«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى(使命召唤8): ھازىرقى زامان ئۇرۇشى3» نىڭ ئويۇن كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىندى!!!
«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى(使命召唤8): ھازىرقى زامان ئۇرۇشى3» نىڭ تۇنجى ئويۇن كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىنىپتۇ، سىندىنلا ئادەمنى قانچىلىك ھاياجانغا سالالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس ئەلۋەتتە! بۇ يىلى مېنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان ئويۇننىڭ بىرى مۇشۇ بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ، تۆۋەندە ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەچ، تامىقىمىزنى چاكىلدىتىپ ئولتۇرايلى…
«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى3»نىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى، 超清 ھالەتتە تېخىمۇ سۈزۈك نۇسخىسىدىن ھوزۇرلىنالايسىز!
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىغان «جەڭگاھ3» ئويۇنىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كۆرۈنۈشلەر ھەرگىزمۇ «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى8» دىن قېلىشمىغۇدەك!!!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: FPS، ئويۇن، ئۇرۇش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mw3-video-preview.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۇڭمىڭ قۇلۇپى interlocked : كىشىنى رازى قىلىدىغان كىچىك 3D ئويۇن
- كېيىنكى يازما > «قەدىمى قەبرىستانلىقتىكى پەرى كۆلەڭگىسى رىۋايىتى» ناملىق يېڭى ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر…
- 拳皇 2011 ھەقىقى ئادەم نۇسخىسى – چەتئەللىك COS چىلارنىڭ قىلىقىنى كۆرۈڭ، سەت مازكەن
- «يەرشارى فىلىم ئېكىسكۇرسىيىسى 2013» – توردىكى ئۇنۋېرسال كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى، قالتىس چىقىپتۇ
- ھەزىللەشتۈرۈلگەن COD پۇرىقىدىكى «مارىيو جېڭى» فىلىمى، ئۈنۈملىرى خۇددى چوڭ كىنولاردىكىدەكلا چىقىپتۇ
- پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى – يېڭىسى چوقۇم كونىسىدىن ياخشى بولۇشى ناتايىن
- مۇردىلار تېمىسىدىكى يەنە بىر نادىر ئويۇن – بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس : ۋەھىينامە
- «جەڭگاھ 4»نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلىنىپتۇ، بۇدا شاڭخەينى پارتلىتىپ ساراڭ قىلامدۇق نېمە؟!
- بۇ بىر يېڭى ئويۇن – «ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر: گۈللۈكتىكى جەڭ» ئەڭ يېڭى CG كۆرۈنۈشلىرى
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ئەرۋاھ» نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى! سۇ ئاستىدا ئاپشاركا بىلەن جەڭ قىلامدۇق نېمە؟
- ACT تىپىدىكى بۇ يىلقى نادىر ھەرىكەتلىك ئويۇنلارنىڭ بىرى: ئۇنۇتما(Remember Me)
- «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2: زامان ھالقىش» iOS نەشىرى كېلەر ئاينىڭ ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى!
ئووو ھەجەپ تەستەتەگدى ماۋۇ يە …
ئەمدە يازاي … كۆرۇنۇشلە بەك ۋەھشىغۇ … كىنو ئىشىلىسە چانمايدىكەن مانىڭدا …
ئاستىدىكى سىن كىنۇمۇ ياكى ئۇيۇنمۇ ھېچ بىر پەرقلەندۇرگۈسىز ئىشلىۋېتىپتىيا ماۋۇ ئۇيۇننى، ھە قاچان سەپلىمسى بەك ئېغىردۇ پەستىكى سىننىڭ ئۇيۇنى، شۇنداق ئوينۇغۇم كىلىپ كەتتى شۇ تاپتا
بۇنىڭ 6-سىنى خېلى ئوينىغانىدىم، ئەمما يەتتەنى قاچىلىسام ماۋۇ كومپىيۇتېر سۆرىيەلمىدى، ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ پەيزىسى چىقىدىغان بوپتۇدە
7 – سىنى ئوينماي تۇرسام ، 8 – سىنىڭ 3 – قىسىمى چىقىپ بولدى ، دەڭ!
ئالدېرماي ئويناڭلار ……
مەجبۇريەت چاقىرقى7نى چۈشۈرگەن ئىدىم ئەمما قوزغىتالمىدىم بىلىدىغانلا كۆرسەتمە بەرسەڭلارچۇ
يەتتىنچىسىنى تېخى ئويناپ تۈگەتمەي تۇرسام سەككىزىنچىسى چىقىپتۇ، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماڭماق ئەجەپ تەس بوپ كەتتى دېسە…
بۇ ئويۇنلارنىزە ئويناش ئۈچۈن يەنە تورخانىغا يۈگۈرەيدىغان گەپ …
مەجبۇرىيەت چاقىرقىنىڭ 4-5-6 .قىسىملىرىنى شۇنداق زوق بىلەن ئويناپ تۇگۇتۇپتىمەن، لىكىن 7. سىنى قاچىلىسام كىنولىرى چىقىدۇ ، ئويۇنغا كىرىپلا ھىچنىمە يوق ، 3 قىتىم قاچىلاپ باقتىم ، سۇرەت كارتام 1 جى( ئەمىلىيەتتە 516 تىكەن ) شۇنداق قىلىپ 7.ئوينىيالمىدىم ، تورخانىلاردا باركەن ئانچە مۇنچە ئويناپ باقتىم تىخىمۇ ۋەھشى ئىشلىۋىتىپتۇ،
جەڭگاھ 2 ئويۇنىنى شۇنداق ئويناپتىمەن ، ئىشقىلىپ ئويۇنلارنىڭ پادىشاھى دىسە ئارتۇق كەتمىگىدەك ئويۇن ، نەچچە يىل بولدى كۇندە دىگۇدەك ئوينايمەن ، قەتئى زىرىكمەيمەن ،
شۇتاپتا ئاغزىمغا گەپ كەلمەيۋاتىدۇ، مۇھىمى ‹‹مەجبۇرىيەت چاقىرقى8›› 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ ! سەككىز كۈزۈم بىلەن كۈتىدىغان بولدۇم دە ، يېنىبىر يېڭى ئويۇنبا ‹‹ قاتىل ئەقىدىسى3›› مەن ھازىر ئويناۋاتىمەن ، بۇ ئويۇننىمىۇ تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىيدۇجۇمۇ .
‹‹ قاتىل ئەقىدىسى3» تېخى چىقمىدىغۇ دەيمەن. ‹‹ قاتىل ئەقىدىسى : قېرىنداشلار ئويۇشمىسى» نى دەۋاتامسىز يا؟
XBOX360 ئوينايدىغانلار بامۇ ؟
ئادەمنىڭ ئىچىنى قىززىتىپ……..
دۆت بالاڭزا گىپىنى قىلغان ‹ قاتىل ئەقىدىسى2› نى ئايتاچ تا بەك ئوينايتتىم مەن…
لېكىن ماۋۇ 3-سىنى تېخى كۆرمەپتىمەن…
ھېچ ئىشمۇ قىلماي، ئۇخلىماي ئويۇن ئوينىساقمۇ ئويناپ ئۈلگۈرەلمىگۈدەكمىز… چىقىۋىرىدىكەن كەينى كەينىدىن…
بۇ ئويۇننى قاندلق چۇشۇرىدۇ؟
ئاستىدىكى فىلىمدىكى ئويۇن پەيزىكەن ، راستلا تامىقىمنى چىكىلدىتىپ قالدىم
قاتىل ئەقىدسى ›قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى بىلەن قاتىل ئەقىدسى 3 ئىككىسى ئايرىممۇ؟، مەن قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى ئوينىغان، ئۇنىڭدا altayr ئۆلدىكەنغۇ، ھخىرلاشقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن تېخى قاتىل ئەقىدسىنى، بەك ياخشى ئۇيان ئۇ، ubisoft نىڭ ئۇيۇنلىرى زادى نوچى
«قاتىلنىڭ ئەقدىسى» ھازىرغىچە جەمئي ئۈچ بۆلۈم چىقتى.
بىرىنچىسى ھېلىقى Altair چىقىدىغىنى يەنى بىرىنچى بۆلۈم
ئىككىنچىسى Ezio چىقىدىغىنى يەنى ئىككىنچى بۆلۈم.
ئۈچىنچىسىدە يەنە Ezio چىقىدۇ. ‹‹ قاتىل ئەقىدىسى : قېرىنداشلار ئويۇشمىسى» دېگىنى شۇ
ئۈچىنچى بۆلۈم چىقىشقا تېخى بالدۇر.
بۇدا «启示录»(تەرجىمە قىلالمىدىم) دېگىنى چىقىدىكەن. Altair بىلەن Ezio تەڭ چىقىدىكەن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا.
ئاخىرلاشقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن تېخى قاتىل ئەقىدىسنى دەپ يازماقچىتىم يازماقچىتىم
ئالدىنقى قىسىمىدا Ghost، Roch دېگەن گۇيلار ئۆلەپ كەتتى.
بۇ قىسىمىدا يەنە كاپىتان Mactavish نىڭ ئۇنۋانى ئۆسۈپ چىقارمۇ؟
راسلا پەچەتكەن….!لىكىن ئاستىدىكىسى ئەمەس…!!!
قاتىل ئەقىدىسى 3 دە تۈركىيەمۇ چىقىدىكەن ھە
‹‹قاتىل ئەقىدىسى3›› چىقىپ بوپتۇ، مەن بازاردىن دېسكىسىنى سېتىۋالغان، تېخى يالغانمىكىن دەپتىكەنمە، راس 3- سىكەن ، ئويناش ئۇسۇللىرىدا ئۆزگەرتىشلە خېلى كۆپكەن، بۇرۇنقىلرىدىن پەيزى چىقىپتۇ، بۇنىڭدا Ezio نىڭ 2 – سىدە ياردەم قىلغان تاغىسى ئۆلۈپ كېتىدىكەن، 2- سىدىكى تەرەققىي قىلدۇرغان شەھىرىنىمۇ دۈشمەنلە ۋەيران قىلىۋېتىدىكەن، ۋەقەلىك ئاساسەن قىساس ئېلىش، ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىنى ئاساس قىلىدىكەن، مەن تېخى داۋاملىق ئويناۋاتىمەن، مەن چوقىنىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرسىدە بۇ……. تورخۇمارغىمۇ مۇشۇ ئويۇن توغرىسىدا تېما يوللانغان بوسا…
بىر ئوينىماي بولمايدۇ بۇنى
ئۇنى مەنمۇ ئوينىغان ئۇ ئۆچىنجىسى ئەمەسكەن،ئ3-دە تۈركىيەمۇ چىقىدىكەن، جىددى ئىشلەۋېتىپتۇمىش…
مۇشۇنى ئويناپقۇ…
- بايراقنى كىم قادايدۇ؟
-مەن…
- ياق مەن
- ئۆتە ،مەن قادايمەن.
- ۋوي… ئولتۇرە جىم، باياتىن بايراقنىڭ خادىسىغا كىم يېقىن باردى، ئات دېسە ئاتالمايسەن…
شۇنداق قىلىپ تۆت يىقىن دوست ئايرىلىپ كېتىشتۇق، ھازىر مەن تورخانىغا بارمايمەن…
شۇ كۈنلەرنى ھاياجان بىلەن ئەسلەيمەن…
«قاتىل ئەقىدىسى» دېگەن ئويۇننى خەنزۇچە نېمە دەيدۇ ؟
بۈلمىگەن نىمەڭنى ئوينىما
刺客信条 دەيدۇ
ئەپسۇس بۇ ئويۇن چەكلەندىدە
دىسكىسىنى ئېلىپ ساقلاپ قويدۇم 3-جىسى چىقسا ئۇنىمۇ ساقلايمەن