ياپون سىتودېنتلىرى ئىشلىگەن ئاجايىپ مەنىلىك قىسقا فىلىم – پەرزەنت | سىزنى قاتتىق ئويغا سالمىسا ھېساب ئەمەس
سەرەڭگە قېپىدەك ئوخشاش قېلىپلىق ئۆي-قۇرۇلۇشلار، گەپ قىلالمايدىغان(گەپ قىلىشقا بولمايدىغان)بالىلار، نىقاپلىق مۇئەللىم، كۈلرەڭ ئاسمان، تولۇق نۇمۇرلۇق ئىمتىھان قەغەزلىرى، ساختا مۇسابىقە، بىراۋنىڭ ماماتى بىلەن بىپەرۋا كىشىلەر، ھەممە ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن بىر دۇنيادا بارلىق بالىلارنىڭ شەخسى خاراكتىرى قەستلەنگەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ قەدەملىرىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىككە كەلتۈرۈلگەنكى ئەگەر ئاخىرقى نەتىجىسى سۈكۈت بولمايدىكەن ئۇنداقتا چوقۇم ئىسىيان!
مانا بۇ ياپونىيەلىك مەلۇم ئىنىستىتوت ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەسىرى. دىمكۇراتىك ياپونىيەدە خەلىقنىڭ ھېس قىلغىنى مۇشۇنداق بولسا، قارىغاندا پۈتۈن ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ تەقدىرى ئوخشاشتەك قىلىدۇ. تۆۋەندە تورخۇمارلارنى تۆۋەندىكى سىننى تەھلېل قىلغاچ بىزنى قورشاپ تۇرغان ھالاكەتلىك مائارىپ سېستىمىسى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىپ بېقىشنى ۋە ئىلگىرى كۇلۇبىمىزدا قويۇلغان «دۆلىتىمىزدىكى ياش رېژىسورلارنىڭ قولىدىن چىققان كەم ئۇچرايدىغان كلاسسىك مۇنەۋۋەر كارتون ئەسەر: 打,打个大西瓜» سەرلەۋھېلىك يازمىدىكى مەملىكىتىمىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن مەزكۇر يازمىدىكى ياپون پاكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى پەرىق ۋە ئۆزگىچىلىكى ھەققىدىكى ئويلىغانلىرى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىنى سورايمىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوقۇغۇچى، تەرەققىيات، جەمئىيەت، مائارىپ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,522 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: animetaste-children.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دۇنياۋى سەۋىيەدىكى يەنە بىر يۈرۈش «بىليارت ماھارەتلىرى» توپلىمى! ئاغزىڭىزنى ئېچىپلا قالىسىز!
- كېيىنكى يازما > ھامان بىر كۈنى ئەينەك ئالدىدا چاچلىرىڭىزنى تاراۋېتىپ ياكى گالىستۇكىڭىزنى تاقاۋېتىپ شۇنى ھېس قىلىسىز…
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- نورۋىگىيە كوچىسىدىكى كىچىككىنە مۇھەببەت، سىز بولسىڭىز چاپىنىڭىزنى بېرەلەمتىڭىز؟
- 18 پارچە رەسىم سىزگە شەرق ۋە غەرپ ئەللىرىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ
- ئەجەم گۇرۇپىسىدىن يىڭى مىكرو فىلىم : قېرىنداشلار
- 49 ئادەم بىرمۇ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماي ئىشلەپ چىققان قالتىس MV! بۇنىڭدىنمۇ قالتىس بولامدۇ؟!
- ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى
- ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدىكى ئاشۇ گۇزەل مىنۇتلار ھازىرمۇ يادىڭىزدىمۇ؟
- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق كۆچۈرمىكەشلىك ئۇسۇللىرى
- مېنىڭ مەسئۇلىيتىم، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز
ئاھ خۇدا ..
دىۋان
توۋا
دىۋانغا ئازلا قاپتىكەنمە………..
راس مەنىسى چوڭقۇردەك قىلىدۇ….
ئاتا _ بوۋىلېرىمىزنىڭ زامانىسىدا بىزنىڭكىگە ئوخشاش شارائىت يوق ئىكەنتۇق. ياخشى يىمەكلىكلەر ، ئېسىل ماشىنىلار … ئىگېز ئۆلچەملەشكەن دەرسخانىلار……. ئاشۇ چاغلاردىمۇ شۇنداق ئۇلۇغ كىشىلېرىمىز چىقىپتىكەنتۇق…. ھالا بۈگۈنكى كۈندە دەۋرنىڭ ئېھتىياجى شۇنداق بولۇپ قالدىمىكىن ، مۇنتىزىم ئوقۇش ، قوش تىللىق ئوقۇش ، نەتىجىسى 59+1=60 ، قارىسا كۆتۈرەلمىگۈدەك كىتاپ _ دەپتەر ، ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان ساۋاتسىز ….. بۇ دەۋىرنىڭ ئېھتىياجىمۇ؟ ….
ئاخىرىدا كۈلمىگەن بولسا ھېس قىلالمايتىم،ئەتە كىرىپ ئىنكاس ئوقاي.
نېمە دېسەم بولا،..
ئوخشاش كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى بۇزۇپ تاشلاپ شۇ ئىشلارنى باشقىچە ئۆز ئالدىغا دادىللىق بىلەن قىلساق ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنىمىز چۈشكۈنلۈك بولماستىن بەلكى ئىچى-ئىچىمىزدىن چىققان شات خوشاللىق.
يۈكسەك دەرىجىدە سانائەتلىشىش (تەرەققىيات) يۈكسەك دەرىجىدە ئۆلچەملىشىش (قېلىپلىشىش)
ئادىمىلىكنىڭ يوقىلىشى (مۇھەببەت دەيمىزمۇ-يا!)
ھازىرقى مائارىپ تۈزىمىنى ناچار دىيىشكىمۇ بولمايدۇ، ناچار يېرى بولسا ئېغىزدىكى ئۇلۇغۋار غايىلەرنىڭ ھەر قايسى چىكىرلەشكەنلەرنىڭ قولىدا مەنپەئەت تەرىپىدىن ئەمەلىيلەشمەسلىكىدۇر~
ھازىرقى ئۆگىنىش بىسىمىنىڭ ئېغىرلىقىنى ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپتۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا ئا بالا نىمىشقا كۈلىدۇ ؟ كۈلگىنىنىڭ مەنىسى نىمە ؟ تازا چۈشەنمىدىم ، چۈشەنگەنلەر ئويلىغىنىڭلارنى دەپ باقساڭلار
شۇنچىلىك ياشاپ تۇنجى قېتىم قېلىپتىن چىقىپ ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلالىغىنىغا خوش بولغاندەك قىلىدۇ.
مەن پەقەت چۇشەنمىدىم دەپ بەرسەڭلار قانداق مەنسىنى
ئۇ بالا شەخسىيەتچىلىكىنى يېڭىپ ئاۋۇ ئىتنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى،
مەك مەنىلىك مۇ مەن چۇشۇنۇپ بۇلالمىدىميا
ھازىرقى مائارپ سىستېمىسى راستىنلامۇشۇنداق بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئاتالمىش قوش تىل مائارپى ھەممىمىزنى گۆرگە ئىتتۈرىدىغان بولدى.
راس ئوقوش بەك تەس پەن لەرنىڭ كۆپلىكىچۇتىخى مەن ياخشى ئوقوپ بولامماي ئۆلىۋىلىشنىمۇ ئويلىغان
بۇ كەلگۇسى دۇنيانىڭ ماشىنىلىشىپ ئادەملەرنىڭمۇ ماشىنىلىشىپ كىتىدىغانلىقىنى يەنى بىر خىل قىلىپتا ياشاپ ئاخىرى ھەممە ئىسيان كۆتۇرۇپ شۇ قىلىپ ئىچىدىن چىكىتىپ ئۆزى ئويلىغىنىنى قىلىشنى باشلايدۇ . ھەم ئاۋۇ بالىنىڭ ئۆلگىنىدەك ئۆز قىلىشقا تىگىشلىك ئىششنى قىلىپ بوپ ياكى قىلالماي ئۆلگەندىن كىيىن ياكى خۇشاللىق كۈلكىسى ياكى ئاچچىق ھەسرەت كۈلكىسى پايدا بولدىغاندەك ھىس قىلدىم . ئىنسانىيەت ئەنە شۇنداق يەنى مۇشۇ ئاسىيا تەرەپنىڭ مائارىپى .
باشقا يەرنىڭ دەرىس كۈنى يىرىم كۇن . قالغان ۋاقىتتا دەرىسنى ئەمىلىيەت بىلەن ئۆزلەشتۇرىدىكەن . ئاسىيادا پۇتۇن كۇن دەرىس . كەچتە لىققىدە تاپشۇرۇق . ئاخشىمى ياخشى بولمىغان ئۇيقۇ . ئەتىگەنكى سولاش دەرىس كەيپىياتى . شۇنىڭدەك .
بۇ پىكىرنى توغرا تاپتىم
ئادەملەرنى بىرقىلىپتا ئۇقۇتۇش ئۇلارنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ ماشىنا ئادەمدىن پەرقى يوق قىلىش كۈچۈرۈپ يازىدىغان دوراپ قىلىدىغان قىلىش .
تەپەككۇر قىلسا بۇلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرامدۇ نىمە؟
بۇلغانغان مۇھىت، بۇلغانغان ئادەم، بۇلغانغان ئىددىيە…
ئەركىنلىككە تۇتىشىش…
مۇھىت بۇلغىنىشى توغرىسىدىكى مەسىللەر، ئېغىزىدا سىيرىتما تۇرىدۇ، بۇلغانغان ھاۋا كىرمىسۇن دەپ.
مەنىلىك فىلىمكەن.
بۇ بالىلار ئەجەپ مەھبۇسلارغىلا ئوخشايدىكەن..مۇئەللىمنىڭ يۈزىدە نىقاپ باركەن..بۇ بالىلار راسلا بەك بىچارىكەن، ئۆگىنىش بېسىمى ھەددىدىن زىيادە ئوخشايدۇ،ھەممىسىلا 100نۇمۇر ئالىدىكەن يۇ بىراق قەتئىلا خوش بولمايدىكەن،يەنە توپ ئويناپمۇ خوش بولمايدىكەن ۋارتاغا توپ كىرگۈزۈشكىمۇ قىززىقمايدىكەن توپ ۋارتا ئالدىغا كەپ قالسىمۇ ھېچكىم قىمىرلىمايدىكىنا؟! ئەركىن يۈرگۈزەلمەيدىغان ئوخشايدۇ…يەنە مۇھىت راسلا بەك بۇلغانغان تاملار چاك كەتكەن مەكتەپ بەئەينى بىر تۈرمىگە ئوخشاش
ھەقىقى تۈردە مۇشۇ بىر فىلىمنىڭ مەنىسىنى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ چۈشۈنۈپ يىتەلمىگەنلىكىدىن بىر ئاز ئۈمۈتسىزلەندىم . بولمىسا شۇ دەرىجىدە سىموۋوللىقا ئىگە.
مىنىڭ چۈشەنچەم: مەكتەپ مائارىپىنى بىر خىل قىلىپقا ئوخشاتقان ئوقوغۇچىلار،خۇددى پىرەنىك قىلىپىدەك ھەممىسى ئوخشاش.ئۆزگىچىلىكى يوق ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ بىر خىل بۇلغىما قويۇپ بىردىغان زاۋۇتغا سىمۇھۇل قىلىنغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى يوق،، ئۇنى ئىغىزىنى سىرىتمىلانغان ھالەتتە سىمۇھۇللاشتۇرۇلغان،سىرتمىلانغان، ياكى ئىغىزى ئىتىك نەرسىنىڭ ئىچىدە نىمە بارلىقىنى ئاخىردىكى ۋەقەلىك ئارقىلىق بىزگە ئىنىق يۇرۇتۇپ بىرىپتۇ…ئۇ بولسىمۇ .ئەركىنلىك ، ئىتراز،،قارىشلىق…..ئىشقىلىپ مۇشۇنداق چوڭقۇر ئىدىيەنى پەقەت كارتۇن تىلى ئارقىلىقلا ئىپادىلەپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.
بەك مەنىلىك ئكەن
گەپ بىر : بېسىم قانچىلىك ئېغىر يەردە قارشىلىق شۇنچە ئىغىر بۇلىدۇ…