نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما كۆرۈش

فانتازىيەگە تولغان كلاسسىك ئويۇن – قەھرىمان سام HD: ئىككىنچى قېتىملىق مۈشكۈلات

فانتازىيەگە تولغان كلاسسىك ئويۇن - قەھرىمان سام HD: ئىككىنچى قېتىملىق مۈشكۈلات

«قەھرىمان سام» ئائىلىسىگە تەۋە بۇ ئويۇنلار ئەينى چاغدا تېخنىكا قىيىنچىلىقى تۈپەيلى، كۆرۈنمە يۈز ۋە باشقا جەھەتلەردىن كۆپ يېتەرسىزلىكلەر ساقلانغان بولغاچ، ئىزچىل ئويۇن ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالماي كەلگەن ئىدى، بۇدا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان «قەھرىمان سام: ئىككىنچى قېتىملىق مۈشكۈلات» ناملىق نەشىرى بولسا، مەيلى ئويۇن كۆرۈنمە يۈزى بولسۇن، ياكى باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن، ئىلگىرىكى نەشىرلىرى بولغان پەرق خېلىلا چوڭ. ناۋادا تېخى بۇ ئائىلىگە تەۋە ئويۇنلارنى ئويناپ باقمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ كلاسسىك ئەسەرنى قولدىن بېرىپ قويمىغىنىڭىز ياخشى.

ئويۇننىڭ قاتتىق دېتال تەلىۋى:
OS: Windows XP w/SP1 or newer
Processor: Intel Pentium 4 3+ Ghz or AMD Athlon64 3500+
Memory: 1 GB for Windows XP or 2 GB for Windows Vista
Hard Drive: 2.2 GB free space
Graphics: nVidia GeForce 7600, ATI Radeon X1600 (Shader Model 3.0 Required)
Sound: Direct X 9.0c compatible sound card
DirectX®: DirectX 9.0c August 2009 Edition or newer

قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. پرىستىن يېشىمىز
2. setup.bat ئارقىلىق قاچىلاشنى باشلايمىز
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.

ئويۇندىن قىسقىچە كۆرۈنۈشلەر:


چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

قەھرىمان سام: ئىككىنچى مۈشكۈلات | مەنبە: torhumar.com

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 15 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. بۈيۈك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا ھا … ساقالنى گەجگە ئەپ قوياپ تۆرىگە ماڭدىم ئەمسە..

    • تورخۇمار :

      ما چاققانلىقنى، يازمىنى يوللاپ بولۇپ ئۆزۈممۇ كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەنتىم تېخى :eek:

  2. بۈيۈك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوي،كالاشنى سالماپتىمەنغۇ ئالدىراشچىلىقتا… بۇ ئويوننى بىر قىتىم ئويناپ تازا قىززىتالمىغانتىم،قىنى يەنە بىر سىناپ باقاي :shock:

  3. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئوينىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىدى. مەن بۇ ئويۇنغا خېلى ئۇستا ئىدىم. ئاخىرقى مەيدانلىرىغىچە ئويناپ تۈگىتىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭى نەشىرىنى ئويناش خوشياقمىدى. مۇھىمى ئۇنچىلىك ۋاقىتمۇ يوق …

  4. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1-نۇسقىسىمۇ بۇلۇپ قۇيىدۇ بۇ ئۇيۇننىڭ!

  5. قەيسەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاڭ، مەن يېنىلا 1- نۇسقىسىنى كۆرگەندىمۇ ھاياجانلانمىغان، ھازىر مۇ شۇنداق……. :sad:

  6. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداق ئويۇنلارنى يېرىم سائەتتىن جىق ئوينىسام كۆڭلۈم ئېلىشىپ كېتىدۇ، call of duty دېگەن ئويۇننى ئوينىساممۇ شۇنداق. قانداق قىلسام ئۇنداق بولمايمەن.

    • تورخۇمار :

      ياقتۇرىدىغان ئويۇنلارنى تەۋسىيە قىلمامسىز؟ كۆپچىلىك بىلەن تەڭ ئوينايمىز :idea:

    • پرېستان :

      CF ئوينىسام نورمال ئوينىيالايمەن. يەنە ماشىنا ئوغرىسى دەپ بىر ئويۇن بار ئىدى، شۇ ئويۇننى ئوينىساممۇ كوڭلۈم ئېلىشىپ تاس قالىمەن قۇسۋەتكىلى، سىلەردە بۇنداق ھادىسە يۈز بەرمەمدا؟ :sad:

  7. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئانچە-مۇنچە خۇتۇن بىلەن تاكاللىشىپ تۇرسىڭىز ئۇنداق بولمايسىز!!! :grin: :grin: :grin:

  8. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامان ئەمەستەك قىلىدۇ … ئاغىچامنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ قالمىسىلا :lol:

  9. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    WordPress مىنىڭ باش سۈرىتىمنى تەستىقلىمامدۇ نىمە ؟! تېخىچىلا قاپقارا تۇرىدۇ … :evil:

  10. خالىد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارا باش سۈرەت ئوخشايدۇ :grin:
    يەنىلا مېنىڭ ياخشى ئوخشايدۇ ، ئاجايىپسىمان …… :arrow:

  11. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەينىنى قىلىپ تۇرغاندەك ھە :mrgreen:

  12. تارىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ياخشى ئۇيۇن..

 汗