندا، بۇنداق چوڭ بىر شىركەتنىڭ خادىملىرى چوقۇم ئالدىراشچىلىقىدا چوڭقۇرراق تىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىغۇدەك دەرىجىدە جىددى خىزمەت قىلىشى مۇمكىن.ئەمىلىيەتتە Google نىڭ ئامرېكىدىكى باش شىتاب ئىچكى قىسمىدىكى خىزمەت مۇھىتى، بىر خىل ئۆلچەمگىلا ئېسىلىۋالماسلىق بىلەن نام چىقارغان: خىزمەتچىلەرنىڭ مەخسۇس خىزمەت كىيىمى يوق، نېمىنى كىيىشنى ياخشى كۆرسە، شۇنى كىيىدۇ، ھەتتا خوجايىننىڭ خىزمەت ئۈستىلىدىمۇ قالايمىقان چېچىلىپ كەتكەن ئويۇنچۇقلار تىزىقلىق.
Google باش شىتاب خادىملىرىنىڭ “چىرىكلەشكەن” تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىش
بۇنىڭدىن نەچچە ئاي ۋاقىت بۇرۇن، ئامېرىكا “دەۋر ھەپتىلىكى” ژۇرنىلىدا يەنە بىرقىسىم Google باش شىتابىدىكى Googleplex كە دائىر سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى، بۇ رەسىملەر كىشىنى ئويغا سالاتتى: بۇلار قانداق قىلىپ ، ھۆسۈن تۈزەش ئورنى، گولف توپ مەيدانى، كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى، سۇ ئۈزۈش كۆلى قاتارلىقلارنى يۆتكەپ بولغاندۇ؟ شىركەت خىزمەتچىلىرى تېخى ئۆزىنىڭ ئىتلىرىنى يېتىلەپ خىزمەتكە كېلىۋېتەتتى، ھەي…. بۇ ئېنىقتىن ئېنىق “چىرىكلەشكەن” بولماي نېمە؟ بىراق بۇنداق تۇرمۇشنى كىم ياقتۇرمىسۇن؟
Google باش شىتابى Googleplex ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىغا جايلاشقان. جوزىنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك ئويۇنچۇقلار ۋە چىراقلار بىزگە Google نىڭ ئازادە تۇرمۇش مۇھىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
تېخنىك خادىملار 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىدۇ، كومپيۇتېر ۋە باشقا سىفىرلىق ئۈسكۈنىلەرنى خالىغان ۋاقىتتا بېرىپ ئوڭشىتىشقا بولىدۇ.
Google خىزمەتچىلىرى شىركەت ئىچىدە سۇ ئۈزۈش ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن كىچىك تىپتىكى سۇ ئۈزۈش كۆلى.(ئەلۋەتتە قۇتقازغۇچى خادىملارمۇ سەپلەنگەن!)
ئىككى نەپەر Google خىزمەتچىسى خىزمەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قەھۋە ئىچمەكتە.
خىزمەتچىلەر ئارام ئېلىش ئۆيىدە بىليارت ئوينىماقتا.
Google بىلەن مەخسۇس چاچ پاسون لاھىيەلەش ئۇستىسى ئوتتۇرىسىدا توختام بار، Google خىزمەتچىلىرى بۇ يەردە چاچ ياساتقاندا ئېتىباردىن بەھرىمان بولالايدۇ.
چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، Google خىزمەتچىلىرى مەخسۇس لاھىيەلەنگەن قۇملۇق مەيداندا ۋالېبول ئوينايدۇ.
Google ھەركۈنى خىزمەتچىلەرگە ئۈچ ۋاق مەززىلىك تاماق تەمىنلەيدۇ، خىزمەتچىلەرمۇ تاماقنى ئۆزى خالىغانچە پىشۇرۇپ يېسە بولىدۇ.تامدىكى رەسىملەرمۇ خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەسەرلىرى.
ئەلۋەتتە بەزىبىر ئويۇنچۇقلارمۇ چوقۇم سەپلىنىشى كېرەك.
Google خىزمەتچىلىرى يەنە شىركەت ھەمكارلىقىدى ئۇۋۇلاش ئورنىغا بېرىپ ئۇۋۇلاتسا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق چارچاشنى مەلۇم دەرىجىدە ئازايتىشقا بولىدۇ.
Google خىزمەتچىلىرى ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئەرمەك ئىتلىرىنى ئېلىپ ئىشقا كەلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.(ئەمما ئەرمەك مۈشۈك بولمايدۇ!)
Google باش شىتابىنىڭ خىزمەت مۇھىتى ھەقىقەتەن بەكمۇ يېنىك، باشقا كەسپىي كارخانىلاردىكى خىزمەت سىجىللىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قىسىم ئۇششاق چاتاقلارغا خاتىمە بەرگەن.بىر نەپەر ۋەكىل جاۋابەن: بىزنىڭ تېخى رەسمىي شىركەت ئەنئەنىمىز يوق، چۈنكى مۇشۇنداق بولغاندا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلھام بېرىشكە ئازراق پايدىسى بولىدۇ دېگەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google، مۇھىت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,357 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 07-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: google-company-life.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما >
- كېيىنكى يازما > IE6 نىڭ دەپنە مۇراسىمى نەقمەيدان ئەھۋالى
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- سەرگەردان بوۋاينىڭ «ئاقسۆڭەك باي» غا ئايلىنىشى
- Google كۆزئەينىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي تەسىرات كۆرۈنۈشلىرى
- كىچك ساۋات | ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ Google ھېساۋاتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
- Google Glass(گۇگېل كۆزەينىكى)نى تاقاپ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بارغاندا…
- [دات!!!!!!!] Google غا نورمال چىقىشنىڭ ئۈچ تەدبىرى – Google غا چىقىش تېخنىكىلىق ئوقەت
- Google نىڭ ئىزدەش بېتى بەك ئاددى، ئەمما خىزمەت بىنالىرى ئۇنچە ئاددى ئەمەس
- ناۋادا FaceBook، Twitter، Google قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردا ئېچىلغان بولسا قانداق قىياپەتتە بولار ئىدى؟
مۇشۇنداق شىركەتنىڭ تورخوجىسى بولالىشى ھەق!~
نېمە دېگەن ئازادىچىلىك، مېنىڭمۇ مۇشۇنداق يەردە خىزمەت قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ…
مىنىڭچە ئۇ چىرىكلىك ئەمەس (دۆلىتىمىزگە سېلىشتۇرغاندا)
مىنىڭچە ئۇلار خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۇنىمىگە ئەمەس ئىلھامىغا ئھتىياجلىق ،شۇڭا مۇشۇنداق خىزمەت مۇھىتى بەرپا قىلغان گەپ .ئادەدتە مەنمۇ ھەپتە-ھەپتىلەپ قىلالمىغان ئىشىمنى روھىم كۆتۇرەڭگۇ ئلھامىم كىپ قالغاندا بىرە سائەتتىلا قىلىۋىتىمەن ،بەزىدە ئۆزۇممۇ ئىشەنمەي قالىمەن
قانداق ئەزا بۇلىمەن؟