Google نىڭ يېڭى پىشكىسى – BumpTop | ئاجايىپ قالتىس 3D ئېكران ئۈنۈمى
ھازىر سەزمە ئېكرانلىق ئالقان كومپيۇتېرلىرى ئىچىدە Apple نىڭ iOS مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلەتكەن مەھسۇلات iPad نى ئەڭ نوچىسى دېسەك، مەنچە ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا Google نىڭ iPad كە نېمىسى ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. يۇقارقى قىستۇرما رەسىمدىكى BumpTop ناملىق يۇمشاق دېتال بولۇپ، كېيىن Google تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان، بەلكىم ئاستىدىكى تەپسىلىي سىن ئارقىلىق بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كارامىتىنى ۋە Google نىڭ يامان نىيتىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشىنىش مۇمكىن…
بۇ سىندىكى مەشغۇلاتلارغا قارىغانسىرى كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن، Google نىڭ BumpTop نى سېتىۋېلىشتىكى مەقسىدىمۇ بەلكىم كەلگۈسىدىكى ئالقان كومپيۇتېرى بازىرىدىكى رىقابەت ئۈچۈن بولسا كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن، Google ئاللىقاچان ئىنتايىن مۇنەۋۋەر بولغان بىر دانە پېشكىنى ئالدىغا سۈرۈپ قويغاندەك قىلىدۇ. بۇ مەھسۇلات كېيىن Google نىڭ پەخرلىك مەھسۇلاتى Android سۇپىسى بىلەن بىرلەشتۈرىۋېتىلەمدۇ يوق؟ ھازىرقى ھۆكۈمران iOS نى مەغلۇب قىلالامدۇ يوق؟ بۇ ئەلۋەتتە كېيىنكى مەسىلە…
قانداق؟ ئۈنۈمى قالتىسمىكەن؟ ئەلۋەتتە بىزدە Win7 قاچىلانغان ئالقان كومپيۇتېرى بولسا، BumpTop تىن ئىبارەت بۇ 3D ئۈنۈمدىكى ئېكران يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق، يۇقارقى مەشغۇلاتلاردىن ھوزۇرلىنىپ باقساقمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىزدە سەزمە ئېكرانلىق ئالقان كومپيۇتېرى بولمىغان ئىكەن، ۋاقتىنچە مائۇس ئارقىلىق بولسىمۇ ھوزۇرىنى سۈرۈپ باقايلى.
BumpTop نىڭ كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلىۋى:
مەشغۇلات سېستىمىسى: 32 بىت ياكى64 بىتلىقWindows XP, Windows Vista, Windows 7
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: Pentium 4/Celeron 1.8GHz ياكىAthlon XP/Sempron 2200 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى
ئىچكى ساقلىغۇچ: 1GB تىن كام بولمىسۇن
سىنكارتا: Intel 915 توپلاشتۇرۇلغان سىنكارتا ياكى Nvidia GeForce 6200 ۋە ياكى ATI X300 تىپلىق ۋە شۇنىڭدىن يۇقىرى
BumpTop ھەققىدە
نۆۋەتتە BumpTop يەنىلا بىر ھەقلىق يۇمشاق دېتال بولۇپ، توردا گەرچە يېشىۋېتىلگەن نۇسخىلىرى بولسىمۇ، بىراق چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلەپ ئولتۇرمىدىم، ناۋادا قىزىقىدىغان تورداشلار بولسا Google ئارقىلىق ئىزدەپ تېپىپ قاچىلاپ باقساڭلار بولىدۇ، مەن پەقەت كۆپچىلىككە ئازراق تونۇشتۇرۇپ قويۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالساملا بولار…
دىققەت: BumpTop ئەسلىدىنلا بىر ھەقلىق يۇمشاق دېتال بولسىمۇ، ھەقسىز نەشىرىدىمۇ نۇرغۇن ئۈنۈملەردىن ھوزۇرلىنىشقا بولىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ تەمىنلەنگەن يېشىش ياماقلىرىنى زۆرۈر بولمىسا ئىشلەتمەي، ھەقسىز نەشىرىنىڭ تارقىتىلىشىغا تەقەززا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشقىلىپ Google نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىزگە ھەقسىز تەمىنلەۋاتىدۇ، مەنچە بۇمۇ ئۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google، iOS
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bumptop-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 12 دانە iPhone دىن پايدىلىنىپ ياسالغان كىنو ئېكرانى
- كېيىنكى يازما > 58 ديۇملىق Touch Screen سەپلەنگەن iPhone يانفون ئۈستىلى
- سىز كۆرۈۋاتقان iOS 7 تېخى پۈتمىگەن بىر چالا مەھسۇلات | iOS 7 يوقاتقان شۇ نەرسىلەر ھەققىدە بىر قىسىم كۆز قاراشلار
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- iOS 7 نىڭ ياپىلاقلاشتۇرۇلغان ئۇقۇم لايىھەسى – بۇنداق iOS 7 قاچىلانغان iPhone 6 گە قانداق قارايسىز؟
- ئۇچۇر تورى ئايفۇن ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى | ئەمدى يانفۇندىلا ئۇچۇر يوللىيالايسىز/ ئۇچۇر كۆرەلەيسىز
- كىچك ساۋات | ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ Google ھېساۋاتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
- Android چى باللا بادۇ؟ | ئويۇن تەڭگىسى يېتىشمەي بويۇن قىسىپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەمدى ھەرقانداق ئويۇننى باكاغا ئوينايسىز
- يانفۇن 40 ياشقا كىردى | يانفۇننىڭ 40 يىللىق تەرەققىياتىدىكى بىر قىسىم نەمۇنىلەرگە نەزەر
- Google Glass(گۇگېل كۆزەينىكى)نى تاقاپ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بارغاندا…
- 美图秀秀 نى تاشلاڭ ئەمدى، PhotoShop مۇ يانفۇنغا كۆچتى | كۆچمە نۇسخىدىكى PhotoShop Touch
- [دات!!!!!!!] Google غا نورمال چىقىشنىڭ ئۈچ تەدبىرى – Google غا چىقىش تېخنىكىلىق ئوقەت
قارىغاندا بۇنى ئاۋال مەن چۈشۈردىغان ئوخشايمەن .
مەنمۇ كۈرۈپ باقاي!يېڭىلىق بولسىلا ئاۋال تورخۇماردىن ئاڭلايدىكەنمىز!
ھىدروگىن 7 نىڭ ئېلانى پىچەتكەن
سۆزلەۋاتقان مەنچىلىكلا بالىكەن بولمىسا