نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ناۋادا FaceBook، Twitter، Google قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردا ئېچىلغان بولسا قانداق قىياپەتتە بولار ئىدى؟

تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ناۋادا FaceBook ۋە Twitter قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردىكى ئىنتېرنېت تورى شارائىتىدا قۇرۇلغان بولسا قانداق بولار ئىدى. يەنە ئويلاپ بېقىڭ، ئاشۇ چاغدا Netscape توركۆرگۈسى ئارقىلىق بۇ تور بېكەتلەرنى ئاچسىڭىز، ھەمدە ئالفېردنىڭ رەسىمىنى باش سۈرەت قىلسىڭىز، ئەھۋال يەنە قانداق بولار بولغىيتى؟

facebook

بولدى ئويلىمايلا قويۇڭ. Squirrel-Monkey.com ياساپ چىققان تۆۋەندىكى سىندا بۇنىڭ جاۋابى چىقىپ بوپتۇ: ناۋادا facebook تورى 1995-يىللىرى ئەتراپىدا پەيدا بولغان بولسا، ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش نەرسىلەرنى گرافىكلىك كۆرۈنمە يۈز بىلەن ئىپادىلىگەندا قوپال چىقىشى تامامەن ئېنىق ئىدى…

ناۋادا FaceBook تورى 90-يىللاردا پەيدا بولغان بولسا:

ناۋادا Twitter تورى 80-يىللاردا پەيدا بولغان بولسا:

(56K لىق نومۇر بۇرايدىغان مودېمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۆزۈمگە لىق ياش كەلدى، ئوخشاش ھېسسىياتتىكىلەر پۇتۇڭلىنى كۆتۈرۈڭلار)

ناۋادا Google ئىزدەش ماتورى 80-يىللاردا بارلىققا كەلگەن بولسا:

ناۋادا غەزەپلەنگەن قۇشقاچ ئويۇنى 80-يىللاردا بارلىققا كەلگەن بولسا:

ناۋادا رەسىم سىزىپ پەرەز قىلىش ئويۇنى 80-يىللاردا بارلىققا كەلگەن بولسا:

ناۋادا تورخۇمار 80~90-يىللاردا بارلىققا كەلگەن بولسا قانداق بولغىيتى؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سۈرخان 2012.11.07 , 12:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەكلا زاڭلاشتۇرىۋىتىپتىمۇ نېمە؟

  2. نۇرنىجات 2012.11.07 , 14:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ 80-يىللاردا ئېچىلغان بولسا،ۋوردپرېستە ئېچىلماي تەدبىركار ئۆزى بەت سېستىمىسى ياسايتتى!ئەلۋەتتە،phpدا يېزىلمىغان بولاتتى!مەزمۇن جەھەتتە،ئالمىغا مۇناسىۋەتلىك بىرمۇ يازما بولماي،موگۇ توغرۇلۇق يازما كۆپىيەتتى.پ س ئويۇنلىرى تونۇشتۇرۇلماي سېگا ئويۇنلىرى تونۇشتۇرۇلاتتى…:grin::grin:
    ھەممىسى مۇمكىنچىلىك جۇمۇ!

    • نۇرنىجات 2012.11.07 , 14:27

      ئاپلا سېگا ئەمەس جۇمۇ!سېگا 2001-يىلى چىققان!

  3. beginner 2012.11.07 , 14:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ھەجەپ ئېچىلىپ قالدى..:oops:

  4. كۇسەن 2012.11.07 , 16:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بېشىمۇ قېيىپ كەتتى دىسە

  5. سالىھ بىگ 2012.11.07 , 16:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇ چاغلادا تورخۇمار بولسا بىرىنچى بوپ بۇندا جىق ئىنكاس بولمىغان بولاتتى ،..

  6. ئۇيغۇر چ چ تورى 2012.11.07 , 18:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    80 – يللاردا تورخۇمارنىڭ ھازىرقىدەك كاللىسى بولغان بولسا بارلىق ياخشى ئىسىملارنى تىزىملىتۋېلىپ مىليونىر بولغان بولاتتى ھازىرغىچە!

  7. كامىران 2012.11.07 , 18:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئو ۋاقىتتا تورخۇماردا رەسىم بولمىغان بولاتتى دىسە . . .
    تورخۇمارنى ئېچى پقۇيۇپ يېرىم سائەتتىن كىيىن كۆرەتتۇقدە . .

  8. روھچىن 2012.11.07 , 18:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Facebook دىگەن نىمىنىڭ گىپىنى تۇلا ئاڭلاپ كەتتىم بىرە قېتىم كۆرۈپ باقماپتىمە. تام ئالدىدا ئىمىش بىزدەك تامنىڭ ئارقىسىدىكىلەر ئاچالمايدىكەنمىز

  9. خىيال 2012.11.07 , 20:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    80-يىللاردا تورخۇمار بولغان بولغان بولسا، بۇ بلوگنىڭ ئىگىسى باشقا بىرى بولغان بولاتتى…. چۈنكى ئۇ چاغلاردا تەدبىركارنىڭ تېخى ئايىقى چىقمىغان ۋاقىت بولاتتىدە…:mrgreen:

  10. Forever 2012.11.07 , 21:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھېلىمۇ خۇدايىم بىر ساقلاپتىكەن ، 80-يىللىرى مەن ھازىرقى يېشىمدا بولغان بولسام ، ھازىرقىدە بۇ كەسىپنى تاللىماي ئاشپەزلىكنى تاللىغان بولاتتىم …. :mrgreen:

  11. Forever 2012.11.07 , 21:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىننى كۆرۈپ بولۇپ تورخۇمار كۆزۈمگە ئاۋۇ Facebook تەك كۆرۈنىۋاتامدۇ نېمە ؟ ئىنكاسنىڭ يوللىنىشىمۇ شۇنداق ئاستا :mrgreen::grin:

  12. كوت كوت 2012.11.08 , 00:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كوتكوتلار ماكانى بۇلاتتى~!

  13. مەرۋايىت 2012.11.08 , 10:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر 90-يىللاردا مەن ھازىرقىدەك بولغان بولسام، ھازىر نەق 44 ياش بولغان بولاتتىم. :arrow:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量