ئەر–ئاياللار ھەققىدە ھېكايە | ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەقىللىق ئەمەس
«ئاياللارنىڭ چىچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا» دىگەن ئەقلىيەگە ھازىرقى زامان قىز-ئاياللىرىمىز، ئۆز تىرىشچانلىقلىرى بىلەن قاتتىق رەدىيە بېرىپ كەلمەكتە. ھەتتا «ئەر-ئاياللار ھەممىدە باراۋەر» شۇئارلىرى ھەممە ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىردى. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بىچچارە قىز-ئاياللىرىمىز گۈزەللىك ۋە يۈز-ئابروي قوغلىشىش جەريانىدا دائىم ئەقىلسىزلىك قىلىپ قويىدۇ. بۈگۈن بۇ ھەقتە سىلەرگە بىر قىسقا ھېكايە سۆزلەپ بېرەي. دىققەت : ئاياللار يېرىمىنى، ئەرلەر تولۇقىنى ئوقۇڭلار !
بىر ئايال باغچىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر قۇتا ئىچىگە كىرىپ قالغان پاقىنىڭ سۆزلەۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ، پاقا ئۇ ئايالغا:
«مىنى بۇ قۇتىدىن چىقىرىپ قويغۇچىنىڭ ئۈچ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قۇيىمەن» دەپتۇ.
ئايال پاقىغا ياردەم قىلىپ ئۇنى قۇتىدىن چىقىرىپ قۇيۇپتۇ،
پاقا ئۇنىڭغا: «رەھمەت ساڭا، ئەمما بايام دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، سېنىڭ ئارزۇيۇڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بىر تەلەپ قۇيۇلغان، يەنى سېنىڭ يولدىشىڭ سەن ئېرىشكەننىڭ ئون ھەسسىسىگە ئېرىشىدۇ»
ئايال:
« بولىدۇ، بىرىنچى ئارزۇيۇم مېنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالغا ئايلاندۇر»، پاقا ئەسكەرتىپ: « سەن بىلىشىڭ كېرەك، بۇ ئارزۇيۇڭ يولدىشىڭنى دۇنيادىكى ئەڭ جەلىپكار ئەرگە ئايلاندۇرىدۇ» دەپتۇ،
ئايال:
« بولىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئايال مەن بولغاندىكىن ئۇنى ھەرقاچان ئۆزۈمگە مەھلىياھ قىلىۋالالايمەن»، پاقا بىرنى ئۇسۇپلا ئۇ ئايالنى ئارزۇسىغا يەنى – دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالغا ئايلاندۇرۇپتۇ.
ئايالنىڭ ئىككىنجى ئارزۇسى: دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئايالغا ئايلىنىش ئىكەن، بۇنى ئاڭلىغان پاقا ئۇ ئايالنى ئەسكەرتىپ: «ئېسىڭدە بولسۇن سېنىڭ بۇ ئارزۇيۇڭ يولدىشىڭنى دۇنيا بويىچە ئەڭ پۇلدار كىشىگە ئايلادۇرىدۇ!».
ئايال:
«ھېچقىسى يوق، مېنىڭ دەل ئۇنىڭ، ئۇنىڭ دەل مېنىڭ»، پاقا بىرنى ئۇسۇپلا ئۇ ئايالنى يەنە بىر ئارزۇسىغا يەنى – دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئايالغا ئايلاندۇرۇپتۇ.
پاقا ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى ئېيتىشنى دەپتۇ،
ئايال:
«مىنىڭ يېنىكىرەك يۈرەك كېسلى بولغۇم بار!» ……….
بۇ ھىكايىنىڭ مەنىسى شۇكى ئاياللار بەك ئەقىللىق، ئايالىڭىزنى رەنجىتىپ قويماڭ. ئايال ئوقۇرمەنلەر سىلەرگە نىسبەتەن بۇ ھېكايە مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى.
[ ئەر ئوقۇرمەنلەر داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇڭلار … ]
پاقا بىرنى ئۈسسۈپلا ئۇ ئايالنى ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىغا يەتكۈزۈپتۇ، يەنى – ئۇنىڭ ئېرى ئايالىدىن ئون ھەسسە يىنىك بولغان يۈرەك كېسىلىگە مۇپتىلابوپتۇ.
بۇ ھېكايىنىڭ مەنىسى شۇكى ئاياللار دائىم ئۆزىنى بەك ئەقىللىق چاغلايدۇ، بوپتۇلا ئۇلار ئاشۇنداق ئويلالىۋەرسۇن…… ھاھا ھا
يولداش ئۆركەشنىڭ مەزكۇر ھېكايىنى تورخۇمارلارغا سۇنغانلىقىغا رەھمەت!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەر-ئايال، تۇرمۇش، ھېكايە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,374 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: er-ayallar-heqqide-hekaye.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ساغلام ھايات ساپ ئەقىل–چوڭ تەرەت ھەققىدە سىز بىلمەيدىغان ئاجايىپ ھەقىقەتلەر
- كېيىنكى يازما > ئادەمنىڭ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئاشۇ غەلىتە يانفون تۆلىمى سەۋەپلىرى…
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
دىۋان!!!!
بەك ياخشى تىمىكەن
ئۇھ!!!ئەمدى كۆرەي…ھە؟؟
ئۈزىنى بەك ئەقىللىق چاغلايدىغان پەسكەشلەرگە تازا …….بوپتۇ، چىچى ئۇزۇن ئەقىلى قىسقا خۇتۇن ئۈزى يۈرەك كىسىلى بولسە ئېرى ئېغىر يۈرەك كىسىلى بۇلۇپ ئۈلىدۇ دەپ ئۆز بىشىغا ئۈزى چىقىپتۇ
ئاخىرقى قۇرىنى ئوقۇپ كاللام تىرىڭڭىدە لامپۇچكىدەك يورۇپ كەتتى
ئاخىرى مەندىن 10 ھەسسە ئارتۇق يۇرەك كىسىلى بولىدۇ دەپ شۇنداق دىگىنىگە 10 ھەسسە يىنىڭ يۇرەك كىسىلى بوپ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقاندەك قىلىدۇ … ھا ھا ھا …ئەر ياكى ئايال بولسۇن بىر پۇتۇن ئەمەس …ئاياللار ئەرنىڭ قوۋۇرغىسى يۇرەككە ئەڭ يىقىن . بىر بىرىدىن ئايرىلسا قوۋۇرغىسى يوق ئەر قانداق بەدىنى يوق قوۋۇرغا قانداق شۇنى ئويلىساقلا بولىدۇ …
مەنمۇ دەسلەپ ئايالنى ئەقىللىق، ھېيلىگەر دەپتىمەن. ئاخىرقى قۇر…. ئايال ئۆزىنىڭ پۇتىغا ھۆل خىش قويۇپتۇ.
مانىڭغا ئاياللار ئىنكاس يازمايدۇيا ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئەرلەرنڭ ئوقويدغىننىمۇ ئوقوۋالدىمۇيە
پەيزى گەپلەركەن، مەن ئوخشاپ كېتىدىغان بىرنى ئوقۇغان.
بىرەيلەن سېھرىگەرگە ئۇچراپ قېلىپ، سېھرىگەر ئۇنىڭغا دەيدىكەن: مەن سېنىڭ ئىككى ئارزۇيۇڭنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن، لېكىن شۇ ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ ئارزۇيۇڭ ئەمەلگە ئېشىش بىلەن بىرگە، سېنىڭ دۈشمىنىڭمۇ سەن ئېرىشكەننىڭ ئىككى ھەسسىگە ئېرىشىدۇ دېسە، ئاۋۇ: ئۇنداقتا ماڭا بىر مىليون دوللار بېرىپ، يېرىم ئۆلۈك قىپ قويە دېگۈدەك.
بۇ بىر تەرجىمە ئەسەر، مۇشىنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەرنى تورخۇمار كۇلۇبىدىكى قېرىنداشلار بىلەن داۋاملىق ئەسرالاشتۇرۇپ تۇرىمەن.
بۇ تىما ھەممە ئايالغا قارتىلغان ئەمەس بەلكى99.99%ئايالغىلاقارتىلغاندەك قىلىدۇ
تورخۇمارنىڭ پەيزى يەرلىرى مۇشۇ يەردىدە . . . ئالامەت ~~~~~
ھاھا…. توۋا بەزى ئىشلارغا ھەقىقەتەن ئامال يوق ئوخشايدۇ.
لىكىن بىلىنڭكى بىر ئەر كىشىنىڭ كىيىنكى بەختىنىڭ 90% شۇ ئالغان ئايالىغا باغلىقمىكىن دەيمەن …
يەنە بەزى قىزلار خىلى ئەر كىشىگە قارىغاندا ياراملىقاراق جۇمۇ …
ئۇقۇپ كىلىپ ئاپلا، ما ئىش ئوخشىمىدى دەپ ئويلاپ كەينىنى ئوقۇپلا كۆڭلۈم ۋاللىدە يۇرۇپ كەتتى دە …