قوراللىق ئېتىشىش تىپىدىكى يېڭى 3D ئويۇن: چېگرا جەڭچىلىرى(Brink)
چېگرا جەڭچىلىرى(Brink) ناملىق بۇ ئويۇن بولسا، بىر خىل قوراللىق ئېتىشىش تىپىدىكى 3D ئويۇن بولۇپ، ئويۇندا سىز تاق كىشىلىك، كۆپ كىشىلىك ھالەتلەردە جەڭ ئېلىپ بارالايسىز، ئويۇندا سىز ئوخشىمىغان پېرسوناژنى تاللاش ئارقىلىق ئوخشىمىغان ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىسىز، ئۆزىڭىز ۋە ئىنسانىيەتنى قوغداش ئۈچۈن، ئالدىڭىزدىكى دۈشمەنلەر بىلەن يەكمۇ-يەك بەيگىگە چۈشىسىز…
ئويۇندىن قىسقىچە كۆرۈنۈشلەر:
قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپ:
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: Intel Core 2 Duo2.4GHz ياكى تەڭ دەرىجىدىكى CPU
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB
سىنكارتا: NVIDIA 8800GS ياكى AMD نىڭ Radeon HD 2900Pro ۋە تەڭ دەرىجىدىكى سىنكارتىسى
سېستىما: Windows XP(SP3)/Vista/Windows 7
قاتتىق دېسكا: 8GB بوش ئورۇن بولۇشى كېرەك
قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. پرېستىن يېشىمىز
2. setup.bat نى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
3. يېشىش يامىقىنى ئويۇن قاچىلانغان مۇندەرىجىگە قاپلايمىز
4. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
چېگرا جەڭچىلىرى(Brink) | مەنبە: torhumar.com | يېشىش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,638 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: brink.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > گۈزەللىگىدىن ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان نورۋېگىيە ئاۋرولا مەنزىرىسى…
- كېيىنكى يازما > ئېنىقسىز نىشان: ھاياتىڭىزدا نېمىگە ئېرىشىشنى بەكراق ئويلايسىز؟
مۇشۇنداق ئويۇنلارنى ساقلاپ تۇراتتىم ….
يا ئاللاھ! دىۋان تەگمەپتۇ، بوپتۇ پەگا
دىۋاندىن ئايرىغان خۇدايىم بەندىڭدىن ئايرىماپتۇ دەپتىكەن
لىكىن زە بۇ ئويۇن سەل چوڭدەكمۇ قىلىدۇ، كومپىيۇتىرىم سۆرىيەلەرمۇ، سامۇرايدەك ئويۇنلار بولسا ئوينىسام بولغىدەك
قايسى كۈنى تېخى ۋىرۇس بلوگىدا كۆرۈپ چۈشۈرىۋاتقان ئىدىم، بۇ ئويۇننى پارىس شاھزادىسىنىڭ ھازىرقى زامان قوراللىرى نۇسخىسى دېسەك بولغىدەك…
پارىس شاھزادىسىغا ئازىراقمۇ ئوخشىمايدۇ. 《镜之边缘》گە ئوخشاپ قالىدۇ.
ھەرىكەتلىرىنى دەيمەن، بۇنىڭدىمۇ پارىس شاھزادىسىدەك سەكرەپ يۈرىيدىكەنغۇ…
بۇنداق ئويۇن ننى كۈتۈپ تۇرغان رەخمەت سزگە يەنە ياخشى ئويۇنلار بۇلسا يۇللاپ تۇرۇڭ
مەن تۇنۇگۇن چۇشۇرۇپ ئوينىغان ، راس گەپ قىلسام ماڭا ياقمىدى، ئۆچۇرىۋەتتىم ،
ئورۇن ئەپ قوياي، قولۇم سەل بىسىققاندا ئويۇندىن چاڭ چىقىرۋەتمىسەم
بۇ ئويۇن ھەقىقەتەن ياخشى ….
ئوتۇن دېسە چوقۇم ئويناپ باقىدىغان ئادىتىم بارئىدى …
ئوتۇن ؟ ھە نېمە بولسا خاتا بوپ قاپتۇ .
خىيال قارىغاندا سىز ياغاچچى ئوخشىمامسىز .
ئويونغا بولغان تەلىپى تۆۋەنرەك ئورونلار بولسا ئويناپ قوياي
مەن چۈشىرەل مىدىمىغۇ؟؟؟؟