رېئال تۇرمۇشتىكى مەنزىل تونىلى(Portal)! ئەگەر بۇ راست ئەمەلىيەت بولىدىغان بولسا دۇنيادا بىخەتەر بانكا قالمىغۇدەك!
بەلكىم نۇرغۇن تورخۇمار دوسلىرىمىز يېقىندا ئېلان قىلىنغان كاللا ئىشلىتىش تىپىدىكى ئويۇن Portal (مەنزىل تونىلى) نى ئويناپ باققان ياكى شۇ توغۇرسىدكى فىلىملارنى كۆرۈپ باققان بولىشى مۈمكىن. ئويۇندا ئوينىغۇچى ئالاھىدە قورال سەپلەنگەن ماشىنا ئادەم ئارقىلىق ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغان بولۇپ، ئۇ قورال ئارقىلىق ئىككى يىپىق نۇقتىدىن ئۆز ئارا ئۆتۈش ئېغىزى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە مەزكۇر قورال بۇ ئويۇننىڭ قىززىق نۇقتىسى بولۇپ يىڭىچە بىر خىل ئىجادى تەسەۋۋۇرنىڭ مەھسۇلى بولغاچ ئادەمنى بەكلا قىززىقتۇراتتى. يېقىندا پەرەڭلەر مۇشۇ خىل تەسسەۋۇر ئاساسىدا بىر قىسقا فىلىم ئىشلەپ توردا ئېلان قىلغان بولۇپ قارىماققا ئادەمگە راستەك تۇيغۇ بېرىدۇ. كۆرۈپ بولۇپ شۇنى ھېس قىلىسىزكى، ئەگەر بۇ بىر كىرىشتۈرمە فىلىم بولماي ئەمەلىيەت بولىدىغان بولسا دۇنيادا بىخەتەر ئالتۇن ئامبىرى قالمىغۇدەك !
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، سىرلىق، فانتازىيە، قالتىس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,835 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: terminal-velocity-portal-short.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ما ئاداش راس زېرىكىپتۇ: راس پىچاق بىلەن Galaxy S III دە مېۋە كېسىش ئويۇنى ئويناش
- كېيىنكى يازما > دۆلىتىمىزدىكى ياش رېژىسورلارنىڭ قولىدىن چىققان كەم ئۇچرايدىغان كلاسسىك مۇنەۋۋەر كارتون ئەسەر: 打,打个大西瓜
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
بۇ دىۋانمۇ مىنىڭ بوپتۇ دە؟!
ئوللللللااااااا ، كىچىكىپتىمەن ھە ، خەپ دىۋاننننن
ئالامەت پەيزىكەن! ئا ئاداشنىڭ دەۋرىي پورتالغا كىرىپ قېلىشى ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقىش. ھاھاھا…
ھاھا ئاۋۇلار ئۇقۇشماي ئىككى نۇقتىنى بىر بىرىگە ئۇلاپ قويۇپ تۈگىمەس قىلىۋاپتۇ
ھەي مۇشۇ نەرسە ئەمىليەتتە بولمامدۇ خەپ
ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق نەرسىلەر بولمىغاي
مەن قارىسام بۇ قورالنىڭ قانۇنىيىتىدە ئېتىپ تەككۈزگەن يەردىن كىرىش تونىلى ئېچىلىدىكەن، ئوخشاشلا ئىككىنجى قېتىم ئېتىپ تەككۈزگەن يەردىن چىقىش تونىلى ئېچىلىدىكەن. ئەمدى ۋىروسنىڭ بىخەتەر بانكا قالمىغۇدەك دېگەن گېپىگە رەددىيە بېرەيمۇ
ھازىرقى بانكىلار ئاساسەن 6 تەرىپى مەھكەم تاملار بىلەن توسۇلغان بولىدۇ. پەقەت ئىشىكتىنلا كىرىپ-چىقىدۇ. بانكا تاقاق ۋاقتىدا دېمەك 6 ئەتراپى مەكەم تاقىلىپ يوچۇق يوق دېگەن گەپ. بۇ قورال بىلەن بانكا تاقاق ۋاقتىدا بانكىنىڭ سىرتقى تېمىدىنلا كىرىش تونىلىنى ئاچقىلى بولىدۇ.ئەمىسە چىقىش تونىلىنى نەگە ئاچالايمىز؟ يەنىلا شۇ تامنىڭ سىرتىغا ئاچالايمىز. ئەمدى كىرىپ چىقساقمۇ بانكىنىڭ تېشىدىن كىرىپ يەنە تېشىغا چىقىپ قالدۇق. سىز چوقۇم تاقاق ۋاقتىدا قول سالىسىزغۇ دەيمەن. بولمىسا ئوچۇق ۋاقتىدا قول سالسىڭىز بۇلاڭچىلىق قاملاشماي قالسا قورالىڭىز بىلەن سىزنى تۈگىمەس قىلىپ قويىدۇ. ئالتۇن ئامبارلىرى بانكىلاردىنمۇ مۇستەھكەم. بۇ قورال يەنىلا ئەسقاتمىغۇدەك
راست دەيدۇ بۇ ئاداش…تورخۇمار ئۇقۇشماي دەپ قويقىنىغا تويغۇزىۋەتتى دىسە
ئوھوي! نەچچە كۈن كىرمىسەم تەھلىللەر قىززىپ كېتىپتىغۇ؟ سىندىكى ئەھۋالدىن قارىسامغۇ دېگىنىڭىز راستتەكمۇ قىلىدۇ. ئەگەر راستنلا بانكا بۇلاش توغرا كەلسە، بۇ بۇلاڭچىلار ئىچى تېشىدىن تىل بىرىكتۈرۈشى كېرەككەن.
ئاشۇرۋەتتىمۇ قانداق؟ ۋاقىت زامان تونىلى پەيدا بولغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم مەن…
بۇ خىل تىخنىكا ئۈچۈن باش قاتۇرۋاتقان ئالىملىرمىز ئاز ئەمەس . يەنە دىسەم يەنە شۇ ، 2 نوقتا ئارسىدىكى ئارلىقنىڭ تۈز سىزىق ئەمەسلىكى ئىسپاتلانسا ، بۇ تىخنىكىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ