كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئورۇن يۆتكەش تەجرىبىسى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم – ئۇچقۇر قەدەم(Shunpo)
مەزكۇر فىلىم 2013-يىللىق گانا كىنو كۆرىكىدە ياش رېژىسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىز فىلىمدە ئىشخانىدا ئولتۇرغان بىر قىزچاقنى كۆرىمىز، ئەمما ھېچقانداق ئۇلاقسىز ھالەتتە سۇ ئۈزۈش كۆلى، كۇتۇپخانا، پارىژدىكى ئۆگزە، تۈركىيەدىكى تۇزلۇق كۆل دېگەندەك جايلاردا ئۆتۈشۈپ تۇرغانلىقىنى بايقايمىز. ئادەتتە بۇنداق ئۇلاقسىز ھالەتتىكى كۆرۈنۈشلەرنى فوتو-سۈرەتتە بىر تەرەپ قىلىشمۇ خېلى كۈچ تەلەپ قىلىدۇ، بۇ خىل بىر يۈرۈش ھەرىكەتنى بىر فىلىمدە ئىپادىلەشمۇ رېژىسورنىڭ تەسەۋۋۇرى بىلەن كىرىشتۈرگۈچىنىڭ تېخنىكىسىنى نامايەن قىلىشتىكى ياخشى ۋاستە بوپتۇ.
قوشۇمچە: shunpo دېگەن بۇ ئاتالغۇ ياپوننىڭ داڭلىق كومىكى Bleach تا چىقىدىغان بىر خىل گۇمپا، يەنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر جايدىن يەنە بىر جايغا ئاتلايدىغان قەدەمنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنى خەنچىدە 瞬步 دەيدىكەن، مەن ئۇچقۇر قەدەم دەپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.
Shunpo
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,059 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: shunpo.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 4 مىنۇتتا 2014-يىلىدىكى چوڭ كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈپ چىقايلى، بۇ يىلمۇ ياخشى كىنولار خېلى كۆپتەك قىلىدۇ
- كېيىنكى يازما > ئاشۇ يىللاردىكى بىزگە تونۇشلۇق سەلبىي ئوبرازلار
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
ۋاي بۈگۈن تېمىلار نىمانداق جىق… تېمىغا كۆمۈلۈپ كەتتۇققۇ….
رىۋايەتلەردىكى تەپەككۇر زىرىكىپ كېتىپ تورخۇمارغا كىرىپتۇ! شۇنىڭ بىلەن تېما كۆرۋېتىپ بۇ تېمىغا كۆزى چۈشۈپتۇ,ئاندىن ئىنكاس يېزىپ باقاي دەپ يېزىپتىكەن شۇنىڭ بىلەن دىۋان بولۇپ قاپتۇ! تۈگدى
توۋا 15 مىنۇت بۇرۇن تۇنۇگۇن كۆرمەي قالغان تېمىلارنى كۆرۇپ ئولتۇرسام ، باشبەت دىگەننى باسىام ئۇچ تېما 9 ئىنكاس چۇشۇپ بولاپتۇ دىسە ھەيرانمەن .
بۇ سىنىكى ئاۋۇ ئايال ماڭغا خېلى سۇرلىك بىلىنىۋاتىدۇ جېمۇ !
فىلىم كىرىشتۈرۈش ماھارىتى ياخشىكەن.
مەن تېخى ئاياقنىڭ ئېلان فىلىمى ئوخشايدۇ دەپتىمە…
ئۇچكۇر كەدەم ~~ بىلېۋالىم
ھەممە ئادەمنىڭ ئەركىن پىكىر بىرىش ھوقوقى با
ماڭا يارىمىدى.
خالايىق ماڭا قاتتىق ياردەم قىلىڭلار!!!
مەن كومپيۇتىرىمنىڭ ئاساسى تاختىسىنى ئالماشتۇرغانىدىم، يەنى ASUS EP43T SI نى MSI P43-C51 گە ئالماشتۇرغانىدىم.يەنى ئىككىلىسى P43_____DDR3
ئاساسى تاختا نىمكەش لىكىن بەك يىڭى، بۇرۇن ئىشلەتكەن ئادەم نورمال ئىشلىتىپتىكەن، لىكىن مەن ئالماشتۇرۇپ ئۆيگە ئەكىلىپ ئاچسام قوزغالمىدى. بىردەمدىن كىيىن ئاندىن قوزغالدى.
3 كۈنياقى نورمالتى بىراق بۈگۈن ئەتىگەن قەتتى قوزغالمىدى ، ئىشىمغا بىرىپ كەلسەم ساق قوزغىلىۋاتىدۇ. مىنى بۇنداق زاڭلىق ئەتكىنى زادى قايسى قاتتىق دىتال؟
قىش ۋاقتى بولغاچقا سوغۇق تالادىن ئىسسىق ئۆيگە ئەكىرىپ توكقا چاتقاچقا شۇنداق بولدىمىكى دىسەم ، مەن بىر سائەت توكقا چاتماي قويغان.
توك مەنبەسىنىڭ توك قۇۋۋىتىمۇ خىلى كۈچلۈك ، بۇ توك مەنبەسى بۇرۇنقى ئاساسى تاختالارنى ئىشلەتكەندە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.
لازىم بولغاندا قوزغالمىدى ، كىيىن نورمال قوزغالدى .بۇزادى توك مەنبەسىدىكى چاتاقمۇ ياكى ئاساسى تاختىدىكى چاتاقمۇ؟ بۇندىن بۇرۇن بىشىدىن مۇشۇنداق ئەھۋال ئۆتەپ باققان باللا
پىكىرىڭلارنى دەپ بىقىڭلار.
مەن ئادەتتە تورخۇماردا ئوينايمەن. شۇڭا تورخۇماردىكى باللادىن ياردەم سورىدىم. جاۋابسىز قويمىغايسىلەر باللا.
پەقەت توك ئۆتمەيدۇ ، شامالدۇرغۇچلىرىمۇ ئايلانمايدۇ.
بۇلقا بىلەن چۇقىسىغا ئاستا بىرنى، كۇچەپ بىرنى ،بۇش ئۇرۇپ ،ئۇچ كۇن ھىسامكامنىڭ يۇمۇرلىرىنى ئۇقۇپ ھۇرۇپ بىرىڭ. ئاندىن كىيىن، سۇغۇق سۇغا 0.0000009 سىكىنۇت چىلاپ، يازنىڭ ئاپتىپى چىققاندا 5 مىنىت ئاپتاپقا سالسىڭىز ئۇڭشىلىدۇ .
چەتئەلنىڭ كىنو ئىشلەش تىخنىكىسىغا قارىغاندا بۇ فىلىم ئانچە كۈچ تەلەپ قىلغىدەك فىلىم ئەمەستەك ……….
ئەمما ما فىلىم مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بولسا ، فىلىمنىڭ ئاخىرىدا چىققان ھىلىقى كالاچنىڭ ماركىسىمۇ كۆرۈنۈپ كەتكەن بولسا ھوللىۋودنىڭ چولپانلىرى ‹‹مودا›› دەپ كىيىۋالاتتى-دە بەس-بەستە …..
ئاياغنىڭ ئېلانىكەنغۇ… ئەمما ئا خوتۇن مەست گۇمپىسىنى خېلى ئويناپ قويىدىكەن ھە؟…
خىلي كۆپ مەزمۇنلار يوللۇنۇپتۇ .
ياخشىكەن