Google نىڭ ئىزدەش بېتى بەك ئاددى، ئەمما خىزمەت بىنالىرى ئۇنچە ئاددى ئەمەس
Google توغرىسىدا گەپ بولسا ئالدى بىلەن ئىزدەش ماتورىنى ئەسلەيمىز. ئاندىن قالسىلا كاللىمىزغا كېلىدىغىنى ئۇلارنىڭ ئازادە خىزمەت مۇھىتى ئىكەنلىگىدە شەك يوق. تورخۇماردىمۇ مەخسۇس Google نىڭ خىزمەت بىنالىرى ھەققىدىكى يازمىنىڭ ئۆزىدىنلا بىرقانچىسى بار. كاساپەت مۇشۇنداق بىر مەسئۇلىيەتچان شىركەتنىڭ دۇنياغا غوجا بولىشىدىن ئاغرىنىش مۈمكىنمۇ…
خەلىقارالىق ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىردىن كۆرە، Google نىڭ ئىسرائىلىيە Tel Aviv تىكى يىڭى خىزمەت بىناسى پۈتۈپ رەسمى ئىشقا كىرىشكەن. ئەلۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى Google ئىشخانىلىرىغا ئوخشاشلا، ئىسرائىلىيىدىكى بۇ خىزمەت بىناسىنىڭ لايىھەسى كىشىنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرىدۇ.
مەزكۇر خىزمەت بىناسىنىڭ لايىھەسىنى لايىھىلىگۈچى Camenzind Evolution تۈزگەن بولۇپ، بۇ لايىھىلىگۈچىنىڭ ئىلگىرىمۇ Google بىلەن مۇناسىۋەتلىرى بولغان. يېڭى خىزمەت بىناسى ئىسرائىلىيىنىڭ Tel Aviv شەھىرىدىكى Electra Tower بىناسىغا جايلاشقان. ئومۇمى كۆلىمى 8 قەۋەت. بۇنىڭ ئىچىدە 7 قەۋىتى خىزمەت بىناسى. ئەلۋەتتە چېنىقىش ئۆيى، ئاشخانا، ئارام ئېلىش ئۆيلىرى Google دا كەم بولمايدۇ. بۇمۇ ئۆز تەرىقىسىدە Google نىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ كوزىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
Google نىڭ ئىسرائىلىيەدىكى يىڭى خىزمەت بىناسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google، ئىشخانا، قالتىس، لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,286 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: google-new-office-building.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قار ئۇچقۇنىنىڭ بۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغانلار چوقۇم بارغۇ دەيمەن؟
- كېيىنكى يازما > ئوماق رەسىملەرگە قاراپ كىنو نامىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ كىنوخۇمارلاردىن زېھىن سىناش (2)
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
- بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]
دىۋانىلىغا دىۋان قالمىدى ئەمدى.
دەششەتكەنغۇ، ئاشۇندا موھىتتا ئىشلە دېسە مائاش ئالماي بىكارغىلا ئىشلەپ بېرەتتىم،
گوگولدا ئىشلىگەنلەر چارچاش دېگەننى بىلمەي ئۆتۈپ كەتكۈدە، ما ئۆلگۈر ئىشخانىغا بىر ھەپتە ئۇخلاپ ھاردۇقۇمنى چىقىرىپ كىرىپ، 10 مىنۇت ئولتۇرساملا 1 ئاي ئۇخلىماي ئشلىگەندەك ھارغىنلىق باسىدۇ ئادەمنى
ھا ھا ھا ، ئاللا ئاللا ، تېمىغۇ بىر تەڭ ، سىزنىڭ ماۋۇ گەپلىرىڭىز بىر تەڭ بوپتۇ زادى . دەرتلىرىڭىزنى كۈرۈپ تاس قالدى يىگەن تامىقىم بۇرنۇمدىن چىققىلى ….. ، قارىغاندا ئىككىمىزنىڭ خىزمەت شارائىتىمىز ئوخشايدىغان ئوخشايدۇ ھە .. خې خې خې خې خې خې
شۇنچىۋالا ناچارمۇ راسلا؟
ئىشخانا موھىتى ناچار ئەمەس، ئىشخانا ئەسلىھەلىرىمۇ يېڭى، لىكىن خىزمەت بېسىمى ئېغىر، كومپىيۇتېر، تور، كىنو كۆرۈش ئۆيى (ھازىرقى زاماندىكى يېڭى نۇسخىلىق تامغا نۇر چۈشۈرۈپ كۆرىدىغان) كارا ئوكى توۋلايدىغان كاناي، (خىزمەتداش باللا يىغىن زالىنى بىكار قالغاندا ئاشۇنداق ئۆزگەرتىۋالىمىز)، ياتاق (دىجورنىلىك تۇرغاندا ياتىمىز)، تىكتاك توپ تاختىسى، ۋاسكىتبول مەيدانى (بۇنداق دېسەم مەكتەپمىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ، مەكتەپ ئەمەس) قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى بار. لىكىن شۇ ۋاقىت يوق.
ۋا ھ! ھەقىقەتەن ئېسىلكەن ،كىممۇ بۇنداق مۇھىتتا خىزمەت قىلىشنى خالىمىسۇن!
توۋا خۇدايىم، ما تورخۇماردىكى باللا چاغانلىق پوچاڭ ئېتىش بىلەن ئالدىراش ئوخشىمامدۇ؟؟ ئىككى كۈن بولدى بىرەر ئىنسى-جىننىڭ قارىسىنى كۆرمىگىلى
دىۋاندا يالغۇز ئولتۇرۇۋېرىپ زېركىپ كەتتىم
ئاللا، نىم بوپ كەتتى ئەمدى، ئىنسى-جىننىڭ گېپىنى قىپ ئولتۇرسام «جىن چىراق» پەيدا بولدى، لىكىن چىراق تۈۋىدە يەنىلا جىن كۆرۈنمەيتى
ئۈســـتى ھەرە ئۇۋىسىلا بوپتۇ زادى
چاق-چاق
ۋاھ ۋاھ … ئىسىلدە … بۇلارنىڭ خىزمەت ئورنى ،ئىشخانىسى خۇددى ئائىلىسىدەكلا ئىكەن ،( داچىلاردا ئولتۇرىدىغانلارچۇ )بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مىھرى-مۇھەببەت ۋە خىزمەت مۇھىتى چوقۇم بىر ئائىلىلىكلەردەكلا ھەقىچان …
نادىر رەسىمدىكى تورخۇمار دىگەن گەپنى ئەجەپمۇ ماسلاش تۇرۋېتىپتىيا ؟
ۋوشششششەرە ، ھەقىقەتەن ئىسىلكەن، بۇنداق مۇھىتتا ئىشلىسە ئىلھام دىگەنمۇ پۈشە دىمەي كىلىدىغاندۇ ھەقچان
مۇھىتى ھەقىقەتەن ئادەمنى جەلپ قىلىدىكەن….
ئەقىل،ئىلھامنىڭ مەنبەسى ئەقىل بولمىسا جننەتتىنمۇ ھۇزۇر ئالغىلى بولمايدۇ بۇ يەرگە ئابرۇي پەرەسلەرنى ئالمايدىغۇ ھەقاچان
(جننەتتىنمۇ ھۇزۇر ئالغىلى بولمايدۇ )بۇخەت خاتا بۇلۇپ قاپتۇ جەننەت دەپ يازماقچى ئىدىم
مەن يەنىلا گوگۇلنىڭ بۇرۇنقى ئىشخانىلىرىغا ئوخشاش ئاددىيلىقنى ياقتۇرىدىكەنمەن .
پاھ پاھ پاھ ،بۇنى ئىشخانا بىناسى دىمەي مىھمانخانا بىناسى دىسەكمۇ ئۇشۇق كەتمىگۈدەك،چارچىسمۇ ئۆيگە تەتكۈسى كەلمەي ئىشلەيدىغان گەپ
مىنى شۇ جايغا تەكلىپ قىلغان ، يۇقىرى مائاش بېرىمىز يەي ، تۇرمىشىڭىز پاراۋان بولىدۇ يەي ، ئىشلەپ بەسىلە غوجام دەپ دىمىەىنى قالمىدى .
ئاچچىكىمدا : ماڭا ۋاي ، باشقا جاي بولسا ئويلىشىپ باقىتىم ، ئىسرائىلىيەرىڭگە بارمريمەن دەپ يولغا سالدىم .
ما تورخۇماردىكى بېرەسىڭلا ئاۋۇ بىر رەسىمدىكى ئەرشىبا تەرەكتۇرنىڭ شوپىرى بولۇپ بېرىشكە ئىلتىماس قىلىپ باقساڭلامۇ بوپتىكە ،.ئۇ يەردە بىكادىن داتلىشىپ تۇرغاندىن
ھەقىقەتەنمۇ 8 يۇلتۇزلۇق ئىشخانا بىناسى بۇلۇشقا مۇناسىپكەن جۇما ئەمما …………
ۋىروسنىڭ ماڭقىسى ئېقىپ قاپتا
مۇھتى ئازادىكەن