ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە رومانتىك ئىش بەلكىم ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن يالاڭئاياق ساياھەت قىلىش بولسا كېرەك…
ياكى يېتەرلىك ۋاقىت يوق، ياكى يېتەرلىك پۇل يوق، شۇنداق تۇرۇپمۇ، بىز يەنىلا ساياھەت قىلىشنى ئالامەت ياقتۇرىمىز، كۆپ قىسىم ۋاقىتتا بۇ ساياھەت پەقەت بىزنىڭ كاللىمىزدا ئارزۇ پېتىلا تۇرۇپ قالىدۇ. ئوخشاش شارائىتتا سېلىشتۇرساق، فوتوگرافلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ مول مەنىگە ئىگە بولۇپ، ساياھەتمۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2005-يىلىدىكى مەلۇم يازدا، فوتوگراف Tom Robinson ۋە ئۇنىڭ قىز دوستى Verity ئەنگلىيەدىكى Brighton دېڭىز ساھىلىدا بىكار ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ پۇتىنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتقان. ئويلىمىغان يەردىن، ئەسلىدە ھېچقانداق مەقسەتسىزلا تارتىلغان بۇ بىر پارچە سۈرەت ئۇلارنىڭ بىر قېتىملىق ساياھىتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ھەر بىر جايدا بارغاندا پۇتىنى سۈرەتكە تارتىپ ماڭغان. ئالدىنقى يىلى ئۇلارنىڭ قىزى Matilda تۇغۇلغاندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئالبومىدىكى سۈرەتلەردە، يەنە بىر جۈپ كىچىك ئوماق پۇت قوشۇلغان، نېمىدىگەن بەختلىك ئائىلە ھە؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر,ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، رومانتىك، ساياھەت، فوتو سۈرەت، فوتوگراف
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,401 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: to-travel-barefoot.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىشنىڭ سوغۇقىنى ئاشۇ گۈزەل ئاپئاق قارلار ئۇنتۇلدۇرغۇسى! 23 پارچە گۈزەل قىش قار مەنزىرە فوتو سۈرەتلىرى
- كېيىنكى يازما > دەرسخانا ئالبومى – كىشىنىڭ ئاجايىپ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بىر يۈرۈش ئوقۇغۇچىلار فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر يۈرۈش تېزلەتمە ساياھەت مەنزىرىلىرى | دۇبەي/شاڭخەي/پارىژ/نورۋېگىيە
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
رومانتىكلىق بەزىدە ئىقتىساد تەلەپ قىلىدۇ.
بەزىدە بىر ئىغىز گەپ بىلەنلا رومانتىكىلىق پەيدا قىلغىلى بولىدۇ.
ئوھ . . .
مىنىڭچە بولغاندا يالاڭئاياق ساياھەت قىلىش دېگەننىڭ ئالدىغا «مەيىن شاماللىق جىمجىت دېڭىز بويىدا» دېگەن گەپنى قوشسا تېخىمۇ رومانتىك بۇلامىكىن دەيمىنا …
چوغلۇقجان تېخىمۇ رومانتىكەن ، شېئرىي كەيپىيات قۇشۇپ ،شېئىرىي!
ئەڭ رومانتىك ئىش قىياغا يامىشىۋاتقاندا، ياندىشىپ چىقىۋاتقان قىز دوستىڭىز «ئا!!….» دەپلا پەسكە چۈشۈپ كەتسە، ئاندىن شارتتىدە قارىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇ ئاللاقاچان تۇمان ئىچىگە كېرىپ كەتكەن بولسا..ئاندىن ئارقان بىلەن ئاستا-ئاستا تۆۋەنگە چۈشۈپ ساقلاپ تۇرسىڭىز…بىرەر سائەتتىن كېيىن ھاۋا بوشلۇقىدىن «قەدىرلىكىم» دېگىنىچە ئۇ چۈشسە …
سىزنىڭ بىشىڭىزدىن ئۆتۈپ باققانما ؟
سىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ، ھىچ بولمىسا ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنسىز !
、ئۇ دىگەن سىياسەتۋاز ھى ھى ھى ھى
سىلەرمېنى تەتقىق قىلىپ كېتىپسىلەرغۇ ؟
پۇتىنى رەسىمگە تارتىپ ئەسلىمە قالدۇرۇش …كىشلەر ئويلاپ باقمىغان ئامالكەن..ھى ھى ھى
خۇدا ماڭىمۇ شۇنداق بەخىتلىك ئائىلىنى نىسىب قىلسىكەن دەيمەن !!!
ئەڭ رومانتىكىلىق ئىش تازا قوساق ئاچقاندا خوتۇن ئوخشۇتۇپ پولو ئەتسە تازا يەۋېلىپ مۇشۇما تاماقما دىيىش
ئالامەت يۈزسىز رومانتىكىكەنغۇ بۇ!
ھەي