دۆلىتىمىزدىكى ياش رېژىسورلارنىڭ قولىدىن چىققان كەم ئۇچرايدىغان كلاسسىك مۇنەۋۋەر كارتون ئەسەر: 打,打个大西瓜
بۇ قىسقا فىلىمنىڭ خەنچە ئىسمى “打,打个大西瓜”، ئېنگىلىزچىسى بولسا See Through. بۇنى بىر جۇڭگولۇق ياش يىگىت 3 يېرىم يىل ۋاقىت چىقىرىپ 16 مىنۇتلۇق قىسقا فىلىمنى ئىشلىگەن بولۇپ بۇ قىسقا فىلىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يۇقىرى باھالارنى بەرگەن ۋە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى 22 كەسپى مۇسابىقىدە 26 كەسپى تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن (12-نۆۋەتلىك ياپونىيە TBS Degicon6 رەقەملىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن ،26-نۆۋەتلىك گىرمانىيە قىسقا كارتون فىلىم مۇسابىقىسىدە باھالىغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن…) تورداشلار تەرىپىدىن «ئەڭ ياخشى تور ئىجادىيەت قىسقا فىلىمى» دەپ باھالانغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىجادىيەت، فىلىم، قالتىس، قىزىقارلىق، كارتون، كىنو
- يازمــا مەنبەســى: چەۋەندازلار بلوگى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,620 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: see-through.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > رېئال تۇرمۇشتىكى مەنزىل تونىلى(Portal)! ئەگەر بۇ راست ئەمەلىيەت بولىدىغان بولسا دۇنيادا بىخەتەر بانكا قالمىغۇدەك!
- كېيىنكى يازما > ئاستىلىتىلغان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق سىزگە قاتتىق دېسكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قانداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قوياي
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
كۆرۈپ قۇيۇشقا ئەرزىگۈدەك.
بۇنى مەن كۆرگەن …ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم
ھەقىقەتەن پىچچەت فىلىمكەن!
بۇنى ئىلگىرى بىر بلوگدا كۆرگەن ئىدىم ، ھەم بەك ياقتۇرغان .
ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنىلىك فىلىمكەن
بۇ قىسقا فىلىمنى كۆرگەندە، سىياسىي كاللا ۋە ھەربىي تېخنىكا تەرەپتىن ئويلىشىپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنچە بۇ ھەرگىزمۇ ھەربى تېخنىكا ۋەياكى سىياسى كاللا بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەن!سەن ھەرقانچە كۈچەپ،جاپاتارتىپ كەتكىنىڭدىن قەتئىينەزەر بەرىبىر باشقىلارنىڭ قولىدا ئوينىتىۋاتقان بىر قول قارىتا بولىشىڭ مومكىن خالاس!…
بۇنىڭ باش تېمىسى تىنىچلىق، تىنىچلىق سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلاردىن ئايرىلالمايدۇ! بۇ ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنى توردىن ئىزدەپ تاپالايسىز!
بۇ كارتوننىڭ مەيلى ئىلگىرى سۈرگەن ئىددىيەسى بولسۇن، مەيلى يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا بايلىقى جەھەتتە بولسۇن راستىنلا نادىر كارتون ئىكەن. ماڭا بەك ياقتى.
بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم…
بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ مەزمۇنى ناھايتى چوڭقۇر ئىكەن.
دېققەت قىلىپ كۆرۈڭلار،بىزنىڭ مىللىتىمىنىڭ ئۇسسۇلى بار ئىكەن،كىم كۆرەلىدى؟
مەن كۆردۈم…………ئەمما لىكىنزە‹ئۆھھۆ› دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ئۆتۈپ كىتىدىكەن
بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ قايسى ئۇسۇلى باركەن ؟ مەن تازا پەرىق ئېتەلمىدىم ، ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر
ئەڭ ئاخىرىدا كىشىلەرنىڭ ئىسمى چىقىدىغان چاغدا قارىسام لى جياچېڭ ،ما يۈن ،شى يۈجۇ قاتارلىق داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمى تۇرىدۇغۇ
ھەيران بولمىسىڭىز مۇ بولىدۇ، جاپانى سىز تارتىپ قىلغان ھەر بىر ئىشىڭىزغا ئاخىردا داڭلىقلىرىمىز، رەھبەرلىرىمىز تەڭ شېرىك بولىدىغان ئىش ھەممە يەردە بار…
بولىدىغان كارتونكەن مەنىسى خىلى چوڭقۇركەن . سۈۋەرەكنىڭ دىگىنى خىلى ئورۇنلۇق ئىكەن . مەنمۇ شۇنداراق چۈشەندىم . لىكىن تور خۇمار ئۇستازغا رەھمەت .!