نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما كۆرۈش

شىۋىتسىيەلىك ئالىيجاناپ ئوغرى ئوغرىلىۋالغان لەپتوپتىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپتۇ…

شىۋىتسىيەلىك ئالىيجاناپ ئوغرى ئوغرىلىۋالغان لەپتوپتىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپتۇ...

مۇشۇ شىۋىتسىيە دېگەن ئاجايىپ سىرلىق بىر دۆلەت جۇمۇ، ھەممە ئادەم ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئاجايىپ كۆڭۈل بۆلۈپ قويىدۇ، ھەتتا ئوغرىلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، يېقىندا بىر نەپەر شىۋىتسىيەلىك پراففېسور دەل مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق بىر ئىشقا ئۇچرىغان…

بىر كۈنى ئۇ ئۆزى تۇرىۋاتقان تۇرالغۇدىكى پەلەمپەي ئارىسىغا سومكىسىنى تاشلاپ قويۇپ كىرخانىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ، قايتىپ كېلىپ قارىسا سومكىسى يوق، سومكىدا لەپتوپ(笔记本) ۋە ئاچقۇچ قاتارلىق شەخسى بۇيۇملار بار ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ساقچىغا مەلۇم قىپتۇ، نەچچە مىنۇتتىن كېيىن قايتىپ كېلىپ قارىسا، پەلەمپەيدا سومكىسى تۇرغان، ئىچىنى ئاقتۇرسا ئىچىدىكى لەپتوپ يوق ئىكەن، باشقا بارلىق نەرسىلەر ئۆز جايىغا قويۇپ قويۇلۇپتۇ…

ناۋادا ئىشلار مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاخىرلاشقان بولسا، بىزمۇ بەلكىم ئوغرىنىڭ ئىنساۋىدىن ئازراق تەسىرلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئىدى، بىراق بىر ھەپتىدىن كېيىن تېخىمۇ ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بېرىدۇ…

بىر ھەپتىدىن پراففېسور بىردانە بارماقدېسكا(U盘) تاپشۇرىۋالىدۇ، بۇ بارماقدېسكىنىڭ ئىچىدە پراففېسورنىڭ لەپتوپتا ساقلاپ قويغان بارلىق شەخسى ئۇچۇرلىرى بار بولۇپ، بۇ ئوغرى زور كۈچ سەرپ قىلىپ بۇ ئۇچۇرلارنى بىر نۇسخا زاپاسلاپ، ئالدىنقى قېتىم ئاچقۇچ ۋە سومكىنى قايتۇرۇپ بەرگەنگە ئوخشاش قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

دۇنيادا رەزىل ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ، بىراق ھەممىلا ئادەمنىڭ ئەسكى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بۇمۇ بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئېڭىنىڭ بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك؟

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 10 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەدەنىيلەشكەن ئەلدە ئوغرىلارمۇ مەدەنىي بولىدىكەن دىسە!…
    كەمىنە تۇرۇۋاتقان بۇ شەھەردىمۇ،ھەتتا كوچا ئاپتوبوسى شۇنچە قىستا-قىستاڭ بولۇپ پۇل تاشلىسا-تاشلىمىسا ھىچكىم دىققەت قىلمايدىغان ھالدىمۇ،كىشىلەر كېرا پۇلىنى كەم قىلماي ئۆز-ئارا يىغىشىپ،سونۇشۇپ شوپۇرغا ئەۋەتىدۇ،ئويلاپ قالىمەن بەزىدە…

  2. prestan : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لەپتوپ، يانفۇن قاتارلىق ئېلىپ يۈرۈيدىغان قوراللار يوقاپ كەتسىغۇ مەيلى، لېكىن ئىچىدىكى مۇناسىۋاتلىك ماتېريال، رەسىملار يوقاپلا كەتسە ئىچى ئېچىشىپ كېتىدۇ كىشىنىڭ.

  3. پېرخون : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن …. مەنمۇ نەچچەرەت پورتىمالىمنى يۈتتۈرپ قويدۇم … يۈتتۈرۈپ قويغان شۇ ئورۇننىڭ ئۆزىدە ( ئېنىقىنى ئېيتسام تورخانىدا ) پورتمال ئىچىدىكى بارلىق پۇلنى ئالسا مەيلى پەقەت كىملىكىمنى قايتۇرۇپ بەرسۇن ئەرىزىم يوق دەپ شۇنچە ئېيتسام ئېنساپ كەلمىدى …. شۇ چاغلاردا لىملىكىمنى بېرىۋەتسە مەن بەك رازى بوپ كېتەتتىم شۇ ئوغىرىدىن .

  4. مامكاپ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممە ئادەمنى ئەسكى دەپ كەتكىلى بولايدۇ دە

  5. ئۆگەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم، بىر جۈمە كۈنى كەچتە دەرستىن چۈشۈپ بىر ساۋاقدىشىم ۋېلىسپىنى تورخانىنىڭ يېنىغا توختىتىپ سومكىسىنى ۋېلىسپىتكە قويۇپ قويۇپلا تورخانىغا كىرىپ كېتىپتىكەن، تازا CS ئويناپ پۇخادىن چىقىپ قارىسا ۋېلىسىت بىلەن سومكا يوق، ئالە شەھىرىڭنى ۋېلىسپىتمۇ مەيلى بوپتۇ، ئېشىپ كەتسە نەچچە يۈز يۈەن ئۇنى قايتا سېتىۋالسا بولىدۇ، لېكىن مەۋسۈم ئوتتۇرىسى بوپ قالغاندا دەرسلىك ماتېرىياللىرىدىن ئايرىلىپ قالسا قانداق قىلىدۇ، ھېلىقى ساۋاقدىشىم ئامال يوق دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن مەكتەپكە بارسا، مەكتەپنىڭ يېنىدىكى دەرەخكە سومكىسىنى ئېسىپ قويۇپتۇدەك، ئىنسابلىق ئوغرىكەن دەپ قالغانتىم شۇ چاغدا.

    ئالدىنقى يىلىغۇ دەيمەن، ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان بىر قىز ساۋاقدىشىم مۇنداق بىر ئىشنى دەپ بەردى: كوچا ئاپتۇبۇسىدا كىملىك بىلەن پۇل سېلىنغان پورتمالىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپتۇ، كېيىن بىر ئوغۇل بالا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ كىملىكىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى ئېيتىپتىكەن، ئۇنىڭ بىر ساۋاقدىشى بېرىپ ئەكەپ بېرىپتۇ، ئۇ قىزدىن ئاۋۇ ساۋاقدىشىڭىز ئوغرى بىلەن مۇرەسسە قىپ يۈرۈپتىما دېسەم ئۇ ئوغرىلارمۇ يالغۇز ئەمەسكەنتۇق، بوپتۇ كىملىكىمنى قايتۇرۇپ بەردى دەيدۇ.

    • torhumar :

      كىملىكنى قايتۇرۇپ بەرگىنى ياخشى بوپتۇ، جىددى ۋاقىتلاردا نەچچە يۈز سومنى تاپقىلى بولغان بىلەن كىملىكنى تاپالماي نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلار يۈز بېرىدىغان ئىش چىقىدۇ

  6. مۇئەللىم پۈتۈكلىرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاشۇنداق ئوغرىدىن بىرى ئىشخانامغا كىرىپ «ئىككى ئاساسەن» دېگەننىڭ ھەممە ئارخىپىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتسىدى بىر … :mrgreen:

    • جۇشقۇن :

      سىزنىڭ ئۇ نەرسىلىرىڭىزنى باشقىلارغا بىكارغا بەرسىڭزمۇ ئالمايدۇ ، :mrgreen: :mrgreen:

  7. شاھزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوغرى بولسا شۇنداق بولسا…. :mrgreen:

 汗