ئادەمنىڭ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئاشۇ غەلىتە يانفون تۆلىمى سەۋەپلىرى…
يانفوننىڭ ئومۇملىشىشىنىڭ يۇقىرىلاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ھەرخىل يانفوننى يۈتتۈرىدىغان ئىشلارمۇ كۆپىيىپ قالدى، ئەنگىلىيەدىكى بىر يانفون سۇغۇرتىسى تور بېكىتى يېقىندا، ئۇلار ئۆتكەنكى 12 ئايدا تاپشۇرۇپ ئالغان بىر قىسىم غەلىتە يانفون تۆلىمى دېلولىرىنى ئېلان قىلغان، مەسىلەن تورتنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن، ئوبۇرنىدا ئېقىپ كەتكەن ياكى كالا پوقىنىڭ ئارىسىدا قالغان دېگەندەك…
ئارقىدىنلا بۇ شىركەت ھەر بىر دېلونى تەپسىلىي تەكشۈرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، نەتىجىدە بۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ قىسىم ئىشلار يەنىلا راست بولۇپ چىققان.
ئەنگلىيە دېۋونشېردىكى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسى سەل جىلە بولۇپ قالغان، ئۇ iPhone نى قول چىراق ئورنىدا ئىنەكنىڭ قوڭىغا قىستۇرۇپ يېڭى موزاينىڭ تۇغۇلىشىغا ياردەملەشمەكچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن…شۇنىڭ بىلەن ئايفون شۇنداقلا غايىپ بولغان.
لىۋېرپولدىكى بىر قىزچاقنىڭ ئوغۇل دوستى بىر دانە HTC Desire X نى يالغاندىن دېرىزىدىن ئېتىۋەتكەن بولماقچى بولۇپ، ئاقىۋەت تېلىفون قولىدىن راسلا ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپ قالغان.
يەنە بىر جۈپ ئەر-ئايال داڭلىق فىلىم تىتانىكتىكى «I’m the king of the world» دېگەن كۆرۈنۈشنى دورىماقچى بولغان، نەتىجىدە تېلىفونى بىلەن ئۆزى قوشۇلۇپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن.
نوتتىڭخاملىق بىر ئايال يانفونى بىلەن قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈن تورتىنى بىراقلا قۇرۇتۇش ئىشكاۋىغا سالغان. ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر تال Nokia 630i نى تورتنىڭ ئارىسىغا چۈشۈرىۋەتكەن، قۇرۇتۇش ساندۇقىنىڭ كۈچلۈك قۇرۇتۇشى نەتىجىسىدە، بۇ يانفونمۇ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن.
يەنە بىر يىگىت بېلەت ئېلىشتىن قېچىپ، بىر دەرەخنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ ناخشا كېچىلىگىنى كۆرمەكچى بولغان ۋە ئۆزىنىڭ مەبۇدىسىنى يېڭى ئالغان iPhone ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىۋاتقان چاغدا تېلىفون دەرەختىن چۈشۈپ كەتكەن.
يەنە بىر نەپەر قۇرۇلۇش ئىشچىسى تېخىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغان، ھاجەتخانىدا ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن iPhone 4S تۆشۈككە چۈشۈپ كەتكەن، ئۇ ئېسىنى يىغىپ بولغۇچە تەرەت چۈشۈرۈشكە ئادەتلەنگەن قولى ئاللىقاچان سۇ چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بولغان ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: بىخەتەرلىك، قىزىقارلىق، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,978 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: to-dumbfounding-phone-claim-grounds.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەر–ئاياللار ھەققىدە ھېكايە | ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەقىللىق ئەمەس
- كېيىنكى يازما > ناۋادا FaceBook، Twitter، Google قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردا ئېچىلغان بولسا قانداق قىياپەتتە بولار ئىدى؟
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
ئايفوننى قولچىراق قىلغان ئاداشنىڭ ئايفونى شۇنداقلا يوقاپ كەتتى دەڭ
خى خى ، قولچىراغ قىلغاغ ئايفۇن چوقۇم قايتىپ كىلدۇ،لىكىن ئازراق سەۋىرچانلىق ۋە سىسىق پۇراققا چىدىىشى كىرەك،
مەنمۇ دىققەت قىلسام بولغۇدەڭ جۇمۇ.بولمىسا…
ئەمىسە مەنمۇ بۇندىن كېيىن تېلېفۇندا ئۈچكە چېقىپ يەيدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتەي
مىنىڭمۇ بىر تىلفۇنۇم قاراپ تۇرۇپ ئوغرىغا بەردىم .سۇغا چۇشكەن بىلەن ئوخشاشتۇ
使命召唤9 چىقىدىغانغا ئاز قالدى 13 چېسلا چىقىدۇ دەمدۇ نىمە .. .تەشۋىق قىغاش تۇراسىز ھە سىزمۇ ئۇيۇن ئۇيۇنخۇمارغۇ دەيمە . . . .بۇ ئۇيۇننى ئۇينىماسلىققا ھىشقاندان باھانەم يوق ، 狙击手幽灵战士 ئىككىسىنى . . ..
http://image.uuu9.com/www/news//UploadFiles_7354//201205/_Z201205071701465291.jpg
بۇنىڭدا جۇڭڭو بار دەيدۇ ، جۇڭڭو شاڭخاي . . .ھى ھى
سىزمۇ بۇ ئويۇننىڭ ھەۋەسكارىكەنسىزدە،مەنمۇ شۇنداق،مەن بىر قىسمىنىمۇ چالا قىلماي ئويناپ كېلىۋاتىمەن.