ئېينىشتىيىننىڭ «بىلىمسىزلىكى»
بىر كۈنى تېلېۋىزوردا بىر پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالا توغرىسىدىكى پىروگراممىنى كۆرۈپ قالدىم. 11 ياشلاردىكى بىر بالا نەق مەيداندا «شىنخۇا لۇغىتى»نى يادلاپ بېرىۋاتاتتى. رىياسەتچى بىر نەچچە خەتنى سورىۋېدى، بۇ بالا شۇ ھامان بۇ خەتنىڭ لۇغەتنىڭ قانچىنچى بېتىدە ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى…
رىياسەتچى گۇمانلانغان ھالد «شىنخۇا لۇغىتى»نى ئېچىپ سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، «توپتوغرا!» دەپ ۋارقىرىۋەتتى. بىر تاماشىبىن ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىدىن ئۆزىنىڭ ئىسمىدىكى ئۈچ خەتنىڭ لۇغەتنىڭ قانچىنچى بېتىدە ئىكەنلىكىنى سورىدى. بالا بۇ ئۈچ خەتنىڭ لۇغەتتىكى ئورنىنىمۇ قىلچە قىينالماي، توغرا ئېيتىپ بەردى. شۇ چاغدا مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. بۇ ئالامەتنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام جاھاندا بۇنداق ئەقىللىق بالىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىگەن بولاتتىم.
نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار تاماشىبىنلارغا بالىسىنى قانداق تەربىيەلىگەنلىكىنى تونۇشتۇردى. ئۇلار ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ، ئاپىسى بالىسىنىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويغىنىدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوغلۇمنىڭ كىچىكىدىنلا تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئالاھىدە ياخشى ئىدى. شۇڭا ئۇ بەش ياشقا كىرگەندە، بىز ئۇنى لۇغەت يادلاشقا زورلىدۇق، توپتوغرا ئالتە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ ئاخىر مانا مۇشۇنداق سەۋىيەگە يەتتى.
پىروگراممىنىڭ ئاخىرىدا، رىياسەتچى بالىدىن: چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىش ئويىڭىز بار؟ دەپ سورىغاندا، بالا ساددىلىق بىلەن «ئالىم بولىمەن، خۇددى ئېينىشتىيىندەك ئۇلۇغ ئالىم بولىمەن» دېدى. بۇ ئۇلۇغ غايە ئۈچۈن، يەنە بىر پەس ئالقىش ياڭرىدى. بىراق، تولىمۇ ئەپسۇس، ئېينىشتىيىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىيالمايدۇ. ئەگەر ئۇ بۇنى ئاڭلىغان بولسا ئىدى، چوقۇم ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولار ئىدى.
ئەينى يىللىرى ئېينىشتىيىن ناتسېستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئۇ چۈشكەن ئايروپىلان ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەندە، ئايرودۇرۇم ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن چىققان كىشىلەر بىلەن تولغان ئىدى. بۇنداق سورۇنلاردا، ئەلۋەتتە، مۇخبىرلارمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇ چاغدا بىر مۇخبىر گەپ تاپالمىغاندەك، ئېينىشتىيىندىن فىزىكا ئىلمىدىكى بىر ساننى سوراپتۇ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئېينىشتىيىن ئۇنىڭغا: «بۇنى بىلمەيدىكەنمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى، بۇ ناھايىتى ئاددىي بىر ئۇقۇم بولۇپ، شۇ مەيداندىكى باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭمۇ كۆپىنچىسى ئۇنى بىلىدىكەن. راستىنى ئېيتقاندا، 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ بۇنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم، بۇ ئادەتتىكى سوئال بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنى چۈشۈرگىسى كەلمەي بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغاندۇ؟
بۇ ئىش بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر كىشى ئېينىشتىيىندىن بۇ ئىشنى سوراپتىكەن، ئۇ بۇ كىشىگىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن: «مەن ھەقىقەتەن ئۇ ساننى ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇ چاغدا ئېينىشتىيىن قارشى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن ھەيران بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ، مۇنداق دەپتۇ: «بۇنىڭغا قىممەتلىك زېھنىي كۈچۈمنى خورىتىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، لۇغەتنى ۋاراقلاپلا تاپقىلى بولىدىغان سانلارنى مەن ئەزەلدىن ئېسىمدە تۇتۇپ باقمىدىم».
ھەقىقەتەن، ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى يادلاشتىن كەلمىگەنىدى.
پىروگراممىنى كۆرۈپ بولۇپ، تۇيۇقسىز قوزغالغان بىر قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە، تورغا چىقىپ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن يەنە شۇنداق چۆچۈپ كەتتىم. ئېلىمىزدە ھەقىقەتەن پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالىلار كەينى-كەينىدىن مەيدانغا چىقىۋېتىپتۇ. لۇغەت يادلىغاندىن باشقا، چەمبەر تۇراقلىقىدىكى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى ساننى 350-خانىسىغىچە يادلىيالايدىغان تۆت ياشلىق قىزچاق، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىرلارنىڭ 1000 پارچە شېئىرىنى يادلىيالايدىغان بەش ياشلىق ئوغۇل بالا، ھەتتا چەمبەر تۇراقلىقىدىكى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى سانلارنى تەتۈرىسىگە يادلىيالايدىغانلار…
ئەجەبا، ئادەم بىرەر لۇغەتنى يادلىۋالسا تىلشۇناس بولۇپ كېتەرمۇ؟ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى 1000 پارچە شېئىرنى يادلىۋالغانلار شائىر بولۇپ كېتەرمۇ؟ چەمبەر تۇراقلىقىدىكى سانلارنى يادلىۋالغانلار ماتېماتىك بولۇپ كېتەرمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق بولسا، بۇنداق پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالىلارنىڭ نېمىگە كېرىكى بار؟
ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم بۇنداق ئىشلارغا قاتتىق بېرىلىدۇ؟ بۇ، ئېھتىمال بالىلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى بولمىسا كېرەك، بەلكى بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ ئابرۇيپەرەسلىكىدىن بولۇۋاتقان ئىش. ئۇلار بۇنداق تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىلەن يادلاش ماشىنىلىرىنىلا بارلىققا كەلتۈرۈدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ قىممەتلىك بالىلىقى ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى نابۇت قىلىۋېتىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئىختىساسلىقلارنىڭ يادرولۇق رىقابەتلىشىش كۈچى ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ يادلاش ئارقىلىق بەلگىلەنمەيدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، بالىلار «ئوكيانۇس»نى يادلىۋالغان، يەنە «ئىنگلىزچە چوڭ لۇغەت»نى يادلىۋالغان تەقدىردىمۇ، يادلاش بىلەن «نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» دەك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ، سىزنىڭچىچۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: بالىلار، تەربىيە، مائارىپ
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: مەكتەپ تورى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,523 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: einstein-and-genius.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئېغىر تەم! «نېرۋىنى غىدىقلاش مۇزىكىسى» ئاڭلىغانمۇ؟ بەرداشلىق بېرىش كۈچىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!!!
- كېيىنكى يازما > مۇنەۋۋەر سۆھبەتلەشكۈچىگە ئايلىنىشتىكى توققۇز مەخپىيەت
- كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان فىلىم – بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان 680 گراملىق بوۋاقنىڭ مۆجىزىگە تولغان بىر يىلى
- ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي رۇخسەت سوراش خېتى
- سىزدە سەنئەت سېزىمى بارمۇ؟ ئەمسە سەنئەتكار بىلەن 4 ياشلىق بالىنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى پەرىقلەندۇرەلەمسىزكىن؟
- ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى
- بۇ رەسىملەرگە قاراپ بۇ ئاتا-بالىنىڭ ئۆز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالامسىز؟ ئۆگەي؟! ياق، ئۆگەي ئەمەسكەن…
- موتسىكىلىت ئۆگىنىشنى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاش كېرەك! موتسىكىلىت مەكتىپىدىكى بۇ ساقىلارنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈڭ!
- ئوماق بالىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بالىلىقتا بىزگە ھەمرا بولغان ئاشۇ كارتون فىلىملەر
- سىز بىلەن بىز ۋەسلىگە يىتەلمىگەن ھېلىقى ئەركىن مائارىپ | ئوقۇغۇچىلار نەزىرىدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپ
- ئۇيغۇر ھەققىدە يالغان پاراڭلار…
- ياپون سىتودېنتلىرى ئىشلىگەن ئاجايىپ مەنىلىك قىسقا فىلىم – پەرزەنت | سىزنى قاتتىق ئويغا سالمىسا ھېساب ئەمەس
پىكىرىڭىزنى قوللايمەن!تور خۇمار بىلوگىغا بۇنداق نادىر تېمىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
دىۋان مېنىڭ بولدىدە بۇگۇن
بۇ ماقالىنى مۇشۇ يىقىندا باشقا بىر يەردە ئوقۇغاندەك قىلىمەنيا
يانداش ماۋزۇدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپتۇ
مىنىڭچىمۇ تەدبىركار ئەپەندى ئويلىغاندەك!مەن بالامنى ئانچە-مۇنچە ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق ئوينىغىلى قويسام ئايالىم كايىپلا كىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مەن:ئارام ئېلىشنى بىلمىگەن كادىر،خىزمەت قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ!-ماۋزىدۇڭ…
خاخا . بۇ ياخشى گەپ بوپتۇ. مەكتەپتىكى چىغىمدىمۇ ، ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ سۇئاللارنى يادىلاڭلار دىگىنى يادىمغا كىلىپ قالدى. شۇ چاغلاردا مەنمۇ «بۇلار چۈشەندۈرۈشنى ياخشى چۈشەندۈرسىلا ، يادىلاشنىڭ كىرىكى يوققۇ » دەپ ئويلايىتتىم . (بىرمۇنچە بالىلار قورقۇمسىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، كىتاپتىكى شۇ قائىدىلەرنى «ھەتتا چىكىت-پەشلىرىگىچە يادىلاپ چىقاتتى . ئەلۋەتتە بۇنىڭغا كىتىدىغان ۋاقىت ۋە زىھىن ئاز ئەمەستە) راس گەپنى قىلسام مەن بۇنداق قارا-قويۇق يادىلاشتىن بەك بىزار .
تەدبىركارمۇ بىكار ۋاقىتلىرىدا ئانچە مۇنچە گېزىت كۆرىدىكەندە
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى توقۇرلۇق مەنمۇ نۇرغۇن ھەيران قالارلىق ئېشلارنى بىلىمەن.ئېسىمدە قالغاننى دەپ باقاي…SONY شىركىتىدە چەمبەر تۇراقلىقىدىكى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى ساننى 20000-خانىسىغىچە يادلىيالايدىغان خىزمەتچى بارمىش،ئەنگىلىيىدە مەخسۇس ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشىلايدىغان كۇرۇس بارمىش،بۇ كۇرۇسنى ئاچقان ؟ئادەم 5-6 روماننى يادىلاپ بوپتىمىش…كۆپ سۆزلەپ قويدۇم
ئاساسى مەزمۇمىنى ئەستە ساقلىۋالسا بولمىدىما ، لوغەت قەھەچىلىكى بولمىغاندىكىن
شىنخۇا لوغىتىنى يادلىسا نېمە پايدىسى؟ يا ساۋاب بولمىسا؟ ھا…ھا…ھا…
قۇرئان يادلىسىچۇ!
ھاھاھاھاھا بەك پەيزى يازمىكەن…
ھېندىستاننىڭ ھېلىقى «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمى تولىمۇ ياخشى جاۋاب بەرگەن بۇ سوئالغا !!!
سىيرىتمىنى ماشىنا دىگەندە سىنىپتىن چقىرۋەتكەندەك دە ،دائىم قائىدە فورمىلا يادىلاش بىلەن ئىش ھەل بۇلاتتمۇ… ؟
ئويلاندۇرۇشقا تىگىشلىك ماقالىدىن بىرنى يېزىپسىز
مەنمۇ قارشى مۇشۇ قارۇغۇلارچە يادىلاش دوگمۇچىلىق ئىدىيىسىگە،خەنلەر شەكىلۋازلىق قېلىشقا ئۆزىنى كۆرسۇنۇشكە ئامراق،ماھىيەتنى ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ شۇڭا ھازىرغقچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۇدەك ئادەم چىقمىدى بىزلەردىن ~!
ما نوبىل مۇكاپاتىنىڭ گىپىنى باشقا يەردە دەپ سالماڭ جۇمۇ ، كائىناتتىكى(كائىنات تورى ) قاسىم سىدىق نوبىل مۇكاپاتى ئالىمەن يۇرۇيدۇ ، ما گىپىڭىزنى ئاڭلاپ قالسا ، قىزغىنلىقىمغا سوغۇق سۇ سەپتى دەپ ، بىر مۇنچە قالپاقلارنى كەيدۇرۇپ ، ئوتتۇرغا تارتىپ ئەچىقىپ پىپەن قىلىدۇ
شەكىل ۋە ماھىيەت ھەققىدە ئيىتقانلىرىڭىزغا قوشۇلىمەن ،
6 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ لۇغەت يادلاپ تېلىۋۇزۇر غا چىقىۋاپتۇ،ئالقىشقا ئېرىشىپتۇ،… بۇ «ئۇ» لارغا نىسبەتەن كاتتا بىر ئىش….
شاھزادەنىڭ گىپى توغرا، بۇنداق قىلىش ئوڭاي ئەمەس ھەي!
نىمە دىگەن تۈگىمىگەن يادىلاشلار بۇ، باشلانغۇچتىن باشلاپ يادىلىساق تاكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە يادىلاپ ئۆتۈپ كىتىدىكەنمىز………………………….
مەن بىرنەرسە يادىلاشقا ئۆچ، بىراق ھازىرقى ئىمتاھانلاردا ئەنە شۇنداقلار يۇقىرى ئالىدىكەن !
نادىر تىما ئىكەن ، بىزدە كەم بۇلاۋاتقان ، ۋە ئىھتىياجلىق بۇلىۋاتقان گەپلەر كەن بۇ!!!
خاتالاشمىسام يادلاش ماشىنلىرنى ئىشلەپچىقىرىشتادۆلىتىمىز1-ئۇرۇنداتۇردىغۇديمەن
مەنمۇ قۇرئاننىي بىر يېرىم يىلدا يادلاپ بولغان ئەرەپچە لۇغەتنىمۇ تۇگىتەي دىدىم