ساغلام ھايات ساپ ئەقىل–چوڭ تەرەت ھەققىدە سىز بىلمەيدىغان ئاجايىپ ھەقىقەتلەر
ستاتىسكىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرىنىڭ تەرەت چىقىرىش مىقدارى 20 يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا 20% تۆۋەن ئىكەن. بىزنىڭ ئۈچەيلىرىمىز ئىلگىرىكى ئىنسانلار دۇچ كېلىپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىماقتا. ئۈچەي تازىلاش تەجرىبىسىدە، ئۈچەيدىكى تەرەت ھەرقېتىم تولۇق تازىلانسا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 1-15 كلوگرام يىنىكلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
بىرىنچى ھەقىقەت: بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولماقتا.
ئىلگىرىلەر 8~12 سائەت سەرپ قىلىپ ھەزىم قىلغان يېمەكلىكنى بىز ھازىر يېتەرلىك يېمەكلىك تالاسى ئىستېمال قىلماسلىق سەۋەبلىك تەخمىنەن 80~120 سائەتتە ھەزىم قىلىمىز. دېمەك سىز ئۇبۇرنىدا چىڭقىلىپ ئولتۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىڭىز بەلكىم سىز ئۈچ كۈن بۇرۇن يېگەن نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇرۇنقىلار قارا ئاشلىق، قوناق تامىقىنى جىق يەيتتى، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتنى جىق يەيتتى. بىز يەۋاتقان ئاپئاق بۇغداي ئۇنى، گۆشلەرنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ پايدىسى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچى ھەقىقەت: تەرىتىم ياخشى دەپ ئويلىماڭ، ھامان قۇتۇلالمايسىز.
مەيلى ئورۇق-سېمىز، ئەر-ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ھەممە ئادەمنىڭ بەدىنىدە تەرەت ساقلىنىپ قالىدىكەن. نورمال ئادەملەرنىڭ بەدىنىدە 3~6 كلوگرام، سېمىز ۋە قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغانلارنىڭ بەدىنىدە 7~11 كلوگرام تەرەت بولىدىكەن.
بەدەندە ساقلىنىپ قالغان تەرەت قانداق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1. ئوزۇقلۇقلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ. ئۈچەي تىرپىلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقنى بۇزۇۋېتىدۇ.
2. بەدەندە تەرەت تۇرۇپ قېلىش داۋامىدا، ئېچىيدۇ ۋە گاز ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ گاز قانغا قوشۇلۇپ قان بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە كىسلاتالىق زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ (acidosis) . ئۇندىن باشقا جىگەر، بۆرەك ۋە تېرە قاتارلىق زەھەر تازىلىغۇچى ئەزالارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. .
3. بەدەندە تەرەت ساقلىنىش جەريانىدا ئىچكى ئەزالارنى بېسىپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن ئەزالارنىڭ كاردىن چىقىرىدۇ ياكى ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ. قورساق ۋە ئومۇرتقىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئەڭ قورقۇنچلۇقى، سېمىزلىكنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبكارى مۇشۇ تەرەتتۇر. ئەتراپىمىزدا داۋاملىق 40 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەرلەرنىڭ دوۋسۇنى يوغان تۇرغانلىقىنى، ئورۇقلاي دەپمۇ ئورۇقلىيالمىغانلىقىنى كۆرىمىز، نورمالدا بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۈچىيىدە تەخمىنەن 10 كلوگرام ئەتراپىدا تەرەت ساقلانغان بولىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ تەرەت ساقلىنىپ قېلىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
1. كۈنىگە كەمىدە 10 مىڭ قەدەم مېڭىپ بېرىڭ. قەدىمىڭىزنى ساناپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەم تەخمىنەن بىر سائەت ئەتراپىدا يول ماڭسا 10 مىڭ قەدەم ئالىدۇ.
2. ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا 500 مىللىلىتىر ئىلمان سۇ ئىچىڭ. كۈنىگە 2000 مىللىتىر قايناقسۇ ئىچىپ بېرىڭ. (سوغۇق سۇ، دەملىگەن چاينى ئامال بار ئازراق ئىچىڭ. قايناقسۇ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاپ، تېرىنى ياخشىلايدۇ.)
3. كۈنىگە ئاز دېگەندە 5~9 خىل مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات يەڭ. ئامال بار ھەرخىل رەڭلىكلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ يەڭ.
تۆۋەندىكى ئامالنى ھەپتىسىگە بىر قېتىم سىنىسىڭىز ھەر قېتىمدا بىر كلوگرام مەينەتتىن قۇتۇلىسىز
جۈمە كۈنى كەچلىك تامىقىڭىز: 250 گرام قېتىق + 500 گرام تاتلىق بەرەڭگە (قاسقاندا پىشۇرۇپ پوستى بىلەن قوشۇپلا يەڭ) + ئىككى تال ئالما (باشقا تاماق يېمەيسىز)
شەنبە كەچلىك تامىقىڭىز : 250 گرام قېتىق + 500 گرام تاتلىق بەرەڭگە.
يەكشەنبە ئەتىگىنى ئۇبۇرنىغا يۈگۈرۈڭ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، ساغلاملىق
- يازمــا مەنبەســى: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,616 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: chong-teret-heqqide-parang.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Facebook ۋە بىر مىليارد ئابونت | بۇ غايەت زور سانلىق مەلۇمات زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟
- كېيىنكى يازما > ئەر–ئاياللار ھەققىدە ھېكايە | ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەقىللىق ئەمەس
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
مەن كۈنىگە 10 مىڭ قەدەم ماڭىمەن !!!
يەكشەنبە ئەتىگىنى ئۇبۇرنىغا يۈگۈرۈڭ.
ئۇنداق بولسا
ھازىر ئاشلىققا 70 كۈن چىدايدىكەنمىزدە
ئۇزۇقلۇق قىممىتى بوممىسا ئۇ مەزەلەرنىڭ ،قانداق تۇرىسىز؟
2000 مىللىتىر قايناقسۇ ؟ مەن ئادەتتە سوغوق سۇلا ئىچىمەن پىدىگەندىن باشقا كوكتات تۈردىكى ھەممىسنى ياختۇرمەن. مەندە يوقمىكىن ئەخلەت
مۇشۇ ‹‹ئۇبۇرنى›› دېگەن ئاتالغۇنى كىم كەشىپ قىلغاندۇ ؟
ئۇبۇرنى قانداق بۇ ئاتالغۇدا مەسەلە بارمىكەن بەك چىرايلىق ئاڭلىنامدىكەن يە ws
سۇئالىم بار ! سۈرگە دورىسى يىسىمۇ بۇلامدۇ؟
قۇرۇق ناننى جىقراق يەپ بېرىڭ ، سۈرگە دورىسى يېمەي
بىكا توختىماي قىلىپ چاتاق چىقىپ قالمىسۇن !
نورمال ئادەملەرنىڭ بەدىنىدە 3~6 كلوگرام، سېمىز ۋە قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغانلارنىڭ بەدىنىدە 7~11 كلوگرام تەرەت بولىدىكەن. ئەتراپىمىزدا داۋاملىق 40 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەرلەرنىڭ دوۋسۇنى يوغان تۇرغانلىقىنى، ئورۇقلاي دەپمۇ ئورۇقلىيالمىغانلىقىنى كۆرىمىز، نورمالدا بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۈچىيىدە تەخمىنەن 10 كلوگرام ئەتراپىدا تەرەت ساقلانغان بولىدۇ.
ماۋۇ سانلىق مەلۇماتلاردا چاتاق يوقتۇ ؟ شۇنچىۋالا تەرەتنىڭ ئۇزۇن ئەمما كىچىك ئۈچەيگە ۋە قورساق بوشلۇقىغا سىغىدىغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم مەن
ماڭا بېشىدىكى بىر قانچە قۇر بەك ياراپ كەتتى
ئىككىنچى ھەقىقەتتىكى قۇرلارنى دىمەكچىتىم
تاتلىق بەرەنگە دىگەن نىمە
قەۋزىيەت بۇلۇپ قىلىپ ئاران قۇتۇلغانتىم ،بۇ ئاماللار بۇلىدىكەن ،
تاتلىق بەرەڭگە دىگەن نىمە؟
تاتلىق بەرەڭگە دىگەن نىمە؟ تاتلىق ياڭيو دىگەن گەپتۇ . يېڭىدىن بىرەر كۆكتات يىتىشتۈرۈلگەن بولسا بىلمەي قالدۇقمۇ يا
تاتلىق بەرەڭگە دىگەن تاتلىق ياڭيۇ(خۇڭشۇ)دىگەن شۇغۇ ئۈزى…قارىغاندا تىلىمىز خېلى ئەبجەشلىشىپتۇ ھە
قۇسىقى چىقىپ قالغانراق ئاغىنىلەرنىڭ قۇرسىقىغا ئۇرۇپ قۇيۇپ ‹پوق قۇرساق ›دەپ قۇياتتىم،توغرا دەپتىكەنمەندە