فانتازىيەلىك فىلىملەردىن قېلىشمايدىغان ئاجايىپ فەچەت ئىشلەنگەن ئېلان Infinity
ئالدىنقى كۈنى تورداشلار بىلەن بىرگە 雪碧 نىڭ ئېلانىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، بۈگۈن كۆپچىلىككە Infinity ناملىق يەنە بىر نادىر ئېلان ئېلىپ كەلدىم. پۈتكۈل ئېلان مەيلى ئىشلىنىش سەۋىيەسى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تەسەۋۋۇر جەھەتتىن بولسۇن، ئىنتايىن نادىر ئىشلەنگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئېلاننىڭ ئۈنىمى ھەرگىزمۇ ھوللىيۋودنىڭ فانتازىيەلىك فىلىملىرىدىن قېلىشمايدۇ!!!
ئېينىشتىيىن مۇنداق دېگەن: تەسەۋۋۇر بىلىمدىن مۇھىم، بىلىم چەكلىك بولىدۇ، ئەمما تەسەۋۋۇر دۇنيانىڭ بارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەن-تېخنىكا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىچىك چېغىمىزدا چۈشىمىزدىلا كۆرەلەيدىغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر بىزگە ھازىر يېڭىلىق تۇيۇلماس بولۇپ كەتتى. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، يەنىلا مول تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت! تۆۋەندىكىسى مەزكۇر ئېلاننىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش ۋە ئىشلىنىش جەريانى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D,ئۈنۈم,ئېلان,يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,358 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: batelco-infinity.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان نادىر ئويۇن – ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى(Machinarium)
- كېيىنكى يازما > كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ئاشۇ زىل ئاۋاز…يەنە بىر يۈرۈش تاللانغان لاتىنچە ئېسىل ناخشىلار
مەن كۆرۈپ بوپتىكەنمەن…
پەيزى ئىشلەپ قويۇپتۇ
قول قويدۇم… بىر ئېلاننى ئىشلەش ئۈچۈن بۇنداق كۈچ كىتەر دەپ ئويلىماپتىكەنمەن…راسلا قول قويدۇم…
كوكاكولا شىركىتىنىڭ يانە مۇشۇنۇڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ئېلانى بار….مۇشۇ ئېلاندىن قېلىشمايدۇ…ئۇمۇ تەسەۋۋۇرگە تايىنىپ ئىشلەپ چىقىرىلغان.. تەدبىركار ئەپەندى ! بولسا مۇشۇ تۈردىكى تېمالارنى تارتىنماي يوللاپ تۇرۇڭ….كۆزىمىزنى ئېچىۋالايلىىى
مەنمۇ بۇ تېمىنى بۇرۇن تورخۇماردا كۆگەندەك يادىمدا، يېقىندىن بۇيان كونا تېمىلا كۆپىيىپ كېلىۋاتامدۇ؟ ياكى تورداشلارنىڭ تەلىپى شۇنداقمۇ؟
«ئۇيغۇربەگ» دە كۆردىڭىزمۇ يا؟
قانچە پۇللار كېتەر مۇشىنچىلىك ئېلان ئىشلىگۈچىلىك …
ھەقىقەتەن پەيزى ئىشلەپ قويۇپتۇ جۇمۇ ، تېخنىكا دىگەن ….ھـــــــــــــــــــــــــــەي…….
كېنونىڭ كىرۈشتۇرۈلگەنلىك جەريانىغا ئەقلىم يەتمەيدۇ. ساختىلىقنى ئاجايىپ راستەك قىلىۋىتىكەن
يووو مۇشۇ ئامرىكىلىقلارنى زە … ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەممىگەن نەسىنى ئىشلەيدا …خىلى پۇل كەتكەندۇ ھەقىچان … 20 30 چە ئادەم ئىشلەپتۇ …
بېغىمغا كىرىۋېلىپ گۇلۇمنى ئۇزەيدەمسە
مەن كۆرۇپ بولغاننى يوللاپ
كۆڭلىمنى خوش قىلاي دەمسەن
ئەمما، فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى ھەقىقەتەن سازكەن ئەمەسما ؟! …
مەن تەسەۋۋۇر دېگەن مۇشۇ سۆزنى تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئاندىن تولۇق چۈشەنگەن ئىدىم. لېكىن بۇلارنىڭ فىلىملىرىدە باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ئۇششاق شۇملارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايمىز.
Can you imagen it دەپ… كىچىكىدىن تارتىپ تەسەۋۋۇر دېگەن نەرسىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئېڭىغا سىڭدۈرىۋېتىدىكەن.
ئويۇنچۇقلار ھېكايىسى دېگەندىكى فىلىمدىكى ئەندىينىڭ ئويۇن ئويناش ئۇسۇللىرىنى مەنمۇ قاملاشتۇرالمايمەن ھازىر. ھىچ مىدىرلىمايدىغان نەرسىلەرنى بىر يەرگە يىغىۋېلىپ «قىسقا فىلىم» ئىشلەپ ئوينايدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر مىسال
بىزنىڭ مۇ ئەنە ئەشۇنداق تەسەۋۇرلار بىلەن ياشىشىىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن…(اللا خالىسا)