ئەسلىدە موگو(Super Mario) ئويۇنىدا ناھايىتى كۆپ مەخپىيەتلىك يوشۇرۇنغان ئىكەن…
كىچىكىمىزدىكى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئۆلمەس كىلاسسىك ئويۇن Super Mario توغرىلىق مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە يازما يوللاپ بوپتىمەن ھەم بۇ ئويۇننى ئىزچىل ئويناۋاتقىلىمۇ 10 يىلدىن ئېشىپتۇ، بىراق تا ھازىرغىچە بۇ ئويۇنغا ئەسلىدە بۇنچىۋالا كۆپ مەخپىيەتلىكلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن، بالدۇرراق بىلگەن بولسام بۇنچە جان قىينىماي ئۆتكەللەرنى خېلى ئاسانلا تۈگىتەتتىمكەن دەپ قالدىم، ئۇنداقتا Super Mario بىزدىن زادى نېمىلەرنى يوشۇرغاندۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن,سىن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 920 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: super-mario-secret.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > 360 قورالى بىلەن QQ نى بىرگە نورمال ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- كېيىنكى يازما > 58 ديۇملىق Touch Screen سەپلەنگەن iPhone يانفون ئۈستىلى
بالىقىمىزنىڭ يالدامىسىدە بۇ،،ھازىرقى باللا ئۇنداق ئويۇنلارنى ئوينىماسمىكىن، ئاساسەن كومپىيۇتېرلىشىپ كەتتى ئائىلىلەر.
باشقىلىرىنىمۇ ئازتولا كۆرۈپتىمەنمەن، بىراق ئاۋۇ ئۆردەكنى يەرنىڭ ئاستىدىن ماڭغۇزغاننى كۆرمەپتىكەنمەن، قىززىق بولىدىكەن.
راستىنلا بىلمەيدىغان يەرلەر بارئىكەن!
خېلى كۆپى مەن ئۇقىدىغان مەخپىيەتلىكلەركەن . ھې ھې
ھازىرقى بالىلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، ئۇلار تالاغا چىقىپ ئويناشنىمۇ ئۇقمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئوينايدىغىنى ساپلا سانائەت مەھسۇلاتلىرى ،
قۇرۇتتىنمۇ قورقىۋاتقان . بىزدەك يىلان تۇتۇپ ئويناشقۇ ئۇلار ئۇچۇن مەڭگۇ مۇمكىن ئەمەس.
ئاۋۇ 3- مەيداندىكى ئادەم كۆپەيتىدىغاننى مەنمۇ بىلىمەن
لىكىن 4-2 دىكىسىنى بىلمەيدىكەنمەن، ماۋۇ ئىگىزلەر ئەجەپ ئۇستىكەن دىسە…
مەن بۇنىڭ 2-مەيدانىدىكىسىنى ئويناپ كۆرگەن، ئەسلى بۇمۇ مەخپىيەتلىك ئىكەندە
مەن باشتا كۆرۈپ تېخى ھەممىسى بىلىدىغان ئىشلاركەنغۇ دەپتىمەن،ئەسلىدە مەن كۆرمىگەنلىرىمۇ بارئىكەن ئەمەسمۇ.
باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلرىم يادىمغا كەپ قالدى بۇنى كۆرۈپ.
مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا بەك قىزىقىپ ئوينايتىم ،بالىلىقىمنى ئەسلىتىپ قويدى ،كۆپ قىسىم ھۆنەرلىرىنى مەن بىلىدىكەنمەن
ئەمما لېكىن،مەن بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكلىرى خېلى باركەن،مەن بىلىدىغانلىرىدىن بەزىلىرىنى چىقارماپتۇ تېخى،3-2 مەيداندا بەك قالتىس بىر ئىش بار ئىدى!
مەنمۇ ئاجايىپ ئوينايتىم … بۇ مەخپىيەتلىكلەرنى كۇرۇپ يەنە ئويناپ باققىم كىلىۋاتىدۇ …. يىڭى چىققانلىرىدا بۇنداق ئىشلار يوق ھەقىچان …
مەن ھەممنى بىلىدىغاندەك قىلىمەن لىكىن مارىيۇ ئۇستامنىڭ تام ئىچىدە ماڭغىننى كوروپ باقماپتىكەنمەن ، ھ ھ ھ ھى …..