نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

iPad ،iPhone قاتارلىق Apple مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونا-يېڭىلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى بىلەمسىز؟

iPad ،iPhone قاتارلىق Apple مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونا-يېڭىلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى بىلەمسىز؟

ھازىر ئارىمىزدا ئۇيغۇر ئالمىچىلار(ئالما ھەۋەسكارلىرى) مۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى، لېكىن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرى (ئاساسلىقى دىيارىمىزدا مودا بولۇۋاتقانiPhone, iPod Touch) لارغا چۈشەنچىسى بەك چوڭقۇر ئەمەس. شۇڭا تۆۋەندە ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسى ساۋادى، كونا-يېڭى، ئالماشتۇرۇلغان ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق پەرق ئېتىش توغرىلىق ئازراق بىلجىرلاپ باقايلى…

ساۋات

iPod Touch نى ئادەتتە iPod Classic ۋە iPod Nano شۇنداقلا iPod Shuffel دىن پەرقلەندۈرۈپ iTouch دەپ قىسقارتىدۇ. ئۇيغۇرچىدا ئايتاچ دەپ ئالىمىز. iPhone نى ئۇيغۇرچىدا ئايفون دەپ ئالىمىز. iPad نى ئايپەد دەپ ئالىمىز.تۆۋەندىكى ماقالىدە مەن ئۆزۈم ئىشلەتكەن iTouch ۋە iPhone غا تەدبىقلاپ ئالدىم.مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار باشقا مەھسۇلاتلارغا ماس كىلىشىمۇ مۇمكىن.
ئالما مەھسۇلاتلىرى ئادەتتە يىلدا بىر نەشىر يىڭىلايدۇ. ھازىر بازاردا يىڭى سىتىلىۋاتقانلىرى ئايفون4 ۋە ئايتاچ4 . بۇلارنىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرى بۇ يىل 6- ئايدىلا ئىشلەشتىن توختىغان بولۇپ، بۇ خىل نەشىردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نىمكەش مال، شۇڭا سېتىۋېلىشتا بىرلەشمە ۋە ئالما تور بېتىدىن باشقا يەردىكىسىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى بولۇش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن. سېتىۋالغاندا كۆپ دىققەت قىلىش كىرەك. ئايپەدنىڭ تېخى ئىچىنى ئالماشتۇرغانلىرى بەك كۆپ ئەمەس، ئەمما ئامېرىكىدىن كىرگۈزگەن دەپ كونىنى يېڭى كۆرسىتىپ سېتىشمۇ سەل ئاۋۇپ قاپتۇ. شۇڭا ھازىر پۇلى كۆپلەرگە بىۋاستە ئالما دۇكىنىدىن ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىششىتىن، پۇلى ئازلارغا ئىشەنچلىك يەرلەردىن نىمكەشنى ئىلىش مۇۋاپىق.

كونا يىڭىنى ئايرىش

1. يىڭى مەھسۇلاتنىڭ قېپىنى ئاچقاندىن كىيىن خۇشخۇي ناھايتى ئاجىز پۇراق كىلىدۇ، كونا مەھسۇلاتتىن كۈچلۈك سانائەت پۇرىقى پۇرايدۇ.
2. يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ئورالما قېپى ناھايىتى پۇختا بولۇپ، ئىچىدىكى نەرسىلەردە سىلكىنگەن، ئۇرۇلغان، قىستالغان، ياكى ئورنى ئالماشقان ئەھۋال يوق. كونا مەھسۇلاتنىڭ قاپلىرى پەۋقۇلئاددە يېڭى ۋە پارقىراق بولىدۇ، قول سىزىمى ياخشى بولمايدۇ. ئاجراپ قايتا چاپلانغان بەلگىلەر بولىدۇ، ھەتتا ئىچىدىن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەر چىقىپمۇ قالىدۇ.
3. يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ئېكرانىغا ھىچقانداق ھاۋا پۈۋەكچىسى يوق ھالەتتە نېپىز ئاسرىغۇچى سۇلياۋ چاپلانغان بولىدۇ. ئۇ سۇلياۋنى بىر قېتىملا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئاجرالغان ئىكەن، قايتا ئوخشىتىپ چاپلاش مۇمكىن ئەمەس. كونا مەھسۇلاتنىڭ ئېكرانىدا بارماق ئىزلىرى، ئاجىز كۆك نۇر كۆرۈنىدۇ. 130گىرادۇس ئەتراپتا تۇتۇپ قارىغاندا ناھايتى ئۇششاق چاڭ-توزان كۆرۈنىدۇ.
4. يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭدىن قارىغاندىكى كۆرۈنۈش رەڭگى ئوخشاش، كونىسىنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭى ياكى ئىكران تۇتاش جايىغا ئىنىقسىز ماددا چاپلاشقان ياكى مەلۇم ئورۇننىڭ رەڭ قايتۇرۇشى كۈچلۈك بولىدۇ.
5. يېڭى مەھسۇلاتنى تۇنجى ئاچقاندا تىل تاللاش ياكى كارتا تونۇش، تور بەلگىلەش ياكى بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلارنى ئېچىش ئەسكەرتمىسى كۆرۈلىدۇ. كونىسىدا بۇنداق جەريان يوق، ھەتتا باشقا دىتاللار قاچىلانغان بولىدۇ.
6. يىڭىسىنىڭ دېتال نەشرى ئادەتتە ئۆزئارا ماس بولىدۇ. يەنى 2010 – يىلى ياسالغان ئالمىغا 2009- يىلدىكى يۇمشاق دىتال قاچىلانغان بولمايدۇ. كونىسىدا كۆپىنچە تېخى ئالماشتۇرۇپ دېتال قاچىلايدۇ. مەسىلەن، زاۋۇتتىن 2010- يىلنىڭ 22 ھەپتىسى چىققان ئايفون3 كە 2010- يىلنىڭ 11-ئىيىدا چىققان يۇمشاق دىتال قاچىلىنىپ قالغان بولىدۇ. قاتتىق ئەپسۇس، ئايفون 3 دىگەن 2010- يىلنىڭ 6- ئىيىدىن باشلاپ ئىشلەشتىن توختىغان.

ھازىر ئامىركىدىن،شىياڭگاڭدىن كىرگەن دەپ يىڭى قاپقا كونا نەرسە سىلىپ ساتىدىغانلار بەك كۆپ، تۆۋەندىكىلەرنىڭ شۇلارنى پەرقلەندۈرۈشتە پايدىسى بار.

يىڭى دەپ ئالغان ئالمانىڭ ئالماشتۇرۇلغان ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق ئېتىش

1. ھەقىقىسىنىڭ ئورالما قاپتىكى Serial No بىلەن سىستىما ئىچكى ئۇچۇرى دىكى Serial No ئوخشاش بولىدۇ.
2. ھەقىقىسىنىڭ تېڭشىغۇچ چاتىدىغان تۆشۈكىدە داغ بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ تېڭشىغۇچ تۆشۈكىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى مىتالنىڭ ئەتراپىدا تازلاش سۇيۇقلىقىدىن قالغان ئىز بولىدۇ.
3. ھەقىقىسىنىڭ سىىگنال تۆشۈكىدا سۈركىلىش بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ سېگىنال تۆشۈكىدە روشەن ئىز بولغاندىن سىرىت تۆشۈك ئەتراپىدىمۇ سۈركىلىش ئىزى بولىدۇ(بۇ ئىز مۇھىم ئەمەس،چۈنكى سىرىتقى قىپىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ).
4. ھەقىقىسىنىڭ قوراشتۇرما(قەغەز قاپ) قىپىدىكى IMEI بىلەن سىستىما كۆرسەتكەن IMEI ئوخشاش بولىدۇ.
5. ھەقىقىسىنىڭ ئىكرانى بەك يورۇق بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ ئىكرانى بەك يورۇق، رەڭ پەرقى ئىنىق ئەمەس بولىدۇ.
6. ئىكران بىلەن سىرىتقى قاپ تۇتاشقان جايلاردا ھەقىقىسىدە ئاجراش كۆرۈلمەيدۇ، ئالماشتۇرۇلغىنىدا ئازراق يوچۇق بولىدۇ.
7. ھەقىقىسىنىڭ باسمىلىرىدا قول سېزىمى ياخشى بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىدا بەزىدە تېگىپ كەتسە ئىشلەيدىغان بەزىدە قاتتىق باسسىمۇ ئىنكاس بولمايدۇ.
8. ھەقىقىسىنىڭ باتارىيەسى باتارىيە باشقۇرۇغ دىتاللىرىدا كۆرسەتكەن ۋاقىتتىن كۆپ پەرق ئەتمەيدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ باتارىيەسى ئەڭ سۈپەتسىز بولۇپ، ئىشلەتكەندە پەۋقۇلئاددە تىز قىززىيدۇ، توك تىز توشىدۇ، تىز تۈگەيدۇ. ھەقىقىسىدە ئادەتتە ئىشلەتمىسە توك خوراش بولمايدۇ.
9. ھەقىقىسىنىڭ قوراشتۇرما مىخلىرى ئۇپرىمىغان، پارقىراق بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ رەڭگى گۇنۇس، ئۇپرىغان، ھەتتا چۈشۈپ قالغان بولىدۇ. ھەقىقىسىنىڭ مىخلىرى پۈتۈنلەي بىر خىل ئۆلچەم، بىر خىل سۈپەتتە بولىدۇ.
10. ھەقىقىسىنىڭ يۆنىلىش،سۈرەت،كۆچىش، ئاۋاز،ئارىلىق،كومپاس،بۇلۇڭ، ئېغىرلىق،نۇر، GPS سەزگۈلىرى ياخشى بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ ئۆلۈك بۇلۇڭى بولىدۇ. يەنى مەلۇم بىر بۇلۇڭغا قايتقاندا داۋاملىق ئەكىس يۆنىلىش ياكى خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
11. ئەڭ ئاخىردا ، ئالماشتۇرۇلغىنى بازار باھاسىدىن خىلىلا ئەرزان بولىدۇ.

قوشۇمچە: سىستىما Serial Noۋە IMEI نۇمۇرى ئادەتتە 设置-通用-关于本机 ئىچىدە بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 11 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: identification-apple-products.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. نەزەرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىما ياخشى تەھرىرلىنىپتۇ.
    ئازراق بىلجىرلاپ باقايلى……………….

    • تورخۇمار :

      سىزنى مۇشۇ تېما بىلەن تارتىپ چىقىپتىمەندە، مەيەدە بىللە بىلجىرلايلى بىردەم…

  2. قاينام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۆردە بولسىمۇ ئولتۇرايلى …………..
    پەرىقلەندۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىكەن .

  3. بۈيۈك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇندا ئئۇسۇللارمۇ بار دەڭ … مەن ئىچىدىكى ئويونلارنىڭ سەۋىيىسى بىلەن سىلىشتۇرۇپ يۈرۈپتىمەن :eek:

  4. مەشئەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ ھەقىقى نەشرى ئەمەس يېڭىلىغان نەشرى ئىكەن~!

  5. نەزەرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خا خا !
    مەن كۈندە بار بۇيەردە.
    بۇ يەردىكى پاراڭلارنى كۆرۈپلا تۇرىمەن.

  6. تارىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن دىققەت قىلىپ باقتىم كۇپۇنچە كىشىلىرىمىز ئايفون4 نىڭ ئىختىدارى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى شۇنداقلا لازىملىق دىتاللارنى توردىن قانداق قاچىلاپ قانداق ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەيدىكەن … بۇھەقتە بىرەرەر ئۇيغۇرچە يازمىلارمۇ يوقكەن ….يىقىندا مەنمۇ بىرنى سىتىۋىلىشنى ئويلاۋاتاتتىم بىراق مىنىڭمۇ ئايفون4 توغۇرلۇق چۇشەنچەم كەمچىل بولغاچ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قىلىۋاتىمەن چۇنكى ئىلىپ قۇيۇپ ئىختىدارلىرىدىن پايدىلىنىش قىممىتى بولمىسا ئەكمىيىتى يوقتەك بىلىنىۋاتىدۇ…..بىلىدىغانلار بىر تۇنۇشتۇرىۋەتمەمسىلەر….

    • تورخۇمار :

      دائىملىق زىيارەتچىلىرىدىمىزدىن ئابدۇرېشىت ئېلى، روھچىن قاتارلىقلار ھازىر مۇشۇ يانفوننى ئىشلىتىۋاتىدۇ، بولسا شۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى تېما شەكلىدە يېزىپ ماڭا يوللاپ بەرسە، مەن كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگۈزسەممۇ بولاتتى…

    • ئۇيغۇرباي :

      توغرا ،توغرا .
      تورخۇمار ئەپەندىم ،مالال كۆرمىسىڭىز ئايفونغا قانداق دىتال قاچىلاشنى ئۆگىتىپ قويغان بولسىڭىز بولۇپتىكەن .مەنمۇ بىرنى ئالغانىدىم ،بىراق ،ھىچ بىرنىمە قاچىلىيالمىدىم .بۇنىڭغا بىرنەرسە قاچىلاش سەل تەسكەن .
      سىزنىڭ شۇنداق بىر تېمىنى يېزىشىڭىزغا تەقەززامىز !
      رەھمەت!

  7. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېلفۇننى يەڭگۈشلەي دەيمەن ئەمما مەن يەنىلا نوكىيانى تاللايمەن

    • ئارسلان :

      سامسۇڭ ئىشلىتىڭ،ئاندرويد سېستىمىلىق سامسۇڭ ئىشلىتىڭ، يېڭى چىققانلىرى دەششەت پەچەت چىقىۋاتىدۇ :idea:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)