ئۆزگىچە يەنە بىر خىل تىپتىكى قوراللىق FPS ئويۇنى : Portal2(مەنزىل تونىلى)
مەنزىل تونىلى(Portal2) بولسا HL2 ئويۇن موتۇرى ئىشلىتىلىپ ياسالغان FPS تۈرىدىكى بىر خىل ئويۇن، ئالدىنقى ئەۋلاد Portal نىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر يېڭى نەشىرىدە نۇرغۇنلىرىغان يېڭى قوراللار ۋە مەيدانلار قوشۇلغان، ئويۇننىڭ ۋەقەلىكى بىرىنچى ئەۋلادقا زىچ باغلانغان.
ئويۇن توغرىسىدا جىق چۈشەندۈرمەي، ئاۋال بىر قانچە سىن كۆرۈۋېتەيلى.
ئويۇن مانا مۇشۇ خىل ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن. يەنى ئوينىغۇچىنىڭ قولىدىكى قورال ھەرگىزمۇ پەقەت دۈشمەننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنلا لايىھەلەنگەن ئەمەس، بەلكى پۇرسەت كەلگەندە تاملارغا، يەرگە ئېتىپ چىقىش ئېغىزى شەكلىدە بىر مەنزىل تونىلى ياسىغاندىن كېيىن ئاندىن شۇ جايدىن باشقا بىر مەنزىلگە ئۇزاپ كەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئۆزگىچە ئۇسۇل ئارقىلىق يوشۇرۇن قوراللارنى ئىزدەپ تېپىش ۋە باشقا سىرلارنى يېشىپ چىقىش، ئويۇن ئوينىغۇچىلارغا نىسبەتەن يېڭىچە تۇيۇلىشى مۇمكىن ئەلۋەتتە. ناۋادا سىزنى قىززىقتۇرالىغان بولسا، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. پرىستىن يېشىمىز
2. setup.bat ھۆججىتى ئارقىلىق قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
3. يېشىۋېتىش يامىقىنى ئۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئويناشنى باشلىساق بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ):
Portal2 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | يېشىش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: FPS، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: portal2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تۆت يىل ساقلاتقان كلاسسىك گىگانت ئەسەر: Max Payne 3 ئاخىرى ئېلان قىلىندى!
- كېيىنكى يازما > ناۋادا موگو(Super Mario) ئويۇنى ھازىرقى دەۋردە ئىجاد قىلىنغان بولسا، بەلكىم مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئىدى…
- 拳皇 2011 ھەقىقى ئادەم نۇسخىسى – چەتئەللىك COS چىلارنىڭ قىلىقىنى كۆرۈڭ، سەت مازكەن
- «يەرشارى فىلىم ئېكىسكۇرسىيىسى 2013» – توردىكى ئۇنۋېرسال كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى، قالتىس چىقىپتۇ
- ھەزىللەشتۈرۈلگەن COD پۇرىقىدىكى «مارىيو جېڭى» فىلىمى، ئۈنۈملىرى خۇددى چوڭ كىنولاردىكىدەكلا چىقىپتۇ
- پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى – يېڭىسى چوقۇم كونىسىدىن ياخشى بولۇشى ناتايىن
- مۇردىلار تېمىسىدىكى يەنە بىر نادىر ئويۇن – بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس : ۋەھىينامە
- «جەڭگاھ 4»نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلىنىپتۇ، بۇدا شاڭخەينى پارتلىتىپ ساراڭ قىلامدۇق نېمە؟!
- بۇ بىر يېڭى ئويۇن – «ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر: گۈللۈكتىكى جەڭ» ئەڭ يېڭى CG كۆرۈنۈشلىرى
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ئەرۋاھ» نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى! سۇ ئاستىدا ئاپشاركا بىلەن جەڭ قىلامدۇق نېمە؟
- ACT تىپىدىكى بۇ يىلقى نادىر ھەرىكەتلىك ئويۇنلارنىڭ بىرى: ئۇنۇتما(Remember Me)
- «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2: زامان ھالقىش» iOS نەشىرى كېلەر ئاينىڭ ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى!
دىۋان ……
پەچەت ئۇيۇنكەن جۇمۇ بۇ ،
دىۋانمۇ بۇ يا؟؟!!
ئېتىڭىز ھېرىپ قاپتۇ
پەگا دەيمىز بۇ يەرنى
دىۋان تۈگىدى
كىنوخانىنى يىڭىلىمايمىزمۇ ؟ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن باشقا يەرگە بارغۇم كەلمىدى. يا يىڭى كىنو چىقمىدى
ۋاي بۇنى كۆرمىسە تەستەك قىلامدۇ نىمە…بىر تىرىكىپ باقاي قىنى … نارۇتونىڭكى بولسا ئوينايتتىم..
قىززىق ئويۇندەك قىلىدۇ، قېنى ئاۋۋال بىر ئويناپ باقاي
مەنچە دەششەت كاللا ئشلىتىدىغان ھەم قىزىقارلىق تەك قىلىدۇ….pcبولغان بولسا ئوينايتىم.
暗黑血统نىڭ ئاخىردا مۇشۇنداق يەرلىرى بار.لىكىن بەك پىچەت ئويۇنتى ئۇ.
مەنچە ياخشى ئويۇندەك قىلىدۇ ….