ما ئاداش راس زېرىكىپتۇ: راس پىچاق بىلەن Galaxy S III دە مېۋە كېسىش ئويۇنى ئويناش

real-knife-fruit-ninja

SAMSUNG نىڭ بۇ يىلقى مودا مەھسۇلاتى Galaxy S III بازارغا سېلىنغىلى بىر مەزگىل بولۇپ قالدى، Galaxy S III ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سەپلىمىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئېكراننىڭ سىرتى قىسمىغا corning نىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئەينىكى سەپلەنگەن، بىرىنچى ئەۋلادقا قارىغاندا بۇ ئەينەكنىڭ سۈركىلىشكە ۋە ئۇپراشقا بولغان چىدامچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى.

ھازىر بىر تورداش بۇ ئىككىنچى ئەۋلاد ئەينەكنىڭ چىدامچانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىش ئۈچۈن، بىر دانە پىچاق بىلەن Galaxy S III دە مېۋە كېسىش(Fruit Ninja) ئويۇنى ئويناپ باققان، بۇ تورداشنىڭ دېيىشىچە، ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئېكراندا ھېچقانداق زەخمە بايقالمىغان.

مەن Galaxy S III نى تۇتۇپمۇ باقمىدىم، ئەينىكى راستىنلا مۇشۇنداق چىدامچانمۇ تېخى ئۇقمايمەن. بىراق كۆپچىلىككە مەسلىھەتىم: پەقەت كۆرۈپ ھوزۇرلىنىپ قويسىڭىز بولدى، ھەرگىزمۇ دوراپ يۈرمەڭ! كۆپچىلىكنىڭ يانفونىنى ئاسرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. دىۋانچى 2012.06.22 , 17:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە بىر داىۋان:se:

  2. بەگزادە 2012.06.22 , 18:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە بىر دىۋان يوق بولدى

  3. Forever 2012.06.22 , 18:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاختىغا مىخ قاققان كۆرۈنۈشلىرى بولىدىغان …..:arrow:

    • نۆل ۋە بىر 2012.06.22 , 18:51

      قېنى شۇ كۆرنۈشلەر؟!

    • Forever 2012.06.22 , 20:49

      http://v.youku.com/v_show/id_XNDAyODczODQ4.html
      مانا !
      يەنە پىۋىنىڭ ئاغزىنى ئاچىدىغان كۆرۈنۈشلىرى بار ئىدى .

    • Forever 2012.06.22 , 20:53

      نوكىيا Lumia 900 نىڭمۇ بار
      http://v.youku.com/v_show/id_XMzk5NTgyMDY0.html

  4. jailbreakme 2012.06.22 , 18:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    http://www.gamersky.com/Soft/201206/36383.shtml

    ما ئويۇننى تەۋسىيە قىلغىلى بولامۇ؟

  5. نۆل ۋە بىر 2012.06.22 , 18:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تىلفون راسلا شۇنداق ياخشى…لىكىن مەن سىتىۋالمايمەن.چۈنكى مەن دورامچۇقلۇقنى ياخشى كۆرمەيمەن.:arrow:

  6. روھچىن 2012.06.23 , 00:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۆمۈرنى سەزمەيدىغاندۇ ئېكران . . . ساختىسىمۇ يا

  7. ئابدۇرېشىت ئېلى 2012.06.23 , 11:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كېسىدىغان پىچاق بولۇشى ناتايىن

  8. سەھرالىق 2012.06.24 , 11:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Galaxy S II ياخشىمىكىن دەيمەن، بۇكاساپەت جۇڭگو بازىرىغا كىرگۈچە كىم بار كىم يوق…

  9. نەۋقىران 2012.06.24 , 12:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار تۆمۈرنى سەزمەيدىغاندۇ ئېكران . . . ساختىسىمۇ يا
    راس دەيسىز مەن سىنپ باقتىم ھىچ ئىشلىمىدىغۇ يالغنچىلىق

  10. جاھانكەزدى 2012.06.24 , 13:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەيزىكەنغۇ!

  11. جاھانزات 2012.06.25 , 18:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چوقۇم پىچاق ساختا

  12. hiyal501 2012.06.30 , 00:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىكىرانى خىلى جىڭكەن ھە ئاۋۇ تىلىفۇننىڭ :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  13. ~قاراقچى~ 2014.04.04 , 19:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق كەسكىلى تۇرسا ، مېنىڭ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى ئاۋۇ تېلىفۇنغا :???::???::cry:

  14. كارتوس 2014.08.14 , 22:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىشىنىمە جۇمۇ باللا مەن قەشقەردە ئۆز كۆزۈم بىلەن سامسۇڭ يانفۇنىدا ئۈچكە چاققاننى كۆرگەن ئۇ تىلفۇن ھەقىقىي كورىيەدە ئىشلەنگىنى ئىكەن.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量