تور بېكەت ھەرىكەتچان ئېلان رەسىمى ئىشلەشتىكى ياخشى ياردەمچى – Gif Movie Gear
GIF Movie Gear بولسا بىر تۈرلۈك GIF ھۆججىتى ھاسىل قىلىدىغان، تەھرىرلەيدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان ئالمىشىپ كۆرۈنىدىغان ھەرىكەتچان ئېلانلار دەل مۇشۇ خىلدىكى قوراللارنىڭ ياردىمىدە پۈتۈپ چىقىدۇ. Gif Movie Gear نى ئىشلىتىش قولاي ۋە سىغىمى كىچىك بولغاچقا، بارماقدېسكا قاتارلىقلاردا ئېلىپ يۈرۈشمۇ ئىنتايىن قولاي.
GIF Movie Gear نىڭ قوللايدىغان ھۆججەت فورماتىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، BMP/GIF/JPG/PNG/PSD/AVI/CUR/ICO فورماتلارنى تەھرىرلىگىلى ۋە ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ GIF ھاسىل قىلىشقا شۇنداقلا BMP/GIF/JPG/PNG/PSD/AVI/CUR/ICO قاتارلىق فورماتلاردا ساقلاشقا، ھەتتا Flash نىڭ SWF فورماتىدا ساقلاشقىمۇ بولىدۇ.
GIF Movie Gear دا بىر قانچە پارچە رەسىمنىڭ تەرتىۋىنى ئۆزىمىز بەلگىلىگەن تەرتىپتە تىزىپ ئالمىشىپ چىقىدىغان ھالەتتە GIF ھۆججىتى ياساشقا بولىدۇ، يەنە تېخى بۇ ئالمىشىپ چىقىدىغان رەسىملەر ئارىسىدىكى ۋاقىت پەرقىنىمۇ خالىغانچە كونترول قىلىشقا بولىدۇ. كۆپ خىل ئەلالاشتۇرۇش تەڭشىكى ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان ھەرىكەتچان GIF ھۆججىتىنىڭ سىغىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشقا ۋە شۇ ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتتىكى تور بېكەت ئېلانلىرى ياساپ چىقىشقىمۇ بولىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن سىرت GIF Movie Gear نىڭ ئەڭ چوڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى مەلۇم GIF شەكلىدىكى ھەرىكەتچان رەسىمنى ئېچىپ، بۇ رەسىمنىڭ ھەر بىر ھەرىكەت قەۋىتىنى ئايرىم تەھرىرلەشكە ۋە قايتا بىرىكتۈرۈش ئىنتايىن قولايلىق. بۇ ئىقتىدارى ئارقىلىق بىز بىر قىسىم ئەسلىدە باشقىلار تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەن GIF رەسىملەرنى ئاسانلا تەھرىرلەش مەقسىدىگە يېتەلەيمىز، ئەلۋەتتە بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ Adobe ئائىلىسىدىكى FireWorks قاتارلىقلاردىمۇ ئورۇنداشقا بولسىمۇ، بىراق بەزىدە كىچىك ئېھتىياجغا FireWorks تەك كەسپىي يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش تامامەن ھاجەتسىز، بۇنداق قىلساق ئەلۋەتتە كالا پىچىقىدا قۇشقاچ سويغاندەك بولۇپ قالىمىز.
تۆۋەندىكىسى GIF Movie Gear نىڭ قاچىلاش ھاجەتسىز چۈشۈرۈپ پرېستىن يېشىپلا ئىشلىتىشكە بولىدىغان نەشىرى بولۇپ، پرېستېن يېشىپ ئىچىدىكى 注册.reg ناملىق ھۆججەتنى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىۋېتىپ ئىشلىتىۋەرسەك بولىدۇ.
ھۆججەت ئۇچۇرلىرى:
ھۆججەت نامى: GIF Movie Gear
ھۆججەت سىغىمى: 771KB
پرېستېن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
GIF Movie Gear نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: GIF ياساش,ئېلان,ھەرىكەتلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,116 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: gif-movie-gear.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تەۋەرۈك ئەسەر : كارتون فىلىم «مۈشۈك بىلەن چاشقان»نىڭ تولۇق 140 ۋەقەلىك يىغىلغان توپلام
- كېيىنكى يازما > Apple رىۋايىتىنىڭ گۇۋاھچىسى – Steve Jobs نىڭ ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
مەن بۈگۈن بۇ تىمىڭىزنىڭ تۈنجى زىيارەتچىسى بولوپتىمەن
شاھلىق ئورنى مىنىڭ.
مىنىڭ دەل مۇشۇنداق دىتالغا ھاجىتىم چۈشۈپ تۇراتتى ….
..قاشتېشى تېپىۋالغاندەكلا بولدىما
ئۇنداقتا تېخىمۇ كۆپ دوستلارغا مەزكۇر دېتالنى ۋە تورخۇمارنى تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇمىغايسىز
تور مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلىغانلىقى ئۇچۇن ئۆلۇمگە مەككۇم ، دەرھال ئىجرا قىلىنسۇن
مەن تېخى ناشتا قىلمىغان، ئەتىگەندىلا قان پۇرايدا بۇيەر؟
جاللاتتىن بىرسى ئۇقۇشماي كەپ قالغانمۇ نىمە؟
دىگەن بىلەن مەن ئىزدەپ يۈرگەن نەرسىلەرنى يوللاپ تۇرىسىز … شۇڭا ئامراقتە مەن ،
ياخشى دىتالكەن ئەمما چۈشۈرۈش ئادىرسى يوقكەن