ئاشۇ يىللاردىكى بىزگە تونۇشلۇق سەلبىي ئوبرازلار
تېلېۋىزور كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى مۇھىم بولغان كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر كۈنى ئالتۇن ۋاقىتتا بېرىلىدىغان تېلېۋېزىيە تىياتىرلىرى كىشىلەرنىڭ مۇھىم بولغان پاراڭ تېمىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاشۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ھامان بىر نەچچە بىز بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىجابىي پېرسوناژلار بار بولسا، يەنە بىر نەچچە ئادەمنىڭ چىش تىرنىقىغىچە ئۆچلۈكىنى كەلتۈرىدىغان سەلبىي پېرسوناژلارمۇ بار ئەلۋەتتە. تۆۋەندە بىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىر نەچچە سەلبىي ئوبرازلارنى كۆرۈپ باقايلى.
ئەن جياخې
ئەن جياخې، شەكسىزكى، بىز كۆرگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى بىرىنچى چوڭ سەلبىي پېرسوناژ. «ناتونۇش ئادەملەرگە گەپ قىلماڭ» ناملىق بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرى بىزگە قالدۇرغان تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ فىلىمدىكى ئەن جياخې، ئارتۇقچىلىقى يوق ئەمەس، بىراق ئۇنىڭ ئاشۇ بىر كەمچىللىكى ئۇنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقىنى يوق قىلىۋېتىشكە يېتىپ ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇ كەمچىللىكى مەيلى دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن، ئوخشاشلا ئەيىپلىنىدۇ. مېي شياڭنەن، ئۇنىڭدا خاتالىق يوق ئەمەس، بىراق ئەن جياخېنىڭ مۇش-پەشۋا ئىشلىتىشىگە سەۋەب بولالمايدۇ. «ناتونۇش ئادەملەرگە گەپ قىلماڭ» ناملىق بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئائىلە زوراۋانلىقى» دېگەن بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىنى كۆپچىلىكنىڭ نەزەر دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىپ، نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتتى.
روڭ ئىنىكئانا
«مەلىكە خۇەنجۇ» فىلىمىدىكى روڭ ئىنىكئانا خانىشنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەنلىكتىن ئۆزىچە ھەددىدىن ئېشىپ، زورلۇق-زومبۇرلۇق قىلىپ، رەقىپلىرىگە رەھىمسىزلىك بىلەن زەربە بېرىدىغان ناھايىتى تىپىك سەلبىي پېرسوناژ. ‹مەلىكە خۇەنجۇ› قويۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، روڭ ئىنىكئانا دېگەن بۇ ئىسىممۇ باغرى تاش، ۋاستىسى قەبىھ كىشىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالدى، كىشىلەر دوستلىرىنى «روڭ ئىنىكئانا» دەپ چاقچاق قىلىشىدىغان بولدى. بولۇپ، ئۇ رول ئالغان «سۇ بويىدا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ۋاڭ كەمپىرمۇ كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
لېئونسىئو بەگزادە
«دېدەك ئىزورا» فىلىمىدىكى لىئونسىئو بەگزادە، كۆڭلى قارا، رەھىمسىز بولۇپ، ئىزوراغا مەجنۇنلارچە ئاشىق، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدۇ. بىراق ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.
شۆھرەت بىلەن پاتەمخان ۋات-ۋات
ھەسەن تاغا
ئېسىڭلاردىمۇ؟ گاڭگانىڭ دادىسىنى تىمساھ كۆلىگە ئىتتىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلۈكىگە ئىگە بولۇۋالىدىغان، ئاخىرىدا گاڭگا كۆتۈرۈپ كەلگەن تىمساھقا يەم بولۇپ كېتىدىغان ھېلىقى ھەسەن تاغا.
«قىزىل كىمخاب قۇتىنى تالىشىش» ناملىق فىلىمدىكى يۈ جېنخەي
«باغ» فىلىمىدىكى راخمان
«سۇ بويىدا»دىكى پۇتبول ماھىرى گاۋچيۇ
خې ئەمىرنى ئارتۇق دېمىسەكمۇ بولار؟
«زامانداشلار» دىكى دىڭ شيې
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەسلىمە، ئوبراز، كىنو
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,345 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bizge-tonushluq-selbiy-obrazlar.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئورۇن يۆتكەش تەجرىبىسى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم – ئۇچقۇر قەدەم(Shunpo)
- كېيىنكى يازما > مېسسى بىلەن كوبىنىڭ تۈركىيە ئاۋىئاتسىيىسى ئۈچۈن ئىشلەپ بەرگەن ئېلانى(ئىككى يۈرۈش)
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
ئۇزۇن بوپتۇ تورخۇماردا ئىزىمنى قالدۇرمىغىلى. بۈگۈن بىر قالدۇرۋېتەي……
نىمىشقا توركۆرگۈچۈمنىڭ كەينەگە قايتۇرۇش كونۇپكىنىسى باسسام تورخۇمار كەينىگە قايتمايدۇ؟
مەن تېخى چەتئەلنىڭ داڭلىق فېلىملىرىدىكى سەلبى پىرسوناژلارمۇ بار ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىدىكى چاي خالتىسى بىشىغا تىزىلىدۇ ھەرقىچان
مىنىڭچە مۇشۇنداق سەلبى پىرسوناژلارنىڭ رولىنى ئىلىش بىرقەدەر قىيىنمىكىن …دەيمەن
ئەسكى ئادەمنىڭ رولىنى ئالسا ئەمەلىيەتتىكى ئوبرازىغىمۇ تەسىر يىتەمىكن دەپ ئويلايمەن
ھەممىدىن قاملاشتۇرۋەتكىنى ئەشۇ رۇڭ ئىنىگئانىمىكىن دەيمەن .
ئەشۇ يىللاردا مەلىكە خۇەنجۇ فىلىمى داڭ قازىنىۋاتقاندا ھەتتا رۇڭ ئىنىگئانا رولىنى ئوينىغان ئايال كۆكتات سېتىۋالغىلى چىققاندا بازاردىكى ياشلارنىڭ ئوپچە دۇمبالىشىغا ئۇچرىغان دېگەندەك مىش-مىش پاراڭلارمۇ بولغان .
سەلبىي پىرسۇناژلارنى يارىتىشمۇ ئوخشاشلا مۇئەييەن بىر ئۇستۇلۇقنى تەلەپ قىلىدىكەن . بەزى فىلىملەردىكى سەلبىي پىرسۇناژلار شۇنچىلىك ئاجىز ئىكەنكى شۇ فىلىمنى كۆرىۋاتقىنىمدا ئەشۇ سەلبىي پىرسۇناژلارنى يېڭىۋالسىكەن دەپ كېتىمەن ….
ئالايلۇق : رامبو ، خېيمەن ، سىمبا ، غەربكە ساياھەت دېگەندەك چاتما تىلۋىزىيە تىياتىرلىرىدا سەلبىي پىرسۇناژلار بەكلا ئاجىز بولۇپ چىقىدىكەن
روڭ ئانىنىڭ سەلبى رول يارىتىشىغا گەپ كەتمەيدۇ. سۇ بويىدادىكى گاۋچيۇ ۋە خى ئەمىرلەرمۇ رولنى ئالامەت ئېلىۋەتكەن. ئەمدى ما چەتنىڭكىگە كەلسەك ماڭا ھازىرغىچە ئەڭ تەسىر قىلغىنى بېن . قايسى «بېن» ئىكەنلىكىنى تەدبىركار ياخشى بىلىدۇ. ئەمما ئۇ رول رولدەكلا رولتى ….
بىزمۇ بىلىپ قالساق يامان بولامتا ؟ يا بىرەر يەرلىرى ئۇپىراپ ئاجراپ كىتەمتۇ ؟؟؟
شەپەرەڭ پالۋان ئىككى فىلمىدىكى ھەزلىكەشما
روڭ ئانىنىڭ رولىغا چىققان موماي رولنى شۇنچىلىك ۋايىغا يەتكۈزىۋەتكەننىڭ دەستىدىن ‹‹داڭلىق›› دەپ قالپاق كەيگەن بىلەن ، ئەمما كىيىنكى سەھنە ھاياتى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانمىش ، سەۋەبى : فىلىم سودىگەرلىرى بۇ موماينى ئىشلەتسە فىلىمىنىڭ ياخشى سىتىلماسلىقىدىن ئەنسىرىگەنمىش …….
مەن ‹مىش› دىگەن گەپنى قوشاپ قوياپ خەۋەر يالغاندەك تەسىر بەرگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە راست خەۋەر ، بۇنى خىلى نوپۇزلوق بىر ئۇيغۇرچە تور بكەتتە ئوقۇغان .
فىلىم سودىگەرلىرىنى شۇنداق ئەنسىرىتىۋەتكەندىكىن ھەقىقەتەن كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان ئارتىس دىسەك بولغىدەك .
خىلى سەلبي رولغا چىققان ئارتىسلارمۇ كۆپ كىنوغا چىقىۋاتىدۇ ، مەن بۇ موماينىڭ ‹مەلىكە خۇەنجۇ› دىن باشقا پەقەت يەنە بىر كىنوغا چىققىنىنى كۆردۈم ، لىكىن ئاشۇ كىنودىمۇ تازا دىگۈدەك كۆرۈنمەيدىكەن ئېكراندا ، لىكىن ئۇ كىنودا سەلبي رولغا چىقماپتىكەن بولمىسا .
ۋۇي ۋىرۇسجان،،بىزگىمۇ بىر دەپ بىرىڭا،،ئەجەبمۇ بىر بىلگۈم كېلىپ كەتتى،،مۇشۇ سەلبىي پېرسۇنازلار كىنۇدا رۇل ئېلىپ بۇلۇپ خىلى بىر مەزگىل ئەسلىگە كىلەلمەسمىكى دەيمەن،،،ئاسان ئەمەستە
ئاجان
«دوزاخقا سەپەر» فىلىمىدىكى «تۇنىساخان» ئوبرازى ئېسىڭلەدە بارمۇ ؟
ئاتاقلىق ئارتىست «گۈلزار تۆمۈر » رول ئالغان.
پاتەمخان《ۋات ـۋات سىرلىق كارۋان فىلىمىدىمۇ گاچا ئايالنىڭ رۇلىنى خىلى قاملاشتۇرۇپ ئېلىۋەتكەن……لىكىن ئىلانلارغا قارىسا10ئىلاننىڭ ئىچىدە 11ىدە شۇ پاتەمخان بولۇپ كەتتى…………