ئېنىقسىز نىشان: ھاياتىڭىزدا نېمىگە ئېرىشىشنى بەكراق ئويلايسىز؟
بىر ياش بىر دانىشمەندىن كىشىلىك ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەھمىيتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپتۇ. دانىشمەن ئۇنىڭ سوئالىغا دەرھال جاۋاب بەرمەي،ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن سوراپتۇ…
-يىگىت، ئېيتىڭە، ھاياتىڭىزدا نېمىگە ئېرىشىشنى بەكراق ئويلايسىز؟
-كەچۇرۇڭ، دىمەكچى بولغىنىڭىز…- دەپتۇ يىگىت گاڭگىرغان ھالدا.
-سىز ھاياتىڭىزدا نېمىگە ئېرىشىشنى ئويلايسىز؟ مەسىلەن،بەخت، مال-دۇنيا، ئورۇن-مەنسەپ… دېگەندەك.
-ھىم… مەن سالامەت،خوشال-خورام بولسام ئىكەن دەپ ئويلايمەن.ئەلۋەتتە، يەنە باياشات ياشىسام دىگەن ئويۇممۇ بار،-دەپتۇ يىگىت ئوڭايسىزلانغان ھالدا،-ئەجىبا ھەممە كىشى ئۇنداق ئويلىمامدۇ؟
-توغرا، بۇ نېمە ئۈچۈن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا خوشال-خۇرام، ساغلام ۋە باياشات ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى.
-سىز نېمە دىمەكچى؟
- ئەگەر سىز ھاياتىڭىزدا نېمىنى ئىزدەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمىسىڭىز، ئۇنى قانداق تاپالايسىز؟
-بىراق مەن بايا ئېيتتىمغۇ، ماڭا سالامەتلىك، خۇشالىق، شۇنداقلا باياشاتلىق كېرەك-دەپتۇ يىگىت كېسىپلا.
-بىراق بۇ سۆزلىرىڭىز تازا ئېنىق ئەمەس،ئالاھىدە ئەھمىيتىمۇ يوق. ئۇلارنىڭ زادى مەنىسى نىمە؟
-كەچۈرۈڭ،مەن يەنىلا سىزنىڭ گىپىڭىزنى چۇشىنەلمىدىم،-دەپتۇ يىگىت تاقەتسىزلىك بىلەن.
-ياخشى! ئەمسە بىز گەپنى ئېنىقراق قىلايلى، مەسىلەن، سىز قانداق بولغاندا ئاندىن باياشاتلىق ھىس قىلىسىز، يەنى زادى قانچىلىك پۇل تاپقاندىن كېيىن ئاندىن باياشات بولىسىز؟
-ھىم…ئويلاپ باقاي.
يىگىت ئاخىرى دانىشمەننىڭ گېپىنى چۈشىنىپتۇ. ئۇ ئۇزاق ئويلىنىپ ئاخىرى مۇنداق دەپتۇ:
-مەن ئاز دېگەندە ھازىرقى مائاشىمنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن كۆپرەك پۇل تاپقاندىلا ئاندىن باياشاتلىق ھېس قىلىمەن.
- ياخشى، بۇ پەقەت بىر باشلىنىش، يەنىچۇ؟ -دەپتۇ دانىشمەنكۈلۈمسىرىگەن ھالدا.
-بىر يۈرۈش ئۆيۈم بولسا،قەرزىم بولمىسا، يەنە بىر ماشىنام بولسا دەيمەن.
-قانداق ئۆي، قايسى ماركىدىكى ماشىنا؟-دەپتۇ دانىشمەن ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ.
-ئۇقمايمەن،-دەپتۇ يىگىت جاۋابەن،-ئۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس،قانداق بولسا بولىۋېرىدۇ.
-راستمۇ؟-دەپتۇ دانىشمەن،-ئەمىسە تازلىق ئۆيىمۇ بولمىغان، مەينەت، نامراتلار رايونىغا جايلاشقان ئۆي بولسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟
-ياق،ئەلۋەتتە بولمايدۇ! -دەپتۇ يىگىت.
-ئەمسە قايسى خىلدىكى ئۆي بولسا بولىدۇ؟
-مەن گۈللۈكى بولغان، بىز ئېغىز كىتاپخانا، يەنە بىر كىچىك ئاشخانا، بىر چوڭ ھۇجرا يەنە مېھمانخانىسى بار ئىككى قەۋەتلىك ئۆيۈم بولسىكەن دەيمەن.ئۆيۈم ئەڭ ياخشىسى شەھەرنىڭ شەرىق تەرپىدىكى سودا مەركىزىگە جايلاشقان بولسىكەن دەيمەن،چۈنكى مەنمۇ دەل شۇ يەردە سودا بىلەن شۇغۇللىنىمەن.
-ياخشى! ھازىر سىز بارا-بارا چۇشەندىڭىز،-دەپتۇ دانىشمەن جەزىملەشتۇرگەن ھالدا.
-سىزچە ھازىرقى مائاشىڭىزنىڭ ئىككى ھەسسىسدىن كۆپ پۇل تاپالىسىڭىزلا ئاندىن بۇ چىقىملارنى كۆتۈرەلەيمەن دەپ ئويلامسىز؟
-ياق،-دەپتۇ يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ،-مەن ھازىرقىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن كۆپ پۇل تاپساممۇ، يەنىلا بۇنداق قىممەت ئۆينىڭ چىقىمىنى كۆتۈرەلمەيمەن.
-ھە، مۇنداق دەڭ، ئەمىسە سىز بايا نېمىشقا ھازىرقى مائاشىمنىڭ ئىككى ھەسسىسىدەك پۇل تاپساملا باياشاتلىق ھېس قىلىمەن دەيسىز؟
-ھىم…ئۇ ۋاقىتتا مەن تېخى بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلاپ كۆرمەپتىمەن،- دەپتۇ تىگىت ئېتىراپ قىلىپ.
-ئۇنداقتا، سىز ھازىر مەسىلىنىڭ زىددىيەتلىك تەرىپىنى كۆردىڭىزمۇ؟- دەپتۇ دانىشمەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- نۇرغۇن كىشىلەر باياشات بولسام دەيدۇ، بىراق ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلاۋاقىت چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ نىمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىگىنى، نېمە ئۈچۈن ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن ئۈزلىكسىز بايلىق يارتىمەن دەيدىكەنسىز، چوقۇم ئالدى بىلەن بۇلارنى ياخشى ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىز كېرەك. ئەمدى بىرىپ ئۆزىڭىز ھەقىقى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزنى ئىزدەڭ، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنىمۇ ئېنىق ئويلاڭ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر جەريان. بۇنىڭدا سىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىز ۋە نېمىنىڭ كەملىكىنى ئېيتىشىڭىزلا كۇپايە قىلمايدۇ، سىز يەنە ئۇنىڭ سەۋەبىنى ھەم مەقسەتكە قانداق يېتىشنى بىلىشىڭىز كېرەك.مانا مۇشۇلا سىزگە ھەقىقىي ياردەم بېرەلەيدۇ.
مەنبەسى:تەرمىلەر 2010-يىل 5-سان
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش,پەلسەپە,ھاياتلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: what-most-of-life.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قوراللىق ئېتىشىش تىپىدىكى يېڭى 3D ئويۇن: چېگرا جەڭچىلىرى(Brink)
- كېيىنكى يازما > Windows 8 نىڭ ئەڭ يېڭى ئاشكارىلانغان نۇسخىسى ۋە قىسقىچە تەسىرات
بۇنىڭدا ئاجايىپ بىر ھېكمەت بار ئىكەن.
جەمئىيىتىمىزدىكى ياشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچى ئاشۇنداق «ئەتىكى قويرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى» دەپ نىشانسىزلا ياشاپ كېتىۋېرىدۇ.
بۈگۈن مەنمۇ دىۋانغا چىقىپ قاپتىمەنغۇ.
بۇنى مەن بىر يەردە كۆرۈپ بولغاندەك قىلىمەنغۇ.
4يىل بۇرۇن دادام ئۆيلىنەمسەن ياكى ئوقۇمسەن دەپ سورىغاندا ،مەن ئوقۇشنى تاللىغان ئىكەنمەن ھازىر ئويلاپ باقسام… بۇ چاغقىچە بالام ماڭغىدەك بولاتتىكەن …
لىكىن كۆپچىلىك سىلەرمۇ بىلىسىلەر، سەھرالىقلاردىكى ئارزۇ- ئۈمىد دىگەن شۇنداق ئاددىي، سىز كۈندە كۆرۈپ ،ئاڭلاپ قۇلىقىڭىز پىشىپ كەتكەن ئىشلار بەلكىم ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ نىشانى بولۇشى مۇمكىن.
لېكىن خوتۇن ئالمىغانغا ھازىرغىچە ئەپسۇسلىنىسىزدە .
ئەپسۇسلانمىدىم، ھامىنى بولىدىغان ئىشلارغۇ ئۇ، ئالدىرىمىسىڭىزمۇ ھامان بېرىپ شۇيەردە توختايسىز…
سەل ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، تېخىمۇ ياخشىراق ئۆگىنەلمىدىم… باشقىغا ھېچقانداق ئەپسۇسلانمايمەن.
ئوبدان گەپلەر چىقىۋاتىدۇ، داۋامى باردۇ؟
ھاياتلىق ئەنە شۇنداق بولىدىكەن، تۇغۇلۇپلا ھەممىنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمىز، بىراق خېلى ساۋاتلىق بوپ ياشاش يولىنى بىلگەندە ….. ھەي ئۆمۈر ، مەنچە ھەممە ئادەم ئۆزقىزىققىشى ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىشى كېرەك……
خۇداغا شۈكرى مەن ياخشى تېخى خوتۇن ئالماپتىكەنمەن …
تۆۋە، سەھرالىق ماۋۇ تېمىنىڭ توچكىسىنى بۇرىۋېتىپتۇ قاراپ تۇرۇپ .
مەن نەدە ئۇنداق قىلدىم خانقىزھەي، قۇتيارغا بارغاندا قىسقا ئۇچۇردا ئەدەپلەيمەن جۇما سىزنى
كەلگىنىڭىزنى تەدبىركارغا ۋاكالىتەن قىزغىن قارشى ئالىمەن، كىلەر قېتىم يالغۇز كەلمەي، بىر توپ بوپ كىلىڭ،- ھە!!!
ھاجىم خوتۇن ئالىلى ، يۇرىۋەرمەي
تەدبىركار بىلەن شېرىك ئالاي دەمسىز نېمە زىلتار؟
زىلتار، ماندا ئىسكىلىت پېتى يۈرسەڭ خوتۇن تەگمەيداۋە، دەرھال گۇمپىچى مۈشۈكئېيىقتەك سەمرىگىن
ھاجىم خوتۇنلار تەدبىركارغا چوڭ كېتەرمىكى، ئەپ بولاپ ئاندىن ھاجىم قىلسىمۇ كېچىكمەيدا
ئاللا ماۋۇ بالىلارنى….
خوتۇنغا چۈشۈپ كىتىپتۇيا ئەمدى…؟
قارىغاندا كۆزى ئاچ بويتاقلارنىڭ ھەممىسى يىغىلدىمۇ بۇ يەرگە..؟
مۇشۇنداق كىتىۋەرسە، بۇ يەر تورخۇمار ئەمەس، خوتۇن خۇمار بوپ قالغۇدەك جۇمۇ…..!
خوتۇن ئالىلى! خوتۇن ئالىلى دەيمە بويتاقلار! شۇنداق قىلساق گۇناھتىن يىراقراق بولىمىز!…
نېمە قىلاي دەيسىز سەھرالىق ؟ قۇتيارنىمۇ خوتۇنخۇمار قىلىۋەتمەكچىما ؟
ياقەي، سىلەر ئاران بىر كەلگەندە ئالدىڭلارغا قاتتىق- قۇرۇقلا چىقىپ قالدىم ئەمەسما، ئەمدى بويتاقچىلىقتا مۇشۇنداق سەپرا بوپ قالىدىكەن كىشى،خاپومماي قىزلاردىن بىرەر ئەترەت تەشكىللەپ تورخۇمارنى تالان-تاراج قىلىڭلارچۇ! مۇشۇ تورخۇمارغا قىزلار كىرىشتىن قورقامدىكىن دەيمەن…
پات-پات كەپ تۇرۇڭ، تەدبىركار يازمىنى يوللاپ قويۇپ، بىلىق تۇتقىلى قاچىدۇ، دېۋان مەندىن ئاشمايدۇ بولمىسا سىلەرگە!!!
ھە راست ، مەن دائىم كىلەتتىم تورخۇمارغا ، قارىسام قىزلاردىن مەنلا تورخۇمارمۇ نېمە ؟ ئەممازە سىلەر قاراپ تۇرۇپ تورخۇمارنى خوتۇنخۇمار قىلىۋەتسەڭلار تەدبىركار چىللاپمۇ ئەكىلەلمەيدۇ جۇمۇ مېنى
مەن بىر قېتىم باھا يازسام ، بەزىلەر تورخۇماردا قىزلارمۇ بارمۇ نېمە دەپ ھەيران قالغان . ھە نېمە بولسا رىتا سىز باركەنسىز . مەنمۇ تورخۇمارغا كىرىشكە بەك ئامراق .
بۇدا كەلگەندە ئىنكاس يازمىسىڭىز #$%**8878&^&&&&6^^88&**8
بۇدو كەلسەم ئىنكاس يازمىسام قانداق قىلماقچى ؟
بايقاپ يېزىڭ ھە ئىنكاسنى . جەمەت بويىچىلا سەپ تارتىپ كىرىپ سالماي يەنە …….
تېما نەدە قالدى بىز نەدە قالدۇقۇي ،،،،،،؟
ئىم،نېمە موللا توختىيۈزىدىنلا سەپ تارتىپ كېلەي دەمسىزا